ئۇيغۇرچە نامى سۇنجاچىنىرۇ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 600 كىۋادرات كىلومېتىر
باشقا نامى بەشسۇمۇل يېزىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 孙扎齐牛录乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى
نوپۇسى 8033 ئادەم
تېلېفون رايون نومۇرى 0999

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇنجاچىنىرۇ يېزىسىسۇنجاچىنىرۇ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شەرقتە ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 6.5 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 600 كۋادرات كىلومېتىر.

سۇنجاچىنىرۇ يېزىسى قارمىقىدا بەش مەمۇرىي كەنت، 24 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار، ئومۇمىي نوپۇسى 8033 ئادەم، شىبە، قازاق، ئۇيغۇر، خەنزۇ، دۇڭشياڭ، مەنزۇ، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

سۇنجاچىنىرۇ يېزىسى قارمىقىدا: سۇنجاچىنىرۇ كەنتى، چولپان كەنتى، ئاپار كەنتى، چېجبۇلاغ كەنتى، لاڭكا كەنتى قاتارلىق 5 كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بار.

سۇنجاچىنىرۇ يېزىسىنىڭ يېرى كەڭ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 550 ~ 1455 مېتىر ئارىلىقىدا، يەر شەكلى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ شەكىللەنگەن كەلكۈن چۆكۈندىسى-ئېقىن چۆكۈندىسى يانتۇ تۈزلەڭلىك ۋە دەريا ۋادىسى تۈزلەڭلىكىدىن ئىبارەت ئىككى يەر تۈزۈلۈش بىرلىكى. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃5 ~ 7.5، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 170 ~ 350 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىلى 140 كۈن، دېھقانچىلىققىمۇ، چارۋىچىلىققىمۇ مۇۋاپىق.

سۇنجاچىنىرۇ يېزىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە كەسىپ قىلغان. يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2460 گېكتار، ئاساسلىقى بۇغداي، شال، قوناق، تاۋۇز، مايلىق ئاپتاپپەرەس، زىغىر، قارا گازىر، قىزىلچا، كۆكتات قاتارلىقلار تېرىلغان، تەۋەسىدىكى چولپان كەنتىدىكى پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۈدىنىڭ، ئىلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بازىرى ئىتتىك. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق قوي، تەرپە، چوشقا، ئات قاتارلىق چارۋا-ماللار بېقىلىدۇ. سانائەت قوشۇمچە كەسپىدىن دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش-ياساش، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى، بىناكارلىق، ئاشلىق-ماينى پىششىقلاپ ئىشلەش، ياغاچنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆمۈر پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كارخانىلار بار.

سۇنجاچىنىرۇ يېزىسىسۇنجاچىنىرۇ يېزىسىدىكى چولپان كەنتى ئەسلىھە يېزا ئىگىلىك رايونى بولۇپ، رەتلىك پارنىك، چوڭ لاپاس ئىچىدە ياپيېشىل ھەر خىل كۆكتات كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. يېقىندىن بېرى، سۇنجاچىنىرۇ يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، بارلىق ئاماللار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغان. يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا 15 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 907 ئېغىر ئېنىرگىيە تېجەش پارنىكى سالغان.

شەھەر ئەتراپىغا جايلىشىشتەك ئورۇن ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كۆلەملىشىپ، تۈجۈپىلەپ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلگەن، كۆكتات ھەمكارلىق كوپىراتىپى، بۆلجۈرگەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدەك بۇ خىل گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، تېخنىكىلق يىتەكچىلىك قىلىش، بازاردا سېتىش ئەۋزەللىكى ۋە رولى، سورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش، شەھەر سىرتىدىكى بازارلارغا تايىنىپ، يەنىمۇ سورتلارنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، بازار رىقابەت ئىقتىدارىغا ئىگە داڭلىق ماركا ياراتقان، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى يىلمۇ-يىل يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

جىڭيۈەن ئىبادەتخانىسىسۇنجاچىنىرۇ كەنتى ئىچىدە، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىلى ۋادىسى توققۇز چوڭ داڭلىق ئىبادەتخانىنىڭ بىرى «جىڭيۈەن ئىبادەتخانىسى» خارابىسى بار، 1990-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#