Disk Genius
Disk Genius قاتتىق دىسكا رايونى ۋە سانلىق ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بار يۇمشاق دېتال. ئۇنىڭ قاتتىق دىسكىنى رايونغا ئايرىش، ئۆچۈرۈش، فورماتلاش قاتارلىق ئالاھىدىلىكىدىن باشقا، خاتا فورماتلىنىش، خاتا رايونغا ئايرىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقاپ كەتكەن ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ھەل قىلالايدۇ، يوقالغان ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمى %98 كە يېتىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
Disk Genius دۆلىتىمىزدىكى ئاۋانگارت پىروگراممېر تەرىپىدىن ياسالغان. Windows 98 دەۋرىدە Disk Man نامىدا تارقىتىلغان. كېيىن يۇمشاق دېتال نامى Disk Genius قا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ يېڭىلىنىشى تېز، ئىقتىدارى چەتئەلنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى ئەڭ داڭلىق يۇمشاق دېتاللىرىدىن قېلىشمايدۇ. پىروگراممېر بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يۇمشاق دېتال پۈتۈنلەي ھەقسىز، ھەرقانداق بىر ئىقتىدارىنى پۇل تۆلىمەيلا ئىشلىتەلەيسىز. بىراق، يۇمشاق دېتالنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇكەممەللىشىشى سىزنىڭ قوللىشىڭىزدىن ئايرىلالمايدۇ».
Disk Genius قاتتىق دىسكا رايونى ۋە سانلىق ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بار يۇمشاق دېتال. ئۇنىڭ قاتتىق دىسكىنى رايونغا ئايرىش، ئۆچۈرۈش، فورماتلاش قاتارلىق ئالاھىدىلىكىدىن باشقا، خاتا فورماتلىنىش، خاتا رايونغا ئايرىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقاپ كەتكەن ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ھەل قىلالايدۇ، يوقالغان ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمى %98 كە يېتىدۇ. قاتتىق دىسكا رايونلىرى ۋە سېكتور رايونىنى زاپاسلاش، ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارى نەچچە قېتىملاپ فورماتلىۋەتكەن رايون ۋە پۈتكۈل دىسكا رايوننى بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا تەكشۈرۈپ، ئۆزىڭىزگە لازىم بولغان ئەسلىدىكى دىسكا رايونىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرەلەيدۇ (بۇرۇن زاپاسلىۋالغان بولسىڭىز. ئەگەر زاپاسلىۋالمىغان بولسىڭىزمۇ يەنىلا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ ). يەنە بۇزۇلغان دىسكا رايونى، بۇزۇلغان سېكتور قاتارلىقلارنى رېمونت قىلىش، بۇزۇق رايوندىكى ھۆججەتلەرنى ئوقۇپ چىقىرىش ئىقتىدارى بار، VMware ،Virtual PC ،Virtual Box قاتارلىق مەۋھۇم قاتتىق دىسكا يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ دىسكا ھۆججەتلىرىنى، IDE ،SCSI ،SATA قاتارلىق دىسكا تىپلىرىنى قوللايدۇ.
بارماق دىسكا، ساقلىغۇچ، شۇنداقلا FAT12/FAT16/FAT32/NTFS/EXT3 دىسكا ھۆججەت شەكىللىرىنى ياخشى قوللايدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.