تۇخۇم ئېقى

تۇخۇم ئېقى

بۇ قىرغاۋۇل ئائىلىسىدىكى ھايۋانات ئۆي تۇخۇسنىڭ تۇخۇمىنىڭ ئېقىدىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرچە نامى تۇخۇم ئېقى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 鸡子白

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ قىرغاۋۇل ئائىلىسىدىكى ھايۋانات ئۆي تۇخۇسنىڭ تۇخۇمىنىڭ ئېقىدىن ئىبارەت. گەرچە تۇخۇم ئېقىنىڭ ئاقسىلى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇقلۇق جەھەتتىن ئەلا سۈپەتلىك ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى تەركىبىدە سالامەتلىك ئۈچۈن زۈرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسى بار. 

100 گرام تۇخۇم ئېقىدا 10 گرام ئاقسىل، ئاز مىقداردا ياغ، بىر گرام كاربون سۇبىرىكمىلىرى، كۈل ماددىسى، 10 مىللىگرام فوسفۇر، 19 مىللىگرام كالتىسي، تۆمۈر، رىبۇفلاۋىن، نىكوتىن كىسلاتاسى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان مىكرو ئېلمېنتلار بار. 

ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا سۇ تەركىبى %87 نى، قاتتىق تەركىبى %13 نى تەشكىل قىلىدۇ، قاتتق (قۇيۇق) تەركىبىنىڭ %90 نى ئاقسىللار ئىگلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇخۇم ئاق ئاقسىلى %75نى، تۇخۇمسىمان، يېپىشقاق ئاقسىل %15نى، تۇخۇم يېپىشقاق ئاقسىلى %7 نى تەشكىل قىلىدۇ. 

بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سۇغۇق.

ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئۆپكىگە نەملىك يەتكۈزۈش، كېكىردەك خىزمتىنى راۋانلاشتۇرۇش، قىزىتىما قايتۇرۇش، تېرىنى ئۇزۇقلاندۇرۇش، چاچ ئۆستۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش.

گال ئاغرىقى، كۆز قىزىرىش، يۆتەل، ئىچ سۈرۈش، بەزگەك، كۆيۈك يارىسى، ھەر سۇنۇق قاتارلىقلارغا ئىشىلتىلدۇ. 

1. خام ھالەتتە كۈندە تۇخۇمنىڭ ئېقىدىن ئىككى دانىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىچىپ بەرسە گال ئاغرىقى ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. تۇخۇمنىڭ ئېقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يەرلىك ئۇرۇنغا چېپپ بەرسە بەزگەك ھەم كۆيۈك يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

3. تۇخۇمنىڭ ئېقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ داكىنى نەمدەپ سۇنۇق بار ئۇرۇننى تېڭىپ بەرسە سۇنۇققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

مۇۋاپىق مىقداردا.

سۇغۇقجان كىشلەرگە زىيان قىلىدۇ.

تۇخۇم سېرىقى، زەپەر.

غاز ياكى ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ ئېقى.

ئېلىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#