قۇرۇلمىچىلىق

 «قۇرۇلمىچىلىق»(Structuralism) بولسا، 20-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتنىڭ ئادىمىيەت پەنلىرى ئىسلاھاتىدىكى تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولغان پىكىر ئېقىملىرىدىن بىرى. قۇرۇلمىچىلىق دەسلەپ تىلشۇناسلىق تەنقىدىدە شەيئىيلەرنىڭ تەبىرلىنىشى ۋە ئۇقۇملارنىڭ، سۆزلەرنىڭ ماھىيەتنى ئىپادىلىشىگە گۇمانلىنىش، شەيئىيلەرنىڭ ماھىيتىگە قايتا قاراپ چىقىش ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەردىن كىلىپ چىققان پىكىر ئېقىمى.

ئۇيغۇرچە نامى قۇرۇلمىچىلىق
چەتئەلچە نامى Structuralism
خەنزۇچە نامى 构造主义

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«قۇرۇلمىچىلىق»(Structuralism) بولسا، 20-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتنىڭ ئادىمىيەت پەنلىرى ئىسلاھاتىدىكى تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولغان پىكىر ئېقىملىرىدىن بىرى. قۇرۇلمىچىلىق دەسلەپ تىلشۇناسلىق تەنقىدىدە شەيئىيلەرنىڭ تەبىرلىنىشى ۋە ئۇقۇملارنىڭ، سۆزلەرنىڭ ماھىيەتنى ئىپادىلىشىگە گۇمانلىنىش، شەيئىيلەرنىڭ ماھىيتىگە قايتا قاراپ چىقىش ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەردىن كىلىپ چىققان پىكىر ئېقىمى بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنچە تىلشۇناسلىقتىن سىرىت گۈزەل – سەنئەت، تارىخ، ئەدەبىيات، پەلسەپە، قۇرۇلۇش ئىلمى قاتارلىق پەنلەرگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان.

