قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئويۇنلىرى

قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئويۇنلىرى

بۆرە-قوتان ئويۇنى قىرغىز ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ چارۋىچىلىق ھاياتىدىكى رېئال تۇرمۇشنىڭ مەزمۇنىغا تەقلىد قىلىپ ئىجاد قىلىنغان ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئويۇنلىرى بولسا  ئىككى كىشلىك ئىلەڭگۈچ، ئات ئۈستىدە تەڭگە ئېلىش،  ئۈزۈك چىشلەش، بۆرە-قوتان ئويۇنى،  ئايدىڭدا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى قاتارلىقلار.  

ئىككى كىشلىك ئىلەڭگۈچ

ئىككى كىشلىك ئىلەڭگۈچ قىرغىز قىزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئويۇن پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭدا ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان ئۈچ بۇرجەكلىك تىرەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ تال ئارغامچا باغلىنىدۇ. بىر قېتىمدا ئىككى ئادەم ئارغامچىغا چىقىپ ئوتتۇرىدىكى ئارغامچىنى دەسسەپ ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تۇرىدۇ ھەمدە ھەر بىرىنىڭ بېلى ئىككى ياندىكى بىردىن ئارغامچىغا يۆلىنىپ، ئىككى قولىنى كېرىپ ئارغامچىنى تۇتۇپ ئۇچۇشقا تەييارلىنىدۇ.

ئات ئۈستىدە تەڭگە ئېلىش

ئات ئۈستىدە تەڭگە ئېلىش قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى تەنھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ مۇسابىقە كەڭرى ۋە تۈز مەيداندا ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تۈز سىزىق سىزىلىپ، سىزىق ئۈستىگە ھەر 10 مېتىر ئارىلىققا كەڭلىكى 15 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى 10 سانتىمېتىرلىق قول پاتقۇدەك ئۈچ ئورەك كولىنىدۇ. بۇ ئورەكلەرگە ھەر خىل تەڭگىلەر سېلىپ قويۇلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئورەكتىن 50 مېتىرچە يىراقلىقتىن ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ، ئات ئۈستىدىن ئېڭىشىپ تۇرۇپ تەڭگىنى ئالىدۇ، ئېلىۋالغۇچىلار مۇكاپاتلىنىدۇ.

 ئۈزۈك چىشلەش

ئۈزۈك چىشلەش قىرغىزلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە قىزىقارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇندا بىر دانە ئۈزۈك تەكشى يەرگە قويۇلىدۇ، ئويۇنغا قاتناشقۇچى ئىككى پۇت ئارىلىقىنى 80 سانتىمېتىر ئېچىپ، ئىككى قولىنى بېلىگە تىرەپ ياكى كەينىگە قىلىپ تىك تۇرىدۇ، ئاندىن ئىككى تىزىنى ئەگمەي ئېڭىشىپ يەرگە قويۇلغان ئۈزۈكنى ئاغزى بىلەن چىشلەپ ئېلىپ ئەسلىي قىياپىتىگە قايتىدۇ.

بۆرە-قوتان ئويۇنى

بۆرە-قوتان ئويۇنى قىرغىز ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ چارۋىچىلىق ھاياتىدىكى رېئال تۇرمۇشنىڭ مەزمۇنىغا تەقلىد قىلىپ ئىجاد قىلىنغان ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇندا بىر توپ بالىلار يەرگە چەمبەر سىزىپ «قوتان» ياسايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە تۇماق، چاپانلىرىنى قالايمىغان تاشلايدۇ (بۇ قويغا تەمسىل قىلىنغان)، «بۆرە» بولغۇچىلار «قوتان» غا ھۇجۇم قىلىپ، «قوي» دىن بىرەرىنى ئېلىپ قاچالىسا غەلبە قىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#