سوزۇلما خاراكتېرلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى

سوزۇلما خاراكتېرلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى

ئۆتكۈر خاراكتېرلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغىنىڭ ياخشىلانماسلىقى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرى ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا يۇتۇش قىيىنلىشىش، تۆش سۆڭەك ئارقا قىسمى ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى سوزۇلما خاراكتېرلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تەۋە بۆلۈم قىزىلئۆڭگەچ بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، قۇسىقىغا قان يېپىكچىلىرى ئارىلاشقان بولىدۇ، ئورۇقلايدۇ.
خەنزۇچە نامى 慢性食管炎
كېسەللىك ئورنى قىزىلئۆڭگەچ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىشنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىنى تەكرار غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى قىزىلئۆڭەچ توقۇلما ھۈجەيرىلىرىگ تەسىر قىلغاندا، يەرلىك ئورۇندىكى قان تومۇرلاردا چۆكمىگە چۈشۈپ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرۇپ، توقۇلمىلارنىڭ روھىي ھايۋانى بىلەن ئوزۇقلىنىشنى تەسىرگە ئۇچرىتىش بىلەن يەرلىك ئورۇندىكى چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ماددىلار تۇرۇپ قېلىپ، قىزىلئۆڭگەچ توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنى غىدىقلاپ قوغدىنىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى قىزىلئۆڭگەچ توقۇلمىلىرىدىكى قان تومۇر ۋە توقۇلما ئارىلىقلىرىدا ئارىلىق ماددا سۈپىتىدە تۇرۇپ يېتەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىشنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

زىيادە ئىسسىق، زىيادە سوغۇق، يىرىك ۋە سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ھەم ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش تۈپەيلىدىن قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرى تەكرار غىدىقلىنىپ يەرلىك ئورۇندا ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5.ئاشقازان ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئاشقازان ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن ھەزىم قىلىش ناچارلىشىپ يېمەكلىكلەرنىڭ نورمالنى ھەزىم بولۇشى تەسىرگە ئۇچراپ، ئاشقازان ئىچىدە تۇرۇپ قېلىپ، ئاشقازاننىڭ لۆمىلدىمە ھەرىكىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاشقازاندا تەتۈر لۆمىلدەش ھەرىكىتى شەكىللىنىپ، ئاشقازان كىسلاتاسى تەتۈر يېنىپ قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كېسەللىك تەرەققىياتى بىرقەدەر ئاستا بولۇپ، كۆپىنچە يۇتقۇنچاقتىن تۆش سۆڭەك ئارقىسىنى بويلاپ خەنجەرسىمان ئۆسۈكچىنىڭ ئاستىغا بارغۇچە سانجىلىپ ياكى كۆيۈشكەندەك ئاغرىش بولىدۇ، يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ، بەزىلەرنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، قۇسىقىغا قان يېپىكچىلىرى ئارىلاشقان بولىدۇ، ئورۇقلايدۇ.

1.تىپىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

يۇتقۇنچاقتىن تارتىپ تۆش سۆڭەك ئارقىسىنى بويلاپ خەنجەرسىمان ئۆسۈكچىنىڭ ئاستىغا بارغۇچە سانجىلىپ ياكى كۆيۈشكەندەك ئاغرىش سېزىمى بولۇش، يۇتۇش قىيىنلىشىش، قۇسۇش، ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

 (1 بارىي بوتقىسى ئىچكۈزۈپ رېنتگېندە تەكشۈرگەندە قىزىلئۆڭگەچ دىۋارىنىڭ قېلىنلىغانلىقىنى، كانال بوشلۇقىنىڭ تارايغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

 (2 تالالىق ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىنىڭ ئاقارغانلىقى، پۈرمەكلىشىپ تارايغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

قىزىلئۆڭگەچ راكىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

قىزىلئۆڭگەچ راكىدىن يۇتۇش قىيىنلىشىش، قىزىلئۆڭگەچكە بىرەر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك سېزىم بولۇش، ياشانغانلاردا يەنى 40ياشتىن ئاشقانلاردا كۆپ ئۇچراش، تالالىق قىزىلئۆڭگەچ ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە چەكلىك دائىرىدىكى مونەكچە كۆرۈنۈش، رېنتگېندە تەكشۈرگەندە كەمتۈك سايە كۆرۈنۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا  شۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

3. ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

شورلۇق بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈمى، بابۇنە، ئۆشبە، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70مىللىلىتىردىن 9~7 كۈن بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچىغا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ شورلۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

گەجسىمان بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈمى، بابۇنە، ئۆشبە قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70مىللىلىتىردىن 12~9 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچقا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندەئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىپ، گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

كۆيگەن سەۋدا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈم، بابۇنە، ئۆشبە، چۆبچىن قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن 15~10كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىرىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، كۆيگەن سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

بابۇنە گۈلى، ئىككىلىمىلىك توققۇز گرامدىن، زىغىر ئۇرۇقى ئالتە گرامدىن، سىركەنجىۋىل 25مىللىلىتىر، ئۈزۈم شەربىتىنى 25مىللىلىتىر ئېلىپ، بابۇنە، ئىكلىلمىلىك، زىغىر قاتارلىقلارنى بىر سائەت سۇغا چىلاپ قاينىتىپ، سىركەنجىۋىل ۋە ئۈزۈم شەربىتىنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن يۇتۇملاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

زىغىر ئۇرۇقى، شۇمشا ئۇرۇقى، سېرىقچېچەك ئۇرۇقى 10گرامدىن ئېلىپ، ئىلمان سۇغا چىلاپ 25مىللىلىتىر دىنار شەربىتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

بابۇنە ئۇرۇقى، شۇمشا ئۇرۇقى، سېرىقچېچەك ئۇرۇقى 10گرامدىن ئېلىپ، ئىلمان سۇغا چىلاپ 25مىللىلىتىر دىنار شەربىتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

بابۇنە، سېرىقچېچەك ئۇرۇقى، شومشا ئۇرۇقى، زىغىر ئۇرۇقى، ئىكلىلمىلىك 12گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ، سەل سوۋۇغاندىن كېيىن داكىنى نەمدەپ تۆش سۆڭەك ئۈستىگە قويۇلىدۇ.

بابۇنە يېغى، زەيتۇن يېغى، سېرىقچېچەك يېغى قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرى بولسا سەل قىزىتىپ تۆش سۆڭەك ئۈستى ياغلاپ بېرىلىدۇ.

12گرام قۇستىنى 250مىللىلىتىر مائۇلھەسەلدە قاينىتىپ غار-غار قىلىنىدۇ.

ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 60مىللىلىتىردىن، ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 60مىللىلىتىردىن، ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن، مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، مەجۇنى چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ھەزىمنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئامىلە نوشدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، جاۋارىش ئامىلە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن، جاۋرىش مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، جاۋارىش جالىنۇس كۈندە ئىككى قېتم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن، ئىترىفىل كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن، ئىترىفىل كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. زىيادە ئىسسىق، زىيادە سوغۇق، تەستە ھەزىم بولىدىغان، يىرىك، غىدىقلىغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

2.ئاسان ھەزىم بولىدىغان، سىڭىشلىك يېمەك-ئىچمەكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ. مەسىلەن: توخۇ گۆشى، بېلىق گۆشى، توشقان گۆشى، كەپتەر گۆشى، ئارپا ئىشى، نارىن چۆپ، ئۈگرە، سۇيۇقئاش، شورىگۈرۈچ، پالەك، يۇمغاقسۈت، كەرەپشە، چامغۇر، سەۋزە ئۈجمە، بانان، جىگدە، بېھى قاتارلىقلار.

3.كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن، تاماكا چېكىشتىن، يېمەك-ئىچمەكلەرنى بەك قىزىق ياكى بەك سوغۇق يېيىشتىن، زىيادە يىرىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

4. مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە  ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىغاندا قىزىلئۆڭگەچ راكى، قىزىلئۆڭگەچ يارىسى، قىزىلئۆڭگەچ تېشىلىش، قىزىلئۆڭگەچ تارىيىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=806

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#