مانگرو ئورمىنى

مانگرو ئورمىنى

مانگرو ئورمىنى تىروپىك بەلباغ، سۇبتىروپىك بەلباغنىڭ كۆتۈرۈلۈش-پەسىيىش ساھىلىدە ئۆسىدىغان، يىل بويى دېڭىز سۈيىنىڭ دەۋرىيلىكى تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ئالاھىدە بىر خىل دېڭىز-ئوكيان ئورمانلىقىدۇر. 

ئۇيغۇرچە نامى مانگرو ئورمىنى
چەتئەلچە نامى Mangrove
خەنزۇچە نامى 红树林

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مانگرو ئورمىنىمانگرو ئورمىنى تىروپىك بەلباغ، سۇبتىروپىك بەلباغنىڭ كۆتۈرۈلۈش-پەسىيىش ساھىلىدە ئۆسىدىغان، يىل بويى دېڭىز سۈيىنىڭ دەۋرىيلىكى تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ئالاھىدە بىر خىل دېڭىز - ئوكيان ئورمانلىقىدۇر. 

مانگرو ئورمىنى دېڭىز سۈيى تەسىرىدىمۇ ئۆسۈپ يېتىلەيدىغان بىردىنبىر ئورمانلىقتۇر. ئۇ قۇرۇقلۇقتىكى ئورمانلاردا ئۆسۈپ يىتىلىدىغان دەرەخلەردەك ئېگىز ھەم تىك ئەمەس، لېكىن دېڭىز لاتقىلىرىنى توسۇش، دېڭىز لاتقىلىرىنى توسۇپ دېڭىز قىرغىقىنى قوغداش، مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۆھپىسى ئىنتايىن گەۋدىلىك، شۇ سەۋەبتىن «دېڭىز قىرغىقىدىكى قوغدىغۇچى» دەپ ئاتالغان. 

دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويى رايۇنلىرىدا ياسالغان دېڭىز توسمىسى دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇسى ۋە زىرائەتلىرىنى كۈچلۈك دېڭىز تاشقىنىنىڭ زەربىسىدىن قوغداپ قالالايدۇ. ئەگەر دېڭىز توسمىسىنىڭ سىرتقى تەرىپىدە كەڭلىكى 30 - 40 مېتىر كېلىدىغان مانگرو ئورمانلىقى بار بولسا، ئۇ چاغدا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ. 1985 - يىلى جەنجىياڭ دەرياسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن 17 - نومۇرلۇق تەيفىڭ بورنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى شامال تېزلىكى 31ms بولۇپ، يەنە تېخى قارا يامغۇر ئارلاش. شۇ قېتىمقى ئاپەت ئەتراپىدا مانگرو ئورمىنى بار بولغان دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى توسمىلارغا ھىچ ئىش بولمىدى، ئەكىسچە مانگرو ئورمىنى بولمىغان قىرغاقلاردا بولسا، دېڭىز توسمىسىنى بۇزۇپ، ئىنتايىن ئېغىر ئاپەت كېلىپ چىققان. 

بۈك-باراقسان مانگرو ئورمىنى دېڭىز قۇشلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. مانگرو دەرىخىنىڭ چېچەك ئېچىش مەزگىلى دېڭىز ساھىلى يېشىللىققا پۈركۈنۈپ ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ كېتىدىغان ، قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چاچىدىغان مەزگىلدۇر. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، جەنۇبىي جوڭگۇدىكى ھەر قايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلەر دېڭىز ساھىلى يېشىللىققا پۈركۈنۈپ ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ كېتىدىغان ، قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇشپۇراق چاچىدىغان مەزگىلدۇر. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، جەنۇبىي جوڭگۇدىكى ھەر قايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە دېڭىز قىرغىقى مانگرو ئورمانلىقى قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىپ، مانگرو ئورمانلىقى قوغداش رايۇنى قۇرۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنداقلا مۇۋاپىق كېلىدىغان دېڭىز ساھىللىرىنىڭ ھەممىسىگە مانگرو ئورمانلىقى بىنا قىلىپ، «دېڭىز قىرغىقى قوغدىغۇچىسى» نى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل قىلىشقا تىرشىۋاتىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#