ئادۋوكاتلىق كەسپىنى باشقۇرۇش چارىسى

ئادۋوكاتلىق كەسپىنى باشقۇرۇش چارىسى

ئادۋوكاتلىق كەسپىنى باشقۇرۇش چارىسى 2008-يىلى7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 112-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئادۋوكاتلىق كەسپىنى باشقۇرۇش چارىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2008-يىلى7-ئاينىڭ 12-كۈنى
خەنزۇچە نامى 律师执业管理办法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2008-يىلى7-ئاينىڭ 12-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1 -باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ چارە ئادۋوكاتنىڭ كەسپى ئىجازىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن بويىچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، ئادۋوكاتلىق كەسپىگە بولغان نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار قانۇنى»(تۆۋەندە«ئادۋوكاتلار قانۇنى»دەپقىسقارتىلىدى)ۋە ئالاقىدار قانۇن— نىزاملارنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۈزۈلىدۇ.

2-ماددا ئادۋوكات — قانۇن بويىچە ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسى ئالغان، ھاۋالە ياكى بېكىتىش بىلەن دەۋالاشقۇچىلارغا قانۇن مۇلازىمىتى قىلىدىغان كەسپىي خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا ئادۋوكاتلار كەسپى پائالىيىتى ئارقىلىق دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداشى، قانۇننىڭ توغرا يولغا قويۇلۇشىنى قوغدىشى كېرەك. 

4-ماددا ئادۋوكاتلار قانۇن بويىچە كەسىپ بېجىرگەندە قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخىسنىڭ ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئادۋوكاتلار جەمىئىيىتى ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەك. 

5-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى «ئادۋوكاتلار قانۇنى» ۋە مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى «ئادۋوكاتلار قانۇنى»، جەمئىيەت نىزامنامىسى ۋە ساھە ئۆلچىمى بويىچە ئادۋوكاتلارغا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.

2-باب ئادۋوكاتلىق كەسپىنىڭ شەرتلىرى

6-ماددا ئادۋوكاتلىق كەسپىگە ئىلتماس قىلغۇچىنىڭ تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ھىمايە قىلىش؛

(2) دۆلەتلىك بىرتۇتاش ئېلىنىدىغان ئەدلىيە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ قانۇن كەسپى سالاھىيەتگۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن بولۇش؛

(3) ئادۋوكاتخانىدا بىريىل پراكتىكا قىلغان بولۇپ؛

(4) پەزىلەتلىك بولۇش؛

دۆلەتلىك بىرتۇتاش ئېلىنىدىغان ئەدلىيە ئىمتىھانى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئادۋوكاتلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەنلەر ئادۋوكاتلىق قىلىشنى ئىلتماس قىلغاندا، قانۇن كەسپى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بىلەن ئوخشاش كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

دۆلەتلىك بىرتۇتاش ئېلىنىدىغان ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش شەرتلەرى، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇشىغا ئېتىبار بولۇش تەدبىرلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، قانۇن كەسپى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغانلار ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغاندا رايون چەكلىمىسىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە بېجىرىلىدۇ.

ئادۋوكاتلىق كەسپىگە ئىلتماس قىلغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان پراكتىكا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى ھەمدە ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئالغان ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش كېرەك.

7-ماددا قوشۇمچە ئادۋوكاتلىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلار مۇشۇ چارىنىڭ 6-ماددىسىدىكى شەرتلەرگە توشقاندىن سىرت تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك.

(1)ئالىي مەكتەپ، پەن-تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدا قانۇنشۇناسلىق مائارىپى، تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇش؛

(2)تۇرۇشلۇق ئورنى قوشۇلغان بولۇش؛

8-ماددا ئالاھىدە ئىجازەت بېرىلگەن ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلار «جىنايى ئىشلار قانۇنى»ۋە گۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار نىزاملىرىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە چۈشۈشى كېرەك.

9-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلار ئادۋوكاتلىق كەسپىي بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ؛

(1)ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر؛

(2) جىنايى جازا بېرىلگەنلەر، لېكىن سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر بۇنىڭدا سىرتىدا؛

(3)خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر ياكى ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغانلار.

3-باب ئادۋوكاتلىق كەسپىي ئىجازەت تەرتىپى

10-ماددا ئادۋوكاتلىق قىلىشقا ئىجازەت بېرىشتە،رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى رايونلۇق(ناھىيىلىك)ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە دەسلەپتە تەكشۈرىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخىسەت قىلىش-قىلماسلىق توغرىسىدا قارار قىلىشقا مەلۇم قىلىدۇ. 