قۇرۇلمىچىلىق 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا نىتچىشىنىڭ «تەڭرى ئۆلدى» دەپ جاكارلىشى ۋە «بارچە قىممەتلەرنى قايتىدىن باھالاش»تەك كۆز قارىشىنىڭ غەرب پىكىرچىلىكىگە بولغان كۈچلۈك تەسىرى ۋە ئويلىنىشىنىڭ تۈرىتكىسىدە تىلشۇناسلىقتا قۇرۇلمىچىلىق تەنقىد ئۇسۇلىنى قوللىنىش مەيدانغا كەلدى. بۇ خىلى تەنقىد ئۇسۇلىنىڭ يادروسىدا قۇرۇلمىنىڭ ماھىيىتىگە گۇمان بىلەن قاراپ، بەلگىلەرنىڭ ماھىيىتكە تېخىمۇ يېقىنلىقى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تونۇپ يىتىلگەن ۋە شۇ ئاساستا بىر پۈتۈن قۇرۇلمىنىڭ تەتقىق قىلىشتىن كۆرە قۇرۇلما ئىچىدىكى ئايرىمىلىقنى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشنى مۇھىم بىلگەن. غەرب پەلسەپە تارىخى شۇ ۋاقىتقىچە مېتافىزىكا تارىخى بولۇپ، ئۇنىڭ يادروسىدا «مەۋجۇدىيەت» مەلۇم بىر مۇقىم «مەيدان»غا ئىگە، ھايدىگىر ئېيىتقىنىدەك شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇ بىر «بېكىتىلگەن سورۇنغا خاس مېتافىزىكا» ئىدى. «بېكىتىلگەن سورۇنغا خاس مېتافىزىكا»نىڭ ماھىيىتىدە ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق شەيئىنى مەلۇم بىر مەركىزى سۆزگە، بىر خىل مەركەزگە ماسلاشتۇرۇش كۈچىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇئەييەن بەلگە ۋە «قانۇنىيەت» يۈكلەنگەن. شۇنداقلا يەنە بۇ خىل «قانۇنىيەت» ئىلاھىيلاشتۇرۇلۇپ، مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان دەرىجىدە تونۇلۇپ خاتالىققا يول قويۇلغان ئىدى. نىتچىشىنىڭ «بارچە قىممەتلەرنى قايتىدىن باھالاش» كۆز قارىشى غەرب پىكىرچىلىكى ۋە پەلسەپىسىدىكى بۇ خىل مەركەزچىلىك ۋە مەركەزگە باغلانغان شەكىلچىلىككە گۇمان بىلەن قاراشقا يېتەكلەپ، ھايدىگىرنىڭ ھادىسەشۇناسلىقىدىن ھەم تەسىر ئىلىپ، يېڭىچە بىر خىل قۇرۇلما كۆز قارىشى ۋە تەپەككۈر ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇ بولسىمۇ دەل بىز تىلغا ئالغان قۇرۇلمىچىلىقتىن ئىبارەت. دېمەك، قۇرۇلمىچىلىقنىڭ كىلىپ چىقىش ئارقا كۆرىنىشىدە نىتچىشى، ھايدىگىر قاتارلىق غەرب مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ پىكىرچىلىك ئۇسۇلىنىڭ كۈچلۈك ئىزىنى كۆرىۋىلىش تەس ئەمەس. قۇرۇلمىچىلىقتا غەربنىڭ ئەنئەنىۋىي مېتافىزىكىسىغا قارشى چىقىش ئۈچۈن، بەلگە مۇھىم دەپ قارىلىپ، ئوبيېكىتنى يوق قىلىپ، مەنىلەرنى ئۆزگەرتىش، ئۇنى ئەسلىدىكى قىلىپتىن ئەركىنلەشتۈرۈش كۈچەپ تەشەببۇس قىلىنغان. يەنى تىل ۋە پىكىرىنىڭ ئەركىنلىكى كۈچەپ تەكىتلەنگەن. ئەمما بۇ خىل «ئەركىنلىك» سىپى ئۆزىدىن چەكلىمىلىككە ئىگە بولۇپ، قۇرۇلمىچىلىق يەنىلا ئۆزىدىن زىددىيەتلىك ئىدى. قۇرۇلمىچىلىقنىڭ پىكىرى بويىچە قۇرۇلمىدىن چىقىش، ئەسىلىدىكى بىكىتىلگەن مەنالارنى تاشلاش، يېڭى مەنالار بىلەن بوغۇپ قويماسلىقنىڭ ئۆزىدە ئۇ بىر شەكىلسىز، مەيدانسىز، چەكلىمىسىزلىككە ئىگە بولۇشقا ئۇرۇنسىمۇ، يەنىلا تەبىرلەنگەن ھامانلا بىر قۇرۇلمىدىن يەنە بىر قۇرۇلمىغا كىرىپ قالاتتى. ئەمما قۇرۇلمىچىلىقنىڭ لوگىكا، مىتود، نەزىرىيە ھالقىلىرىدا قوللىنىلىشى بىلەن كىشىلەر مېتافىزىكا سەل قارىغان، چۈشەندۈرەلمىگەن نۇرغۇن مەسلىلەرگە يېقىنلاشتى ۋە ئۇنى چۈشەندۈرەلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەنئەنىۋىي پىكىرچىلىكنىڭ ئورنىنى يېڭىچە قۇرۇلما كۆز قارىشى نۇقتىسىدىن شەرھىيلەش، چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتەك يېڭى بىر پىكىر ئېقىمى ھەر قايسى پەنلەرگە ئومۇملاشتى.

قۇرۇلمىچىلىقنىڭ ئاسالىق ئۇسۇلى شەيئىيلەرگە ياكى مەلۇم كونتىكىستقا بىرنىڭ ئىككىگە بۆلىنىشى (مەسىلەن، ئەر-ئايال، ئوچۇق – يىپىق)دەك نۇقتىدىن چىقىپ تەھلىل ئىلىپ بېرىپ، بۇ خىل قارمۇ قارشىلىقنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەركەتچان ۋە مەڭگۈ ئايرىلماس بولىدىغانلىقى تەكىتلەيدۇ ۋە بۇ خىل يەكۈننى بارلىق مۇقىم ياكى مۇتلەق شەكلەن مەۋجۇت شەيئىيلەردە مەۋجۇت دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا قۇرۇلمىچىلىق مەركەزچىلىككە، نوپۇزغا، ئۆز – ئارا مۇتلەق زىتلىققا قارشى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تارىم ژۇرنىلى تور بىكىتى  

http://www.tarimweb.com/html/dunya/eqim/kurulma.html

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تارىم ژۇرنىلى تور بىكىتى

http://www.tarimweb.com/html/dunya/eqim/kurulma.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#