چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چاشقانلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. ئوخشاش بولمىغان چاشقانلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىمۇ ناھايىتى چوڭ پەرق قىلىدۇ، ياشاش ئادىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشايدىغان بالىسىنى يۈدۈۋالىدىغان چاشقان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ چاشقان سانىلىدۇ. ئۇلار ناھايىتى چوڭ بولۇپ، چوڭ مۈشۈكچىلىك كېلىدۇ، ئۇلار دائىم بالىلىرىنى يۈدۈۋالىدۇ، بالىلىرى قۇيرۇقىنى ئىلىۋالسۇن ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى دىڭگايتىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يول يۈرگەندە بالىلىرى ئانىسىنىڭ دۈمبىسىدىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ. شۇڭا كىشىلەر بۇنداق چاشقانلارنى بالىسىنى يۈدۈۋالىدىغان چاشقانلار دەپ ئاتايدۇ. بالىسىنى يۈدۈۋالىدىغان چاشقانلار باشقا چاشقانلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار كۈشەندىسىگە ئۇچراپ قالغاندا، «ئوتتۇز ئالتە ئامال، ياخشىسى كېتىپ قال» دېگەننىڭ ئەكسىچە، تۆت پۇتىنى كۆتۈرۈپ ئوڭدىسىغا يېتىپ، قورسىقىنى كۆپتۈرۈپ ئۆلگەن بولىۋالىدۇ. كۈشەندىسى كەتكەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ تەمتىرىمەي بىمالال كېتىۋېرىدۇ. بالىسىنى يۈدۈۋالىدىغان چاشقانلارنىڭ قورسىقىدا كىچىككىنە خالتىسى بولىدۇ، لېكىن ئۇ ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان كېنگۇرۇلارنىڭ خالتىسىدەك ئەسقاتمايدۇ. بالىسىنى يۈدۈۋالىدىغان چاشقانلارنىڭ تېرىسى ناھايىتى قىممەتلىك بولىدۇ.

ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشايدىغان بالىسىنى يۈدۈۋالىدىغان چاشقانلار ئىككى خىل بولىدۇ: بىر خىلى، قۇرۇقلۇقتا ئۆسىدۇ، ئۇلار ئورمانلىقتا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يەيدۇ؛ يەنە بىر خىلى، دەريا-كۆل ياقىلىرىدا ياشايدۇ، دائىم سۇدا ئۈزۈپ يۈرۈپ، ھەرخىل بېلىق ۋە قىسقۇچ پاقىلارنى تۇتۇپ يەيدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#