11-ماددا ئادۋوكاتلىق قىلىش ئىلتىماسىنى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى رايونلۇق(ناھىيىلىك)ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) ئادۋوكاتلىق قىلىش ئىلتماسى 

(2) قانۇن كەسپى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ياكى ئادۋوكاتلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى؛

(3) ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى بەرگەن ئىلتماس قىلغۇچىنىڭ پراكتىكىدا لاياقەتلىك بولغانلىق ماتېرىيالى؛

(4) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛

(5) ئادۋوكاتخانا بەرگەن ئىلتىماس قىلغۇچىنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلغانلىق ئىسپاتى؛

ئادۋوكاتلىق قىلىش ئىجازىتىنى ئىلتىماس قىلىشتا،ئىلتىماس قىلغۇچى «ئادۋوكاتلىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش تىزىملاش جەدۋىلى»نى ئەينەن تولدۇرۇشى كېرەك.

12-ماددا قوشۇمچە ئادۋوكاتلىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، مۇشۇ چارىنىڭ 11-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ماتېرىياللارنى تاپشۇرغاندىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

(1) ئالىي مەكتەپ، پەن-تەتقىقات ئاپپاراتىدا قانۇنشۇناسلىق مائارىپى، تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىق تارىخى ۋە ئىسپات ماتېرىيالى؛

(2) ئىشلەۋاتقان ئورنى ئۇنىڭ قوشۇمچە ئادۋوكاتلىق قىلىشىغا قوشۇلغانلىق ئىسپاتى؛

13-ماددا رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى رايونلۇق(ناھىيىلىك)ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئادۋوكاتلىق قىلىش ئىلتىماسىنى تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بويىچە ئايرىم-ئايرىم بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك.

(1) ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرى تولۇق، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەكىلگە چۈشىدىغانلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك؛

(2) ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرى تولۇق بولمىسا ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە چۈشمىسە شۇ چاغدا ياكى ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە تولۇقلاشقا تېگىشلىك ماتېرىياللارنىڭ بارلىق مەزمۇنىنى بىر قېتىملا ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، ئىلتىماس قىلغۇچى تەلەپ بويىچە تولۇقلىسا قوبۇل قىلىش لازىم؛ مۇددەتتىن ئۆتۈپ كېتىپ ئوقتۇرمىسا، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ قوبۇل قىلىنىدى، دەپ قارىلىدۇ.

(3) ئىلتىماس قىلغان ئىشلار قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئېنىق چۈشمىسە ياكى ئىلتىماس قىلغۇچى تولۇقلاشنى رەت قىلسا، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تولۇقلاش ئامال بولمىسا قوبۇل قىلمايدۇ ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا سەۋەبنى يازمىچە چۈشەندۇرىدۇ.

14-ماددا ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

تەكشۈرۈش جەريانىدا ئادۋوكاتلىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ پىكىرىنى ئېلىشقا بولىدۇ؛ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ دەلىللەشكە توغرا كەلسە، ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا تەكشۈرۈپ دەلىللەشنى ھاۋالە قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

تەكشۈرۈشتە، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە چۈشىدىغان-چۈشمەيدىغانلقى،تاپشۇرغان ماتېرىياللىرىنىڭ راسىت، تولۇق بولغان-بولمىغانلىقىغا تەكشۈرۈش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە تەكشۈرۈش پىكىرى ۋە بارلىق ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

15-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان ئورگان مەلۇم قىلغان تەكشۈرۈش پىكىرى ۋە بارلىق ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ، ئادۋوكاتلىق قىلىشقا قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك.

ئادۋوكاتلىق قىلىشقا قوشۇلمىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا سەۋەبنى يازمىچە چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

16-ماددا ئادۋوكاتلىق قىلىشقا ئالاھىدە ئىجازەت بېرىشتە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماتېرىياللار، شۇنىڭدەك قوبۇل قىلىش، سىناش، تەستىقلاش تەرتىپى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىدكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ.

17-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىدىن مۇشۇ چارىنىڭ 9-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بولغانلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىق قىلىشقا رۇخىسەت قىلىنمايدۇ.

18-ماددا ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسى ئادۋوكاتنىڭ قانۇن بويىچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخىسەت قىلغانلىق توغرىسىدىكى كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامە ھېسابلىنىدۇ.

ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسىگە يېزىشقا تېگىشلىك بولغان مەزمۇنلار، گۇۋاھنامە تۈزۈش چارىسىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدۇ. كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىرتۇتاش ياسايدۇ.

19-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىر كۆرۈلسە، ئەسلىدىكى ئادۋوكاتلىق قىلىشقا رۇخىسەت قىلغانلىق قارارىنى بىكار قىلىدۇ، ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسىنى يىغىۋالىدۇ ۋە رويخەتتىن ئۆچۈرىدۇ.

(1) ئىلتىماس قىلغۇچى ئادۋوكاتلىق قىلىشقا رۇخىسەت قىلىش قارارىنى ئالدامچىلىق، پارىخورلۇق قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئېلىۋالغان بولسا؛

(2) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئادۋوكاتلىق قىلىشىغا رۇخىسەت قىلىنغان ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خلاپلىق قىلىپ ئادۋوكاتلىق قىلىشقا رۇخىسەت قىلىش قارارى چىقارغان بولسا؛

20-ماددا ئادۋوكات كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ئاپاراتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ئۆزگەرتمەكچى بولغان كەسپىي ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى رايونلۇق (ناھىيىلىك)ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىش ھەمدە تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) ئەسلىدىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان ئاپپارات تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى بەرگەن ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بۇ چارىنىڭ 21-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنى ھازىرلىمىغانلىق ئىسپاتى؛

(2) كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان ئەسلىدىكى ئاپپارات بىلەن تەكلىپ قىلىش مۇناسىۋىتى ياكى ھەمشېرىك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغانلىق ھەمدە كەسىپ، ئارخىپ، مالىيە قاتارلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئېلىش رەسمىيەتلەرىنى بېجىرىپ بولغانلىق ئىسپاتى؛ 

(3) ئۆزگەرتمەكچى بولغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئاپپاراتىنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىنى قوبۇل قىلىشىغا قوشۇلغانلىق ئىسپاتى؛

(4) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش تارىخىي ئىسپات ماتېرىياللىرى.

قوبۇل قىلغۇچى ئورگان ئۆزگەرتىش ئىلتماسى ۋە تاپشۇرغان ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى بارلىق ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالىغا قوشۇپ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشىگە مەلۇم قىلىدۇ.ئۆزگەرتىشنى تەستىقلىسا تەكشۈرگۈچى ئورگان ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ؛ئۆزگەرتىشنى رۇخىسەت قىلمىسا ئىلتىماس قىلغۇچىغا سەۋەبنى يازمىچە چۈشەندۈرۈشى كېرەك، تەكشۈرۈش، تەستىقلاش، گۇۋاھنامىنى ئالماشتۇرۇش مۇددىتى بۇ چارىنىڭ 14-ۋە 15-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بېجىرىلىدۇ.

ئۆزگەرتىشكە رۇخىسەت قىلىنغان ئىلتىماس قىلغۇچى يېڭى گۇۋاھنامە ئېلىشتىن ئىلگىرى ئەسلىدىكى گۇۋاھنامىنى تەكشۈرۈپ تارقاتقان ئورگانغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

ئادۋوكاتلار رايون بار شەھەر ياكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئاپپاراتىنى ئۆزگەرتسە، ئەسلىدىكى ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جاي بىلەن ئۆزگەرگەن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى شۇ ئادۋوكاتنىڭ كەسىپ ئارخىپىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئېلىش كېرەك.

21-ماددا ئادۋوكات كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى توختىتىش جازاسى بېرىلگەن مەزگىلىدە كەسپى ئاپپاراتىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش جازاسى بېرىلگەن ، جازانىڭ مۇددىتى توشمىغان ئادۋوكاتخانىنىڭ مەسئۇلى، ھەمشېرىكى ۋە ئادۋوكاتخانىغا كەسىپنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش جازاسى بېرىشتە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار ئادۋوكات كەسىپكارلىق ئاپپاراتىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ؛ تاقىۋېتىشكە تېگىشلىك بولغان ئادۋوكاتخانىنىڭ مەسئۇلى، ھەمشېرىكى ۋە ئادۋوكاتخانىنىڭ كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىشىغا بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار ئادۋوكاتنىڭ ھېساباتىنى ئېنىقلاش، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتىن ئىلگىرى كەسىپ ئاپپاراتىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.

