كىت دېڭىز - ئوكياندا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋاندۇر. ئۇلارنىڭ تېنى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 نەچچە مېتىرغا يېتىدۇ. ئۇلارنى ھەقىقەتەن « دېڭىز پادىشاھى » دېيىشكە بولىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى كىت
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى كىت ئائىلىسى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 鲸鱼
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى كىتلار تۈركۈمى
لاتىنچە نامى Cetacea
كەنجى سىنىپى ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىتكىت ئۇزۇنلۇقى 1 ~ 30 مېتىر، تەن شەكلى بېلىقنىڭكىگە ئوخشايدۇ، تېرىسى يالىڭاچ بولۇپ، پەقەت تۇمشۇق قىسمى ئاز ساندىكى تۈكلۈكلۈككە ئىگە، تەر بېزى ۋە تېرە ياغ بېزى يوق. ئالدى پۇتىنىڭ ئۈزگۈچ شەكلى ئۆزگەرگەن. قۇلاق سۇپرىسى يوق، تېرىنىڭ ئاستىدا بىر قەۋەت قېلىن ماي بار، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئىسسىقلىق ساقلاش ۋە ئۇنى ئازايتىش، بەدەن نىسبىتىگە پايدىلىق. دۈمبە پالاقچىسى تۈرگە ئىگە. كۆزى كىچىك، ياش بېزى يوق، كۆرۈش قۇۋۋىتى ناچارراق. سىرتقى بۇرۇن تۆشۈكى 1 - 2 بولۇپ، بېشىنىڭ چوققىسىغا جايلاشقان. قۇلاق سۇپرىسى يوق بولسىمۇ، ئەمما ئاڭلاش سېزىمى ئۆتكۈر. 

كىتكىتلار پۈتۈنلەي سۇدا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، ئاساسلىق ئەكس سادا ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. ئادەتتە يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار، بېلىقلار ۋە لەيلىگەك ساياھەت ھايۋانلارنى يەيدۇ، بەزى تۈرلىرى يەنە دېڭىز يىلپىزى دېڭىز ئىتى قاتارلىقلارنىمۇ ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. ھاۋا ئالماشتۇرىدۇ، ئادەتتە قىش پەسلىدە سوغۇق سۇ رايونى تۆۋەن كەڭلىك ئىسسىق سۇلاردا ئۈزۈپ كۆپىيىدۇ، ياز پەسلىدە يەنە يۇقىرى كەڭلىك سوغۇق سۇ رايونى كەڭلىكىگە قايتىپ كېلىدۇ. 

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېڭىز - ئوكيانلار.

كىتخەلقئارا كىت تۇتۇش كومىتېتى، يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى، دېڭىز – ئوكيان قوغدىغۇچىلىرى جەمئىيىتى، دېڭىز - ئوكيان قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار. 

كىتكىتلارنى ئىككى تارماق تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ : بۇرۇتلۇق كىت ۋە چىشلىق كىت. ھازىرقى بۇرۇتلۇق كىت كەنجى ئەترىتى ۋە چىشلىق كىت كەنجى ئەترىتى .

بۇرۇتلۇق كىت كەنجى ئەترىتى

بۇرۇتلۇق كىت كەنجى ئەترىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ھايۋان تۈرى. ئۈچ ئائىلىسى، 10 خىل تۈرىنىڭ ھەممىسى دېڭىزدا ياشايدۇ.

چىشلىق كىت كەنجى ئەترىتى

چىشلىق كىت پەقەت ئاز ساندىكى تاتلىق سۇ تۈرىدىكىلەر، كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ھەممىسى دېڭىز - ئوكيانلاردا ياشايدۇ. جەمئىي 7 ئائىلە، 80 خىل تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#