ساتىراشلىق

ئۇيغۇر ساتراشلىقى

ئەزەلدىن ئۇيغۇرلاردا بىر-بىرىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئادەت بار. بۇنى: 

«ھەر كىشىگە لازىمدۇر بەش نەرسە ئاسماق،

ئۇستىرا، تاغاق، مىسۋاك، پىچاق ھەم چاقماق» دېگەن شېئىر ئىسپاتلايدۇ. 

ئۇيغۇرلار ئىپتىدائىي تۇرمۇشتىن قول ئۈزۈپ شەھەرلەشكەندىن كېيىنكى ئۇزاق تارىختىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مىللىي ساتىراشلىق رىسالىسىدە بايان قىلىنىشىچە: سالمانپاك دېگەن كىشى مىللىي ساتىراشلارغا پىر-ئۇستاز بولغان. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بۇ كەسىپنى داۋام قىلىپ زامانىمىزغا ئەكەلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى ساتراشلىق
خەنزۇچە نامى 理发

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇر ساتراشلىرىئۇيغۇرچە مىللىي ساتىراشلىق رىسالىسىدە، مۇلازىمەت ئەخلاقى، كەسىپ قائىدىسى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىنغان:

1) خېرىدار شاھى مەيلى گاداي بولسۇن ئوخشاش ھۈرمەت قىلىش، ھەرىكەتتە سىپايە، مۇئامىلىدە ئىللىق بولۇپ، چوڭلارنى ئورۇندۇققا يۆلەپ، بالىلارنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرغۇزۇش.

2) ئىشنى «بىسمىللا» بىلەن باشلاپ، پەرتۇقنى ئوڭدىن سول تەرەپكە تارتىش. 

3) چاچنى ئالدى بىلەن قۇرۇق ئۇۋۇلاپ، باش نېرۋىلىرىنى ئويغىتىش، ئاندىن چاچنى ھۆل قىلىپ ئۇۋۇلاش.

4) ئۇستىرا، پەرتۇقلارنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، تاز ۋە يارا چىققان باشلارنىڭ ئۇستىرىسىنى ئايرىم قىلىش، چاچ ئېلىپ بولۇش بىلەن بۇ ئۇستىرىنى كۆكتاش زەمچە سۈيىدە دېزىنفېكسىيە قىلىش، لۆڭگە، پەرتۇقنى قايناق سۇغا بېسىش، كاسىپ ئۆز قولىنى سوپۇن ۋە كۆكتاش سۈيى بىلەن يۇيۇش.

5(ئۇستىرىنى باشنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن تۆۋەن(چاچنىڭ ياتقان تەرىپى) گە قارىتىپ سېلىش، چاچ، ساقال-بۇرۇتلارنى قائىدە بويىچە ئېلىش، قۇلاق، بۇرۇن، مەڭزىدىكى مويلارنى قالدۇرماسلىق.

6) چاچ ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، باشنى سىلىق ئۇۋۇلاپ، باش بويۇننى سىلكىپ قاس چىقىرىپ، چېكە ۋە قوشۇمىنى چىمدىپ، ئانا تومۇرلارنى ئويغىتىش.

7) ئىككى قول، تاغاق دۈمبىلەرنى ئۇۋۇلاش، ئۇششاق قوللاردىن قاس چىقىرىش ئارقىلىق بەدەننى يەڭگىللىتىپ قويۇش ھەم چاچ ئالغۇچىغا ئەينەك كۆرسىتىپ، رازى بولغاندىن كېيىن پەرتۇقنى سول تەرەپتىن سىلىق ئېلىپ، خېرىدارنىڭ باش كىيىمىنى كىيدۈرۈپ، ياقىلىرىنى تۈزەپ، ياشانغانلارنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، بالىلارنى ئورۇندۇقتىن كۆتۈرۈپ چۈشۈرۈپ ئۇزىتىش ۋە قايتا كېلىشكە دەۋەت قىلىش. 

8) كاسىپ دۇكانى ساتىراشخانىلا ئەمەس ياكى مەرىپەتخانا ياكى مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئورنى قىلىش) ئۇيغۇر ساتىراشخانىلىرىنىڭ ھەر قاندىقىدا بىر يۈرۈش ساز بولىدۇ، يېڭى ناخشا-سازلار ئورۇندىلىدۇ(، كاسىپ خېرىدارغا جەمئىيەتتىكى ياخشى ئىشلارنىڭ ئۈلگىسى، ناچار ئىشلارنىڭ زىيانلىرىنى تەشۋىق قىلىش تەربىيىلىك ھېكايە-چۆچەكلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق كىشىلەرنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىدۇ.

رىسالىدە جەمئىي قىرىق بىر ماددا كەسىپ قائىدىسى سۆزلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ساتىراشلىرى بۇنىڭغا سەمىمىي ئەمەل قىلىدۇ.

تۆھپىكار ئۇيغۇر ساتراشلىرىدەرۋەقە، ئۇيغۇر ساتىراشلىرى نوقۇل ساتراش بولۇپلا قالماستىن، ئۇلار يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بەزى كېسەللەرنى داۋالايدىغان خەلق ئىچىدىكى تېۋىپلاردۇر. ئۇلار تومۇر تۇتۇش، ئۇۋۇلاش، چىمدىش، قان قان ئېلىش، ئۆسمىلەرنى خاراكتېرىگە قاراپ كېسىش(ئوپېراتسىيە قىلىش) ، سۆگەل قاتارلىقلارنى ئات قىلى بىلەن بوغۇپ ياكى ئىسرىقدان كۈلى بىلەن كۆيدۈرۈپ چۈشۈرۈش، كۆيدۈرگىنى داغلاپ(كۆيدۈرۈپ) داۋالاش، ئەسۋە(ئىلغا) كېسىلىنى پىياز بىلەن سىركىنى سۈرتۈپ ياكى يىڭنە بىلەن ئىلىش ياكى تۇچ ياماق سۈرتۈپ قايتۇرۇش، چىش ئاغرىقىنى كۆيدۈرۈلگەن نۆشۈدۈر بىلەن جىگەر كاۋىپىنى چىشلىتىپ ئاغرىق پەسەيتىش، چىش ئاقارتىش، ھەر خىل چاتما، تەمرەتكە، تاز كېسەللىرى، بالىلاردا بولىدىغان سۇلۇق چاقىلارنى داۋالاش ھەمدە سۈننەت(خەتنە) قىلىش، چېچەك چېكىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ ساتىراشلىق كەسىپىگە قوشۇپ ئىشلىگەن.

ساتىراشلىق دۇكانلىرى يەنە خەلق ئارىسىدىكى داستان، قىسسە، ھېكايە-چۆچەكلەر ۋە قىزىقارلىق لەتىپە-چاقچاقلارنى ئېيتىدىغان، ھەر خىل يېڭى ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرىدىغان مەيدان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن چاچ ئالدۇرمايدىغانلارمۇ ساتىراشخانىنىڭ دائىملىق چۆپقەتلىرى سۈپىتىدە دۇكانغا كېلىپ ئولتۇرۇش ئادىتى بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#