22-ماددا ئۆزى تۇرۇشلۇق ئادۋوكاتخانىنىڭ شۆبىسىدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا بەلگىلەنگەن ئادۋوكاتنىڭ ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسىنى ئالماشتۇرۇپ تارقىتىپ بېرىش ھەمدە ئۇنى باشقۇرۇش چارىسى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ.

23-ماددا ئادۋوكاتتىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسىنى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جايدىكى ئەسلىي تەكشۈرۈپ تارقاتقان ئورگان قايتۇرۇۋېلىپ رويخەتتىن ئۆچۈرىدۇ:

(1)ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىش جازاسى بېرىلگەن بولسا؛

(2) ئەسلىدىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخىسەت قىلىش قارارى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا؛

(3)ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانمايدىغان بولۇپ رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا؛

(4) ئۆزى تۇرۇشلۇق ئادۋوكاتخانا بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامىنى بىكار قىلغان ياكى تۇرۇشلۇق ئادۋوكاتخانا رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن بولۇپ، ئالتە ئاي ئىچىدە باشقا ئادۋوكاتخانا تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنمىغان بولسا.

 ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)، (4)، (5) تارماقچىسىدە بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغانلار ئادۋوكاتلىق قىلىشىنى قايتا ئىلتىماس قىلىشتا، مۇشۇ چارىدە بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئادۋوكاتلىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

4-باب ئادۋوكاتنىڭ كەسىپى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش

24-ماددا ئادۋوكات كەسىپتە ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى، ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ ئەخلاقى ۋە كەسىپ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى شەرت.

ئادۋوكات كەسىپتە پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشى شەرت؛

ئادۋوكات كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتا دۆلەت، جەمئىيەت ۋە دەۋالاشقۇچىلار نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

25-ماددا ئادۋوكات تۆۋەندىكى كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ:

(1) تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇش؛

(2) ھەق تەلەپ دېلوسى، مەمۇرىي دېلودىكى دەۋالاشقۇچىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاكالەتچىلىكنى ئۈستىگە ئېلىپ دەۋاغا قاتنىشىش؛

(3) جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، ۋاكالىتەن ئەرز، شىكايەت قىلىش، قولىغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارىنى سوت قىلغىچە كېپىلگە بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بەلگىلىشى بويىچە ئاقلىغۇچى بولۇپ، بىۋاسىتە دەۋا دېلوسىدىكى دەۋا قىلغۇچى، ئەيىبلەنگەن دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ ۋاكالەتچىلىكنى ئۈستىگە ئېلىپ دەۋاغا قاتنىشىش؛

(4)ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ تۈرلۈك دەۋا دېلوسىدا ۋاكالىتەن دەۋا قىلىش؛

(5) ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ مۇرەسسە، كېسىم پائالىيىتىگە قاتنىشىش؛

(6) ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ غەيرىي دەۋادا قانۇن مۇلازىمىتى قىلىش؛

(7)قانۇندىن سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىش، دەۋا ھۆججەتلىرى ۋە قانۇن ئىشلىرىغا ئالاقىدار باشقا ھۆجقەتلەرنى ۋاكالىتەن يېزىپ بېرىش. 

26-ماددا ئادۋوكات كەسىپ بېجىرىشتە ھاۋالىنى ئادۋوكاتخانا بىرتۇتاش قوبۇل قىلىشى،ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن يازمىچە ھاۋالە توختامى تۈزۈشى ھەمدە ئادۋوكاتخانىنىڭ قوبۇل قىلغان كەسىپتىكى مەنپەئەت توقۇنۇشىنى تەكشۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدە چىقارغان قارارىغا

بويسۇنۇشى كېرەك.

27-ماددا ئادۋوكات بىر دېلودىكى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە ۋاكالەتچى بولسا بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ ياكى يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشى بولغان قانۇن ئىشلىرىدا ۋاكالەتچىلىك قىلسا بولمايدۇ. 

ئادۋوكاتلاردىن ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلار ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە، دەۋا ۋاكالەتچىلىكى ياكى ئاقلىغۇچىلىق قىلسا بولمايدۇ.

ئىلگىرى سودىيە، پروگراتۇر بولغان ئادۋوكاتلار جەلپ سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچى بولسا بولمايدۇ.

