پاسخا ئارىلى

پاسخا ئارىلى

تىنچ ئوكياننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، جەنۇبىي كەڭلىك 27°10′ بىلەن غەربىي ئۇزۇنلۇق 109°31′ نىڭ تۇتاشقان يېرىغا جايلاشقان پاسخا ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نامىى پاسخا ئارىلى
دۆلىتى چىلى جۇمھۇرىيىتى
نوپۇسى 5761
كېلىماتى ئىسسىق بەلباغ دېڭىز كېلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 复活节岛
تىلى ئىسپان تىلى
كۆلىمى 165Km²

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پاسخا ئارىلىتىنچ ئوكياننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، جەنۇبىي كەڭلىك 27°10′ بىلەن غەربىي ئۇزۇنلۇق 109°31′ نىڭ تۇتاشقان يېرىغا جايلاشقان پاسخا ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ مەيدانى 117 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 1800 دىن ئاشىدۇ، ئاھالىسى پولېننىزىيىلىكلەر تىپىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ مەركىزى خانگاروئا شەھىرى. پاسخا مەمۇرىي جەھەتتىن جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى چىلىنىڭ ۋالىپارايسو ئۆلكىسىگە تەۋە. ئۇ دۇنيادىكى ئارخېئولوگلار، ئانتىروپولوگلار، گېئولوگلار ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دىققەت—ئېتىبارىنى قوزغاۋاتقان، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان كىشىلەر تاۋاپ قىلىپ كېلىۋاتقان «مۇقەددەس جاي» .

بۇ جايغا 1686-يىلى ئەنگلىيىلىك ئېدۋارددېۋىس بىرىنچى قېتىم كەلگەن. كۆك دېگەن كىشى بۇ جايغا «داۋىس لېند» دەپ نام بەرگەن. بۇ جاينى يەرلىك خەلقلەر پولنېنزىيىلىكلەر تىلىدا راپانوئى دەپ ئاتايدۇ. راپانوئى يەرلىك خەلقلەر تىلىدا «كىندىك ياكى دۇنيانىڭ مەركىزى» «تاش ھەيكەللەر ماكانى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئارالغا 1722-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى يەنى خرىستىئان دىنىنىڭ پاسخا بايرام كۈنى گوللاندىيىنىڭ ئېكىسپېدىتچى ياگوپ. روگگېۋىن كەلگەن. شۇڭا بۇ ئارالغا خرىستىئان دىنىنىڭ بايرام كۈنىنى ئارالنىڭ نامى قىلىپ قويغان. بۇ ئارال شۇنىڭدىن باشلاپ شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

پاسخا ئارىلى پاسخا ئارىلى كىچىك ئارال بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئارالدا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا كۆرگىلى بولمايدىغان مەنزىرىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇ، بۇ ئارالدىكى ھەيۋەتلىك چوڭ تاش ھەيكەللەرنىڭ كۆپلۈكى ھەم چوڭلۇقىدىن ئىبارەت. بۇ ئارالدا ۋولقان لاۋا جىنسلىرىغا ئويۇپ ياسىغان يېرىم گەۋدىلىك تاش ھەيكەللەردىن 900 دىن كۆپرەكى بار. بۇنىڭ 600 ى دېڭىز بويىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. قالغان 300 ى تېخى پۈتتۈرۈلمىگەن بولۇپ، تاش قېزىش مەيدانىدا شۇ پېتى ياتقۇزۇپ قويۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ ھەيكەللەرنىڭ ئېگىزلىكى 22 مېتر، ئېغىرلىقى 400 توننىدىن ئاشىدۇ. بېشىدىكى بۆكىنىڭ ئېغىرلىقى 30 توننا، بۇرنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4 مېتر كېلىدۇ. بۇنداق چوڭ ھەيكەللەرنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۇچرىتىش مۇمكىن ئەمەس. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا بۇ جاي ناھايىتى ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەردە قۇرۇقلۇق بىلەن بىر تۇتاش بولۇپ، كېيىن ۋوئوك ئىسىملىك بىر پالۋان قولىدىكى ھاسىسى بىلەن بۇ جاينى پارە-پارە قىلىۋېتىپتىكەن. بۇ جايدا بۇرۇن «كاخوئوبو ئوكانو» دەپ ئاتالغان بىر مەملىكەت بولغانىكەن. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ئەنگلىيىلىك جېمس «غەرق بولۇپ كەتكەن مەملىكەت» ناملىق بىر كىتاب نەشر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتا ئىلگىرى تىنچ ئوكياندا چۆكۈپ كەتكەن بىر قۇرۇقلۇق ھەققىدە ئىسپاتلار كەلتۈرۈلگەن. كىتابتا يېزىلىشىچە بۇ ئەلدە 64 مىليون ئاھالە ياشىغان بولۇپ، بۇ ئەلنىڭ كىشىلىرى ئامېرىكا قىتئەلىرىگىمۇ بارغان. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ھىندىستان، بابىلون، ئىران، مىسىر ۋە يۇكاتان يېرىم ئارىلىدىكى دۆلەتلەردىنمۇ ئۇزۇن بولغان. مايا كىشىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان بىر قول يازمىدا بۇ مەملىكەتنىڭ تىنچ ئوكيانىڭ دەھشەتلىك دولقۇنلىرى تەرىپىدىن دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن پاجىئە ئېنىق خاتىرىلەنگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر ئاساسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن. تىنچ ئوكياننىڭ ئورنىدا دەسلەپ ئەڭ قەدىمىي بىر قۇرۇقلۇق بار بولۇپ، كېيىن يەر پوستى ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە يەر ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن، دېگەن قاراشقا تامامەن ئوخشايدۇ. ھازىر كىشىلەر پاسخا ئارىلىدىكى بۇ سىرنى ئېچىش يولىدا داۋاملىق تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#