ياۋزۇ مىللىتى

ياۋزۇ مىللىتى

ياۋزۇ مىللىتى پەنياۋ، خۇالەنياۋ، گۇشەنياۋ قاتارلىق ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. ئاساسلىقى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ۋە خۇنەن، يۈننەن، گۇاڭدۇڭ، گۇيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلەرگە تارقالغان بولۇپ، كەڭ دائىرىدە تارقىلىپ، كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ياۋزۇ مىللىتى
نوپۇسى 285.3 تۈمەن (2010)
خەنزۇچە نامى 瑶族

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياۋزۇ مىللىتىدۇنياغا مەشھۇر موم بىلەن گۈل بېسىش ياۋزۇ مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئىتى، سۇڭ دەۋرىدىلا، ياۋزۇلار ئىندىگو كۆكى ۋە ئاق موم بىلەن ئاق رەختكە چىرايلىق گۈللەرنى باسالىغان. ياۋزۇلار موم بىلەن گۈل بېسىلغان رەختتىن كىيىم كىيىش، ئۇنىڭدىن يوتقان تېشى، ياغلىق قاتارلىقلارنى تىكىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ. 

ياۋزۇ مىللىتى پەنياۋ، خۇالەنياۋ، گۇشەنياۋ قاتارلىق ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. ئاساسلىقى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ۋە خۇنەن، يۈننەن، گۇاڭدۇڭ، گۇيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلەرگە تارقالغان بولۇپ، كەڭ دائىرىدە تارقىلىپ، كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.


 ياۋزۇ مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار، خەنزۇ تىلى، جۇاڭزۇ تىلىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىدۇ، ئادەتتە خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ. 

ياۋزۇ مىللىتىنىڭ بايرىمى ناھايىتى كۆپ، چوڭراق بايراملىرىدىن پەنۋاڭ بايرىمى، چاغان، دانۇ بايرىمى، شېۋاڭ بايرىمى، چوكانتال بايرىمى قاتارلىقلار بار. كىچىك بايرام ھەر ئايدا دېگۈدەك بولۇپ تۇرىدۇ. ياۋزۇلار ناخشا ئېيتىشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى كۆرىدۇ، ئۇزۇن دۇمباق ئۇسسۇلى ۋە مىس دۇمباق ئۇسسۇلى ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلى. ئوغۇل-قىزلار بايرام كۈنلىرى ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ مۇھەببەتلىشىپ ئۆي-ئوچاقلىق بولۇشىدۇ. 

ياۋزۇ مىللىتىياۋزۇلارنىڭ كىيىم-كېچەك پاسونى كۆپ ھەم رەڭگارەڭ. ئەر-ئاياللارنىڭ كىيىمى ئاساسلىقى يېشىل، كۆك ماتادىن تىكىلىدۇ. ئەرلەر ئۈستىگە ئۇدۇل پەشلىك، ياقىسىز قىسقا كۆڭلەك، ئاستىغا ئۇزۇن-قىسقا ئىشتان كىيىدۇ. گۇاڭشى نەندەننىڭ ياۋزۇ كەنتلىرىدىكى ئەرلەر چۆرىسى كەشتىلەنگەن ئاق ئىشتان كىيىشنى ياقتۇرىدۇ، شۇڭا «ئاق ئىشتانلىق ياۋزۇ» لار دېگەن نامى بار. گۇاڭدۇڭنىڭ ليەننەندىكى ياۋزۇ ئەرلەر چېچىنى تۈگۈپ، قىرغاۋۇل پېيىنى سانجىۋېلىپ، قىزىل ياغلىق چىگىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق كىيىنسە ئىنتايىن قاۋۇل كۆرۈنىدۇ. ئاياللار ياقىسىز، چوڭ پەشلىك چاپان، يوپكا، ئىشتان كىيىشنى ياقتۇرىدۇ، كىيىملىرىنىڭ يەڭلىرى، يوپكىسىنىڭ چېتى كەشتە بىلەن زىننەتلىنىدۇ. ياۋزۇ ئاياللىرىنىڭ چاچ زىننىتىنىڭ پاسونى كۆپ، كۈمۈش چاچقىسقۇچ، كۈمۈشگۈل، كۈمۈش تىزىق مارجان، يايسىمان كۈمۈش تاختىسى قاتارلىقلارغا رەڭلىك لېنتا سەپلەپ چاچ زىننىتى قىلىشنى ياقتۇرىدۇ، ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە. قىزچاقلار، توي قىلمىغان قىزلارنى ياكى توي قىلغان ئاياللارنى چاچ زىننىتىدىن پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.

ياۋزۇلارنىڭ ئاساسىي يېمەكلىكى كۆممىقوناق، گۈرۈچ، تاتلىقياڭيۇ، گۇاڭشىنىڭ جىنشيۇدىكى داياۋشەن تېغىدىن «نياۋسۇ» (سىركىگە چىلانغان قۇش) چىقىدۇ، ئۇ «قۇش داسى» دىن پايدىلىنىپ پەسىل قۇشلىرىنى تۇتۇپ تۇزلاپ تەييارلىنىدۇ، تەمى ئۆزگىچە، گۇاڭشىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىر قىسىم ياۋزۇلار «دايۇچا» ، يەنى ماي بىلەن چاينى قۇرۇپ سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، ئۇنىڭغا قورۇغان گۈرۈچ، قورۇغان پۇرچاق سېلىپ ئوزۇقلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#