28-ماددا ئادۋوكاتلاردىن قانۇن مەسلىھەتچىسى بولغانلىرى، پۈتۈشكىنى بويىچە ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشى، قانۇن ھۆججەتلەرىنى تەييارلىشى ۋە تەكشۈرۈشى؛ دەۋا، مۇرەسسە ياكى كېسىم پائالىيىتىگە ۋاكالىتەن قاتنىشىشى. ھاۋالە قىلغان قانۇنغا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشى، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

29-ماددا ئادۋوكاتلارنىڭ دەۋاغا كىرىدىغان قانۇن ئىشلىرىدا ۋاكالەتچى بولغانلىرى ھاۋالە قىلىنغان ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە قانۇن ئىشلىرىغا ۋاكالەتچىلەك قىلىپ ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇ مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

30-ماددا ئاقلىغۇچى بولغان ئادۋوكات پاكىت ۋە قانۇنغا ئاساسەن، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنىڭ يوقلۇقى، يىنىك ئىكەنلىكى ياكى جىنايى جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىشكە، كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان ماتېرىيال ۋە پىكىرىنى بېرىپ جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. 

31-ماددا ئادۋوكات قانۇن پىكىرى بېرىشتە مەسئۇلىيىتىنى قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا ئادا قىلىشى، بەرگەن پىكرىنىڭ چىنلىقى، دەلىللىكى ۋە تولۇقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئادۋوكات قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاكالەتلىك يېزىپ بېرىشتە پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشى ھەمدە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش قائىدىسى ۋە قانۇن ھۆججەتلەرىنىڭ شەكلى، ئۆلچەم تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

32-ماددا ئادۋوكات كەسىپ بېجىرىشتە ھاۋالە قىلغۇچىغا مەزكۇر ھاۋالە قىلغان ئىشنى بېجىرىشتە كېلىپ چىقىش مۇمكىنلىكى بولغان خېيىم-خەتىرىنى ئېتىپ قويۇشى، ئېنىق ياكى يوشۇرۇن شەكلىدە بېجىرىش نەتىجىسى ھاۋالە قىلغۇچىغا ئېيتىپ قۇرۇق ۋەدە قىلماسلىقى كېرەك.

ئادۋوكات كەسىپ بېجىرىشتە ھاۋالە قىلغۇچىغا ھاۋالە قىلغان ئىشنى بېجىرىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقىتىدا دوكلات قىلىش كېرەك؛ھاۋالە قىلغان ئىشنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى ۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ۋە ھوقۇق بېرىشىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

ئادۋوكات ھاۋالىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئورۇنلۇق ئاساسى يوق تۇرۇپ، ئاقلاش ياكى ۋاكالەتچىلىكنى رەت قىلسا بولمايدۇ، لېكىن ھاۋالە قىلىنغان ئىش قانۇنغا خىلاپ بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى ئادۋوكاتنىڭ مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانسا ياكى دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم پاكىتنى قەستەن يوشۇرغان بولسا، ئادۋوكات ئاقلاش ياكى ۋاكالەتچىلىك قىلىشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

33-ماددا ئادۋوكات كەسىپ بېجىرىشتە ھاۋالە قىلغۇچىنى قانۇنلۇق يول، ۋاسىتە ئارقىلىق ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىپ تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشىغا يېتەكلىشى، ھاۋالە قىلغۇچىنى جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشتەك قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشقا قۇتراتماسلىقى، كۈشكۈرتمەسلىكى كېرەك.

ئادۋوكات قانۇن مۇلازىمىتى قىلىش قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئالاقىدار قىلىۋاتقان تالاش-تارتىشتىن نەپ ئالسا، ئالاقىدار قارشى تەرەپتىن پۇل-مال ياكى باشقا نەپ ئالسا، ئالاقىدار قارشى تەرەپ، 3-كىشى بىلەن يامان نىيەتتە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىگە زىيان سالسا بولمايدۇ: 

34-ماددا ئادۋوكات دەۋا، كېسىم ياكى مەمۇرىي جەھەتتىن بىرتەرەپ پائالىيىتىگە ۋاكالىتەن قاتنىشىشتا سوتخانا، كېسىم سوتخانىسىنىڭ ئىنتزامى ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن بىرتەرەپ قىلىش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. دەۋا، كېسىم ياكى مەمۇرىي جەھەتتىن بىرتەرەپ قىلىش پائالىيىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان، كاشىلا پەيدا قىلىدىغان تۆۋەندىكىدەك ھەرىكەتلەردە بولسا بولمايدۇ:

(1) سودىيە، پروگراتور، كېسىمچى، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار خادىملار بىلەن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆرۈشۈش؛

(2) دېلو بېجىرگۈچىلەرگە پارە بېرىش، نەپ بېرىشكە ۋەدە قىلىش ياكى ھاۋالە قىلغۇچىنى پارە بېرىشكە يول كۆرسىتىپ ئازدۇرۇش؛

