تۇرپان شەھەر ئىچىدىكى سەيلىگاھلار

تۇرپان شەھەر ئىچىدىكى سەيلىگاھلار

تۇرپان مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق ساياھەت شەھىرى، شۇنداقلا دۇنياغا مەشھۇر ئۈستى ئوچۇق مۇزېي. تۇرپاندىكى دۇنياغا مەشھۇر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تۇرپاننىڭ يېزىلىرىدا بولۇپ، شەھەر ئىچىدىمۇ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرە رايونلىرى بار.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇرپان مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق ساياھەت شەھىرى، شۇنداقلا دۇنياغا مەشھۇر ئۈستى ئوچۇق مۇزېي. تۇرپاندىكى دۇنياغا مەشھۇر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تۇرپاننىڭ يېزىلىرىدا بولۇپ، شەھەر ئىچىدىمۇ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرە رايونلىرى بار.

جەنۇب – شىمال يۆنىلىشىدىكى كوچا

جەنۇب – شىمال يۆنىلىشىدىكى كوچا  1800 مېتىر بولۇپ، كونا شەھەر يولى، مەدەنىيەت يولى، بوستان يولى ۋە نۇرلۇق يولىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. مەركىزىي غول كوچا ۋە ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كىچىك يان كوچىغا ئايرىلغان، پۈتۈن كوچا ئۈزۈم بارىڭى بىلەن يېپىلغان. ساياھەتكە كەلگەنلەر بۇ كوچىغا كىرسە تۇرپاننىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆزگىچە شەھەر قىياپىتىنى ھېس قىلىدۇ.

ساياھەت – مەدەنىيەت مەيدانى

ساياھەت – مەدەنىيەت مەيدانى شەھەر ئىچىدىكى ئەڭ سالقىن جايلارنىڭ بىرى. بۇ مەيدان 1997 – يىلى 8 – ئايدا 25 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ياسالغان. كۆلىمى 205 مو كېلىدىغان بۇ مەيداننىڭ شەرق تەرىپى ياشلار يولى پىيادىلەر كوچىسىغا تۇتىشىدۇ، بۇ يەردە يەنە تۇرپانلىقلارنىڭ يەرلىك سازلىرىنى چېلىپ، مېھمانلارنى قارشى ئېلىۋاتقان مەنزىرە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ‹‹قۇملۇقتىكى ئاي›› ناملىق مىس ھەيكەل، مۆچەلنى ئاساسىي تېما قىلغان ھايۋانلارنىڭ ھەيكەللىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يېقىنقى يىللاردا يەنە بۇ يەرگە تۇرپانلىقلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھەيكەللەرمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ ئوتتۇرا قىسىمى 155 مېتىر تۆۋەن ئويۇلغان مەيدان، بۇ مەيداننىڭ كۆلىمى 5350 كىۋادرات مېتىر، پائالىيەت مەركىزىنىڭ كۆلىمى 2800 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 4000 تاماشىبىن سىغىدۇ، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قاپارتما نەقىشلەردە تۇرپاننىڭ شانلىق ئۆتمۈشى، گۈزەل بۈگۈنى، يەرلىك ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر ئويۇلما شەكىللىك مەيدان بولۇپ، ئايدىڭكۆلنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان؛ غەرب تەرىپىگە فونتان ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئۈزۈمبۇلاق

ئۈزۈمبۇلاق 27 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنغان ‹‹ئۈزۈمبۇلاق›› كۆلىگە 2006 – يىلى 25 – ماي رەسمىي سۇ قويۇلغان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 55 مو. بۇ ئابىدە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ‹‹سۇ كوچىسى››، ‹‹مەشرەپ›› مەيدانى، ‹‹100 مېتىرلىق مۇزىكىلىق فونتان›› قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، تۇرپان شەھىرىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزگەن. تۇرپان شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن. بۇ كۆل تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىگە، مەدەنىيەت يولى بىلەن شەرقىي ئايلانما يولى كېسىشكەن ئېغىزغا جايلاشقان. شەرقىي ئايلانما يولىدىن كىرگەنلا جايغا يەتتە بۇلاق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يەتتە يۇلتۇز تۈركۈمىگە سىمۋول قىلىنغان، بۇ يەتتە بۇلاقنىڭ ئەتراپىغا تۆت چوڭ مەدەنىيەت تېمى قوپۇرۇلغان، بۇ تاملارغا تۇرپاننىڭ تارىختا ياراتقان شانلىق مەدەنىيەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سىمۋوللۇق ئوبرازلار نەقىش قىلىپ ئويۇلغان. بۇ مەيدانغا يەنە مىستىن نەقىشلەنگەن يەتتە تۈۋرۈك قويۇلغان، بۇ تۈۋرۈكتە ئۇيغۇر مۇقامى، تۇرپانلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر تېخنىكىسى، قول بىلەن ئىشلەنگەن ئۈجمە قەغىزى، گۈللۈك پالاز، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئىشلەنگەن دوپپا، ساپالچىلىق قاتارلىق مەزمۇنلار قاپارتما نەقىش قىلىپ ئويۇلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ياردەم تورى

http://yardam.com/baike/view/97/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#