نوبېل
نوبېل مۇكاپاتى بۈگۈنكى دۇنيادا تەسىرى ئەڭ چوڭ مۇكاپات. بۇ مۇكاپات پۇلىنى تەمىنلىگۈچى شۋېتسىيە لىك خىمىك ئالفرېد بېرنارد نوبېل (1833 −1896) دۇر. نوبېل ئۆزى ياراتقان بايلىق ئارقىلىق مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىپ، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. نوبېل شۋېتسىيە نىڭ پايتەختى ستوكھولمدا تۇغۇلغان، كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئاتىسىغا ئەگىشىپ تۈرلۈك پارتلىتىش دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، پەن ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش ئىرادىسى بىخلانغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
نوبېلنوبېل مۇكاپاتى بۈگۈنكى دۇنيادا تەسىرى ئەڭ چوڭ مۇكاپات. بۇ مۇكاپات پۇلىنى تەمىنلىگۈچى شۋېتسىيە لىك خىمىك ئالفرېد بېرنارد نوبېل (1833-1896) دۇر. نوبېل ئۆزى ياراتقان بايلىق ئارقىلىق مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىپ، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
نوبېل شۋېتسىيە نىڭ پايتەختى ستوكھولمدا تۇغۇلغان، كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئاتىسىغا ئەگىشىپ تۈرلۈك پارتلىتىش دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، پەن ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش ئىرادىسى بىخلانغان. نوبېل 17 ياشتىن كېيىن، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە يالغۇز تەكشۈرۈشكە بېرىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن، بىلىم ئۆگەنگەن ۋە ئىنگلىز، فرانسۇز، نېمىس، رۇس، شۋېد تىللىرىنى ئىگىلىگەن.
ئۇ كان ئىشچىلىرى ئەمگىكىنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، ئەمگەك سىجىللىقىنى پارتلىتىش ئارقىلىق يېنىكلىتىش ئويىغا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ پارتلىتىش دورىسىنى داۋاملىق تەتقىق قىلغان.
نوبېل پارتلىتىش دورىسىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، سانسىز قېتىم مەغلۇپ بولغان. 1867-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، تەجرىبە ئۈستىدە پارتلىتىش دورىسى پارتلاپ كېتىپ، پۈتۈن تەجرىبىخانىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن، نوبېلنىڭ ئۇكىسىمۇ شۇ سەۋەبتىن ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئاتىسىمۇ يارىلانغان. تېخىمۇ يامىنى، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ قۇرۇقلۇقتا تەجرىبە ئىشلىشىنى چەكلىگەن، نوبېل ئاكىسى بىلەن بىر كېمىنى يۇقىرى باھادا ئىجارىگە ئېلىپ، كۆلدە داۋاملىق تەجرىبە ئىشلىگەن. بىرنەچچە يىل تىرىشىپ، نەچچە 100 قېتىم تەجرىبە قىلىپ، ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇ بىخەتەر پارتلىتىش دورىسى، تۈتۈنسىز پارتلىتىش دورىسى ياساشتەك بىر قاتار كەشپىياتلارنى تاماملىغان.
نوبېلنوبېل كەشىپ قىلغان كۈچلۈك پارتلىتىش دورىسى − ترىنىترىن بىلەن دىئاتوم تۇپرىقى ئارىلاشتۇرۇلغان بىخەتەر پارتلىتىش دورىسى دەرھاللا كان ئېچىش ۋە يول ياساشقا ئىشلىتىلگەن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك يېنىكلىگەن، ئىش ئۈنۈمىمۇ ھەسسىلەپ ئاشقان. كېيىن بۇ خىل كۈچلۈك پارتلىتىش دورىسى ئالپ تېغىنى تېشىشكە ئىشلىتىلىپ، 9 ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان تونىلنى مۇددەتتىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئېچىپ، 5 مىليون دوللاردىن ئارتۇق خىراجەت تېجەپ قېلىنغان. نيۇيورك دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى، پاناما قانىلى نىڭ قېزىلىشى قاتارلىقلاردىمۇ بۇ خىل كۈچلۈك پارتلىتىش دورىسى ئىشلىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن نوبىلنىڭ نامى ئەلگە تارالغان، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىمۇ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى قوغلاشتىن قارشى ئېلىشقا ئۆتكەن. ئۇ يەنە ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشكەن.
نوبېل ئىلمىي تەتقىقات ئۈچۈن ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمىگەن، پۈتۈن ھاياتىنى ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. ئۇنىڭ پارتلىتىش دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى غايەت زور بولۇپ، «پارتلىتىش دورىسى پادىشاھى» دەپ ئاتالغان. نوبېلنىڭ خىمىيە جەھەتتىمۇ نۇرغۇن كەشپىياتلىرى بار، يالغۇز ئەنگلىيىدىلا ئېرىشكەن پاتېنتى 120 خىلدىن ئاشىدۇ.
نوبېلنىڭ كەشپىياتى ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن بەخت ياراتتى، شۇنداقلا ئۇنى كاتتا بايغا ئايلاندۇردى. ئۇ مال-مۈلكىنى قېرىنداشلىرىغا مىراس قالدۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ. ئۇ: «مال-دۇنيا ئادەمنى يارامسىز قىلىپ قويىدۇ. ۋارىسلىق قىلغۇچى مىراسنىڭ راھىتىنى سۈرسە، ئۇلار ئۈچۈن ئاپەت بولىدۇ» دەيدۇ. ئۇ ئىلىم-پەن كەشپىياتى ئۈچۈن ئاجايىپ جاپالارنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ھەتتا ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا تەۋەككۈل قىلىدۇ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن بەخت ياراتماقچى بولغان ئاشۇ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ بايلىقى بىلەن مەدەت بېرىشنى ئىنتايىن خالايدۇ. ئۇنىڭ پارتلىتىش دورىسىنى تەتقىق قىلىشتىكى مەقسىتى ئۇنى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىپ خەلققە بەخت يارىتىش ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن كىشىلەر ئۇنى ئۇرۇشقا ئىشلەتتى، بۇنىڭ بىلەن مىليونلىغان ئادەم ئۆلدى، نوبېل بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئازابلاندى، ئۇ تىنچلىق ئىشلىرىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش قارارىغا كېلىدۇ، ئۇ ئۆزىدىكى كېسەل سەۋەبىدىن، فىزىئولوگىيە ۋە مېدىتسىناغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇ، مېدىتسىنا ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانلارنى كېسەل ئازابىدىن خالاس قىلىش لازىم، دەپ قارايدۇ. ئۇ ئەدەبىياتقا ئۆمۈر بويى قىزىققان، شۇنداقلا ئەدەبىيات ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئىرادىسىگە كەلگەن. . .
نوبېل مۇكاپاتى نوبېل 1896-يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئالەمدىن ئۆتىدۇ، كۆز يۇمۇشتىن ئىلگىرى 30 مىليون كرونا (شۋېتسىيە پۇلى) نىڭ كۆپ قىسمىنى فوند بەرپا قىلىشقا ئىشلىتىشنى، 1901-يىلدىن ئېتىبارەن، ھەر يىللىق ئۆسۈمىنى مۇكاپات قىلىپ خىمىيە، فىزىكا، فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنادا زور كەشپىياتى بار كىشىلەرنى مۇكاپاتلاشنى، ئەڭ نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاشنى، دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا ئەڭ زور تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى (1969-يىلىدىن كېيىن يەنە ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتى كۆپەيتىلدى) مۇكاپاتلاشنى ۋەسىيەت قىلىدۇ، مانا بۇ مەشھۇر نوبېل مۇكاپاتى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.