(3) ئەدلىيە ئورگىنى، كېسىم ئاپپاراتى ياكى مەمۇرىي ئورگانغا قەستەن ساختا دەلىل-ئىسپات بېرىپ ياكى قالايمىقان قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلىش؛

(4) سوتخانىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، باشقىلارغا تۆھمەت قىلىدىغان، سوتخانا تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلىش؛

(5) قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا، كېسىم ياكى مەمۇرىي جەھەتتىن بىرتەرەپ قىلىش پائالىيىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا توسقۇنلۇق، كاشىلا قىلىدىغان باشقا قىلمىشلار.

35-ماددا ئادۋوكات كەسىپداشلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئادىل رىقابەتلىشىشى، باشقا ئادۋوكاتخانىنى، ئادۋوكاتنى چۆكۈرۈش ياكى تونۇشتۇرۇش ھەققى بېرىشتەك ناتوغرا ۋاسىتە ئارقىلىق كەسىپ تارتىۋېلىشىغا بولمايدۇ.

36-ماددا ئادۋوكات ئادۋوكاتلىق قىلىش جەريانىدا بىلگەن دۆلەت مەخپىيىتى ۋە سودا مەخپىيىتىنى ساقلىشى، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ شەخسى سىرنى ئاشكارىلاپ قويماسلىقى كېرەك. 

ئادۋوكات ئادۋوكاتلىق قىلىش جەريانىدا بىلگەن ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئاشكارىلىشىنى خالىمايدىغان ئەھۋالى ۋە ئۇچۇرىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك. لېكىن ھاۋالە قىلغۇچى ياكى باشقلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى، شۇنىڭدەك باشقلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا جىنايەت ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقى ياكى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىغا دائىر پاكىت ۋە ئۇچۇرلار بۇنىڭ سىرتىدا .

37-ماددا ئادۋوكات كەسىپ بېجىرىشتە ئادۋوكاخانا بەلگىلىمە بويىچە ھاۋالە قىلغۇچىدىن ئادۋوكاتلىق ھەققى ۋە دېلو بېجىرىشكە ئالاقىدار ھەقلەرنى بىرتۇتاش ئېلىشى كېرەك. ھاۋالىنى ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىشقا، ھاۋالە قىلغۇچىدىن پۇل ياكى باشقا نەپ ئېلىشقا بولمايدۇ. 

38-ماددا ئادۋوكات دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن ياردىمى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ياردەم بېرىلگۈچىنى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

39-ماددا ئادۋوكات ئادۋوكاتلىق قىلىشتا، بېجىرىلىۋاتقان ئىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ھۆججىتى، دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرى، كەسپىي ھۆججەت ۋە خىزمەت خاتىرىسىنى ياخىشى ساقلىشى كېرەك. قانۇن ئىشلىرىنى بېجىرىپ تاماملىغاندىن كېيىن بەلگىلىمە بويىچە ئارخىپ ئورنىتىپ ئادۋوكاتخانىنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.

40-ماددا ئادۋوكات بىرلا ئادۋوكاتخانىدا ئادۋوكاتلىق قىلىدۇ. 

ئادۋوكات ئادۋوكاتلىق قىلىش مەزگىلىدە مەخسۇس ئادۋوكاتلىق قىلىش كېرەك، لېكىن قوشۇمچە ئادۋوكات ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا باشقىچە بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭدا سىرتىدا. 

ئادۋوكات ئادۋوكاتلىق قىلىشتا، ئادۋوكاتخانىنىڭ كەسىپ باشقۇرۇش بويىچە يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشى لازىم.

41-ماددا ئادۋوكات ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسىنى ياخىشى ئىشلىتىشى ۋە ساقلىشى كېرەك، ئۆزگەرتىشكە، رەنىگە قويۇشقا، ئارىيەتكە بېرىشكە، ئىجارە بېرىشكە بولمايدۇ. ئەگەر يوقىتىۋەتسە ياكى بۇزۇپ قويسا تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، تۇرۇشلۇق جايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى رايونلۇق (ناھىيىلىك) ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئارقىلىق ئەسلىدىكى تەكشۈرۈپ گۇۋاھنامە تارقاتقان ئورگانغا تولۇقلاپ ياكى ئالماشتۇرۇپ تارقىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىنى يوقىتىپ قويغانلار شۇ جايدىكى گېزىت-ژۇرنالدا ئېلان بېرىپ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىشى كېرەك. ئادۋوكاتقا كەسىپ ئىجازىتىنى كۈچتىن قالدۇرۇش، كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىش جازاسى بېرىلسە، ئۇ ئىشلەيدىغان كەسىپ ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئۇنىڭ كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى يىغىۋالىدۇ. 

