خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتى

خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتى

خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتى جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ماناس ناھىيەسى گە جايلاشقان، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەتچىلىك، دەم ئېلىش بىر ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﺷﻜﻪﻥ تەبىئىي ئىستىراھەت كەنتى.

ئۇيغۇرچە نامى خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتى
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ماناس ناھىيەسى
كۆلىمى 2600 مو
داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى يېغىلىق دەۋرىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقى
خەنزۇچە نامى 黑梁湾山庄
كلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
دەرىجىسى دۆلەتنىڭ AAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتىخېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتى جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ماناس ناھىيەسى گە جايلاشقان، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىشى، ساياھەتچىلىك، دەم ئېلىش بىر گەۋدىلەشكەن تەبىئىي ئىستىراھەت كەنتى. دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى 2006-يىلى بۇ خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتىنى دۆلەتنىڭ AAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارىغا كىرگۈزگەن. 

خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ماناس ناھىيەسى باۋجادەن بازىرى 312-دۆلەت يولىنىڭ جەنۇبىغا ئالتە كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا  جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 16 كىلومېتىر كېلىدۇ. تاغلىق يەر كۆلىمى 2600 مودىن كۆپ بولۇپ، ماناس ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ قىشلاق مەنزىرە شەكىللىك ئىستىراھەت دەم ئېلىش ساياھەت مەنزىرە رايونى. ماناس خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتى ئېگىز تاغلىق مارتاس دەريا قار سۇلىرى، ئۇسلۇب جەھەتتە «تەبىئەتكە قايتىش»تىكى تاغ، سۇ ۋە باغنى ئاساس قىلىدۇ، گەۋدىلىك تەبىئىي ئالاھىدىلىكى، نەپىس، ئىللىق تۆت يۇلتۇزلۇق داچا، ياۋروپاچە داچا، بېيجىڭ شەكىللىك چاسا قورۇ، شىمالىي شەنشى شەكىللىك گەمە، كۆپ ئىقتىدارلىق يۈرۈشلەشتۈرۈش مۇلازىمەت قىلىش -كۈتۈۋېلىش مەركىزى ۋە تەربىيىلەش مەركىزى قاتارلىق بىناكارلىق، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىرتتا توپ تۈرلىرى مەيدانى، بېلىق تۇتۇش كۆلچىكى، يىغىن زالى، چاڭغا مەيدانى، يول ۋە 800 مىڭ مو تۆپىلىك ئورمان بەلۋېغى، يەنە يېغىلىق دەۋرىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ قەدىمىي قەبرىستانلىق خارابىسى بار، شۇڭا، ماناس خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتى تاشقى ئىقتىساد، ساياھەتچىلىك، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم كۆزنەك. 

خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتى2005-يىلى، ئۇ خېيلياڭۋەن كەنتىدە دەسلەپتە ئىنسانلار 2 قەبرىنى بايقىغان، قەبرە ئازگالى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تىزىلغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 300 كۋادرات كىلومېتىر. 1-نومۇرلۇق قەبرىدىن قېزىپ بىر باشسىز ئەرنىڭ سۆڭەكلىرى يەنە بىر يەككە قارا ساپال ئىستاكان ۋە بىر سۆڭەكتىن ياسالغان پۇت زەنجىرى قېزىۋېلىنغان. ساپال ئىستاكان ئېگىزلىكى 7.8 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى 7.5 سانتىمىتىر، تۈز تەگلىك، نەپىس، تومۇرى ئىنچىكە، قاتتىق. پۇت زەنجىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30 سانتىمېتىر، 33 ھالقىلىق ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىدىن ئىنتايىن نەپىس ياسالغان.

2-نومۇرلۇق قەبرىدە ئەر-ئايال بىللە دەپنە قىلىنغان قەبرە ھېسابلىنىدۇ، ھەمدەپنە بۇيۇملىرىدىن، مىس ئەينەك، ئادەمگە ئوخشايدىغان ئالتۇن قەغەز، ھەمدەپنە ئات ۋە ئاق تاشتىن ياسالغان سايمان بۇيۇملار قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، مىس ئەينەك ۋە ئاق تاشتىن ياسالغان بۇيۇملار ئايال خوجايىننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئالتۇن پورترېت ۋە ھەمدەپنە ئات بولسا، بۇ قەبرىدىكى قەبرە ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتى ئورۇندا تۇرىدۇ. 

خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتىقار-مۇز سەيلىسىنىڭ تولۇق نامى قار-مۇز ساياھەت مەنزىرىسى، ماناس ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالاھىدە پائالىيەت بايرىمى، قار-مۇز ساياھەتچىلىكى، مىللىي ئۆرپ–ئادەت، تەنتەربىيە ماھارەتلىرى ۋە ماناس مەدەنىيىتى قاتارلىقلار ئۆزگىچە بىرلىشىپ كەتكەن. ھازىرغا قەدەر، ماناستا 4 نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزلگەن، بۇلار ئىچىدە، 2011-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك «سېھرىي قار-مۇز پەسلى، ماناسنىڭ قار-مۇز بايرىمى ۋە 2014-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك « رومانتىك قار-مۇز پەسلى، ئىناق ماناس» قار-مۇز بايرىمىنىڭ ھەممىسى خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن. 

قار-مۇز بايرىمى مەزگىلىدە، خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتى مول يەرلىك ئالاھىدە مۇز ھەيكەل ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى يولغا قويىدۇ، قار ئۈستىدە چېلىشىش، قار ئارغامچا تارتىشىش، قار CS ئادەم بىلەن قارشىلىشىش، مۇسابىقە يولىدا چاڭغا تېيىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر، ساياھەتچىلەر قانغۇچە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى بىلەن بىر ۋاقىتتا، قار-مۇز بايرىمى، ھەر خىل پائالىيەتلەردىن قانغۇچە بەھرىمەن بولىدۇ.

چاڭغا مەيدانى

ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 360 مولۇق تەبىئىي قار تېيىلىش مەيدانى، قار يانتۇلۇقى ئۇزۇن، كەڭلىكى تەخمىنەن 480 مېتىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئۈسكۈنىلىرى تولۇق، قاتناش ئەڭ قولايلىق بىر تەبىئىي شەكىللەنگەن قار تېيلىش مەيدانى. 

قار تېيىلىش مەيدانى خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتىدىكى تاغلىققا جايلاشقان، خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 مېتىر كېلىدۇ. قار تېيىلىش مەيدانىدا چوڭ تىپتىكى ئىككى دانە قار يولى، ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ماس كېلىدىغان چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى، يەنە مۇز تېيىلىش، قارلىق موتوسىكلىت، يەككە قوش تاختا چاڭغا تېيىلىش، تېرە سىلىق ھالقىشى، چانا قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ساياھەتچىلەرنى تولۇق سۈرئەت ۋە ھېسسىياتنى ھېس قىلدۇرىدۇ. 

قىش كۈنلىرى بولس، ساياھەتچىلەر تاماشادىن باشقا يەنە يىراقتىكى ئېگىز تاغلىقلارغا نەزەر تاشلاپ «شىمالىي جۇڭگو مەنزىرىسى» نىڭ گۈزەل سۈرىتىنى كۆرگەندەك بولىدۇ. 

CS ئادەم ئۇرۇشى 

خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتىخېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتى، چوڭ تىپتىكى شەمشاد ئورمىنى بىلەن قاپلانغان بولۇپ CS ھەقىقىي ئادەم بولۇشتىكى ئۇرۇش بازىسى بار، ساياھەتچىلەر CS ئويۇنى ھەقىقىي جەڭ ئارقىلىق، ئاختۇرۇپ تۇتۇش ئويۇنى، نىشانلىق گۆھەر ئىزدەش قاتارلىق دالا تەنھەرىكىتى، ساغلام بولغان ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش مەقسەت قىلغان، ماناس خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتى ئۆزگىچە ئالغان بىرخىل ھەرىكەت پائالىيىتى. 

خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتى ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت كەسپىنىڭ «ئۈچتە ئەلا، بىرنى رازى قىلىش»تىكى ئون مۇنەۋۋەر ئورۇن، سانجى ئوبلاستى ساياھەتچىلىك مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۈلگە ئورۇن دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن، «11-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، سانجى ئوبلاستلىق ساياھەت ساھەسىدە مۇنەۋۋەر ساياھەت مەنزىرە رايونى، يۇلتۇز دەرىجىلىك سەھرا ئارامگاھى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى، ئەلا مۇلازىمەتتىكى ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. 

ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى

ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر مۇھاپىزەت رايونى، دۆلەت AA دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدا ئاساسلىق جياخېزى سۇ ئامبىرى، داخەيزە سۇ ئامبىرى، داۋەنزە سۇ ئامبىرى، شياچياۋزى 3-كەنتى سۇ ئامبىرى قاتارلىق كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا دەريا ۋادىسى بار، ئۇنىڭ قوغداش يىرىك پىلانى ئومۇمىي كۆلىمى 82920 مو، بۇنىڭ ئىچىدە ماناس دەرياسىنىڭ قەدىمكى دەريا ۋادىسىدىكى سۇلۇق يەر كۆلىمى 45840 مو (جياخوزا سۇ ئامبىرى، سۇ كۆلىمى 15 مىڭ مو، بېلىق كۆلچىكى كۆلىمى 4500 مو، يۇلغۇنلۇق كۆلىمى 10 مىڭ مو، توغراق ئورمان كۆلىمى 400 مو، سۈنئىي ئورمان كۆلىمى 600 مو، سۇ كۆلىمى 15340 مو)، داۋان دەرياسى ۋادىسىدىكى سۇلۇق يەر كۆلىمى 37080 مو ( داخەيزە سۇ ئامبىرى، سۇ كۆلىمى 18 مىڭ مو، بېلىق كۆلچىكى كۆلىمى 600 مو، سۇ كۆلىمى 18480 مو). 

تاش قولتۇقى مەنزىرە رايونى

تاش قولتۇقى مەنزىرە رايونى ماناس ناھىيەسىدىكى چىڭسىخوزا يېزىسىغا  جايلاشقان، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تاغ چوققىسىنىڭ ئىككى قىرغىقى قىزىل يۇرا، ۋەكىل تاغ قىرى تىك، تاغ شەكلى غەلىتىرەك بولۇپ، ئەڭ ئېگىز نۇقتا ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن 2600 مېتىر. دەريا يۇقىرىسىدا بىر شارقىراتما بار، ئەتراپىنى شەمشاد ئوراپ تۇرىدۇ، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل. دەريا جىلغىسىدىكى كۆپ مىقداردا تاغ تېرىكى ۋە چاتقاللىق  ئۆسىدۇ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى ئاجايىپ-غارايىپ تاغ، شاقىراتما، قارىغايلىق، ئوتلاق، پۈتۈن مەنزىرىدىكى قىزىل تاغ سۇيى كۆك، يېشىل قارىغاي ،  يېشىل ئوت-چۆپلەر، كىگىز ئۆيلەرنىڭ مۇھىتى ناھايىتى گۈزەل. 

فېڭمىڭ كۆلى ئېكولوگىيە باغچىسى

فېڭمىڭ كۆلى ئېكولوگىيە باغچىسى دۆلەت AA دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ماناس ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى كېڭەيتىش، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ئىچىدىكى بىر يادرولۇق قۇرۇلۇش، شۇنداقلا ماناس ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىگە تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم. ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىغا جەنۇبىي رايون قۇرۇلۇشى زور دەرىجىدە تۈرتكە بولغان، جەنۇبىي رايون شەھەرلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماناس ناھىيەسىنڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

زۇمرەت بازىرى 

«يىپەك يولى» شەكىللىنىشتىن بۇرۇن، ماناس رايونىدا بىر تېخىمۇ قەدىمىي «قاشتېشى يولى» شەكىللەنگەن. ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زۇمرەت بازىرىدا « تەڭرىتاغ ئالتۇن سۇمۇرغ، زۇمرەت ماناس » مەدەنىيەت داڭلىق ماركا ئوبرازىنى ئوتتۇرىغا قويغان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#