پەنجىتار

پەنجىتار

پەنجىتارئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە نامى پەنجىتار
باشقا نامى يۇقىرى ئاۋازلىق تەمبۇر
تۈرى چالغۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پەنجىتار- ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئاۋازى جاراڭلىق ۋە مۇڭلۇق.

پەنجىتارنىڭ باش قىسمى ئاساسەن تەمبۇرغا ئوخشاش ياسالغان، بېشىنىڭ ئىككى تەرىپى راۋابنىڭ مۈڭگۈزىگە قارىغاندا ئۆزگىچە ھالدا ياپىلاقراق، كۆركەم، قۇلاقسىمان ئويما نەقىش بېكىتىلگەن. پەدىلىرىمۇ ئاساسەن تەمبۇرغا ئوخشاش، بەش دانە سىم تار قىلىنغان. ئەمما دەستىسى قىسقا، تەخمىنەن 1 مېتىر ئۆپچۆرىسىدە. باش قىسمى ۋە دەستىلىرىگە تەمبۇر – راۋابلارغا ئوخشاش سۆڭەك ۋە رەڭلىك سۇلياۋدىن خىلمۇ-خىل كۆركەم نەقىشلەر قويۇلۇپ ياسالغان. 

پەنجىتارنىڭ چېلىش ئۇسۇلى تەمبۇرغا ئوخشاش، بىراق ناخۇل ئىشلەتمەي زەخمەك بىلەن ئوڭ پۇت تېقىمىنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ، دەستىسى سەل تىكرەك تۇتۇلۇپ چېلىنغان.

تارلىرىنى تەڭشەش ئۇسۇلىمۇ تەمبۇر ۋە چاپلىما راۋابقا ئوخشاش، ئاۋازى تەمبۇر ۋە چاپلىما راۋابتىن جاراڭلىق، مۇڭلۇق شۇڭلاشقا، بەزىلەر پەنجىتارنى يۇقىرى ئاۋازلىق تەمبۇر دەپمۇ ئاتاشقان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#