ئادۋوكاتقا كەسىپنى توختىتىش جازاسى بېرىلسە، جازا بېرىش قارارى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن جازا مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى، ئادۋوكاتنىڭ كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى ئۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپارات تۇرۇشلۇق جايدىكى نەھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ساقلاپ بېرىشى كېرەك.

42-ماددا ئادۋوكات بەلگىلىمە بويىچە ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ۋە ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى تەشكىللىگەن كەسىپىي تەربىيىلەشكە قاتنىشىشى كېرەك.

5-باب ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى

43-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئۇنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئاپپاراتىنىڭ شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ.

(1)ئادۋوكاتنىڭ كەسپى پائالىيىتى داۋامىدىكى قانۇن— نىزام، قائىدە ۋە كەسپىي ئەخلاق ۋە كەسپى ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش؛

(2) ئادۋوكاتلار ئۈستىدىن قىلىنغان پاش قىلىش ۋە شىكايەتنى قوبۇل قىلىش؛

(3) ئادۋوكاتنىڭ مەمۇرىي جازانى ئادا قىلىش ۋە تۈزىتىش ئەھۋالىغا نازارەتچىلىك قىلىش؛

(4) ئادۋوكاتخانىنىڭ ئادۋوكاتلىق كەسپىي بويىچە يىللىق تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش؛

(5) ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر؛

ناھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى كۈندىلىك نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش داۋامىدا ، ئادۋوكاتنىڭ كەسىپ پائالىيىتى داۋامىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى سەزسە، تەكشۈرۈپ دەلىللەشى، ئۇنىڭ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ تۈزىتىشكە بۇيرۇشى ھەمدە ئۇنىڭ تۈزىتىش ئەھۋالىغا نازارەتچىلىك قىلىشى؛ ئادۋوكاتنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك دەپ ، دەپ ھېسابلىسا بىر دەرىجە يۇقىرى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغاجازالاش تەكلىپى بېرىشى؛ساھە بويىچە جازا بېرىشكە تېگىشلىك، دەپ قارىسا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

44-ماددا رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى تۆۋەندىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسىئۇلىيىتىنىڭ يۈرگۈزىدۇ:

(1) شۇ مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى ئادۋوكاتلار قوشۇشۇنىنىڭ قۇرلۇش ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئادۋوكاتلار قوشۇنىنىڭ قورۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەدىبرى ۋە چارىسىنى تۈزۈپ چىقىش؛

(2) بىر دەرىجە تۆۋەن ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ ئادۋوكاتلىق قىلىشىغا بولغان كۈندىلىك نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىك قىلىش، ئادۋوكاتنىڭ ئادۋوكاتلىق قىلىش مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈش ياكى مەخسۇس تۈر بويىچە سىناش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش، ئادۋوكاتلار ئۈستىدىن قىلىنغان چوڭ— چوڭ ئەرز دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛

(3) ئادۋوكاتلارنى تەقدىرلەش؛

(4) قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق بويىچە ئادۋوكاتنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا مەمۇرىي جازا بېرىش؛ قانۇن بويىچە ئادۋوكاتلىق كېنىشكىسىنى بىكار قىلىش جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، بىر دەرىجە يۇقىرى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا جازالاش تەكلىپى بېرىش؛

(5) ئادۋوكاتخانىنىڭ ئادۋوكاتنىڭ ئادۋوكاتلىق قىلىشىنى يىللىق سىناش نەتىجىسىنى تىزىمغا ئېلىشقا نازارەتچىلىك قىلىش؛

(6) ئادۋوكاتنىڭ كەسپى، كەسىپ ئاپپاراتىنى ئۆزگەرتىش، كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىشىنى ئىلتىماس قىلغان ئىشلارنى قوبۇل قىلىش، تەكشۈرۈش؛

(7) ئادۋوكاتنىڭ كەسپى ئارخىپىنى ئورنىتىش، ئادۋوكاتنىڭ كەسپى ئىجازىتىنى. ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىشقا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش؛

(8) قانۇن— نىزام ۋە قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى رايونلۇق(ناھىيىلىك)ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

45-ماددا ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى تۆۋەندىكى نازارەتچىلىك قىلىش باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:

(1) شۇ مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى ئادۋوكاتلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە ئومۇمىي كەسىپ سەۋىيىسىنى ئىگىلەش، باھالاش، ئادۋوكاتلار قوشۇنىنىڭ تەرەققىيات پىلانى ۋە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىش، ئادۋوكاتلارنىڭ كەسپىنى باشقۇرۇشقا دائىر قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تۈزۈپ چىقىش؛

(2) تۆۋەن دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپكە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش، ئادۋوكاتنىڭ ئادۋوكاتلىق قىلىشنى مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈش ياكى مەخسۇس تۈر بويىچە سىناش خىزمىتىنى تەشكىللەش؛

(3) ئادۋوكاتلارنى تەقدىرلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەش؛

(4) قانۇندا ئېغىر ھالدا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى بولغان ئادۋوكاتقا ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىش جازاسى بېرىش، بىر دەرىجە تۆۋەن ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ مەمۇرىي جازا بېرىش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىش مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ۋە ئەرز قىلىنغان دېلونى بېجىرىش؛

(5) ئادۋوكاتنىڭ ئادۋوكاتلىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش كەسپى ئاپپاراتىنى ئۆزگەرتىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە كەسپى گۇۋاھنامىسىنى بىكراماچىد قىلىش ئىشلىرىنى بېجىرىش؛

(6) شۇ مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى ئادۋوكاتلار قوشۇنى، كەسىپ ئەھۋالى، باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش؛

(7) قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

46-ماددا ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە خىزمەتچى خادىملىرى ئادۋوكاتنىڭ ئادۋوكاتلىق قىلىشىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشتا ئادۋوكاتنىڭ قانۇن بويىچە ئادۋوكاتلىق قىلمىشىغا دەخلى قىلىشقا، ئادۋوكاتنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشقا، ئادۋوكاتتىن پۇل— مال تەلەپ قىلىشقا ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا، باشقا نەپ ئېلىشقا بولمايدۇ.

47-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئادۋوكاتنىڭ كەسىپ ئىجازىتىنى يولغا قويۇش ۋە كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە باشقۇرۇشتا پائالىيىتىگە بولغان قاتلام، دەرىجە بويىچە نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىشى، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ستاتىستىكا قىلىش، يوليورۇق سوراش دوكلات قىلىش، بېجىرىشكە نازارەتچىلىك قىلىشتەك تۈزۈملىرنى بەلگىلىمە بويىچە ئورنىتىشى كېرەك.

 ئادۋوكاتلارنىڭ كەسپى ئىجازىتى، ئادۋوكاتلارنىڭ كەسپى يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئەنگە ئېلىش ياكى مۇكاپاتلاش — جازالاشقا مەسئۇل ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئىجازەت قارارى، تىزىمغا ئېلىش ئەھۋالى، مۇكاپاتلاش— جازالاش ئەھۋالىنى بىر دەرىجە تۆۋەن ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا مەلۇم قىلىش كېرەك

48-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە بولغان يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ «ئادۋوكاتلار قانۇنى» ۋە جەمئىيەت نىزامنامىسى، ساھە ئۆلچىمى بويىچە ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ پائالىيىتىدە ساھە بويىچە ئۆزىنى-ئۆزى باشقۇرۇش، مەمۇرىي باشقۇرۇش بىلەن ساھە باشقۇرۇش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ماسلاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قوللىشى كېرەك.

49-ماددا ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى شۇ مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى ئادۋوكاتلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇش، كەسىپ ئەھۋالىنىڭ ستاتىستىكا ماتېرىياللىرى، يىللىق باشقۇرۇش خىزمىتى خۇلاسىنى قەرەللىك ھالدا بىر دەرىجە يۇقىرى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

50-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى خادىملىرى ئادۋوكاتلارغا كەسىپ ئىجازىتى بېرىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتى داۋامىدا خىزمەت ھوقۇقىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەتكە توشمىسا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

51-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى مۇشۇ چارىگە ئاساسلىنىپ كونكرېت يولغا قويۇش بەلگىلىمىنى تۈزۈپ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىگە ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ. 

52-ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تۈگەن ئادۋوكاتلىق كەسپىنى باشقۇرۇشقا ئائىت قائىدە، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر بىلەن چارىگە زىت كېلىپ قالسا، بۇ چارە ئۆلچەم قىلىنىدۇ. [1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#