پىنگۋىن

 پىنگۋىن

 پىنگۋىن جەنۇبىي يېرىم شارغا تارقالغان، كۆپىنچە تۈر توپى بويىچە ياشايدۇ.  پىنگۋىن ئۇچالمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى سۇ ئۈزۈش ماھىرى بولۇپ، سۇدا ئوزۇقلۇق تۇتۇپ يەيدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى پىنگۋىن
ئىنگلىزچە نامى Penguins
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى پىنگۋىن ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 企鹅
تارقالغان رايونلار جەنۇبىي قۇتۇپ چوڭ قۇرۇقلۇقى، سۇبتروپىك بەلباغ ۋ تىروپىك بەلباغ رايونلىرى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى پىنگۋىن تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى 6 ئۇرۇقدىشى بار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىنگۋىنپىنگۋىن ئادەتتە جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ . ئۇلار كېلەڭسىزرەك ، لېكىن ئۇماق كېلىدۇ ، قارىماققا فىراك كىيىۋالغان مۆتىۋەرگە ئوخشايدۇ .  پىنگۋىن جەنۇبىي يېرىم شارغا تارقالغان، كۆپىنچە تۈر توپى بويىچە ياشايدۇ.  پىنگۋىن ئۇچالمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى سۇ ئۈزۈش ماھىرى بولۇپ، سۇدا ئوزۇقلۇق تۇتۇپ يەيدۇ.

پىنگۋىنپىنگۋىننىڭ جەمئىي 18 مۇستەقىل تۈرى بار، بەدىنى ئەڭ چوڭ تۈردىكى پىنگۋىنلەرنىڭ ئېگىزلىكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 1.1 مېتىر ئېگىز ، بەدەن ئېغىرلىقى 53 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. ئەڭ كىچىكلىرى شاكىچىك پىنگۋىنلار بولۇپ تۈرلەرنىڭ كىچىك كۆك ئەۋلىيا پىنگۋىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئېگىزلىكى 40 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى 1 كىلوگرام بولىدۇ . پىنگۋىنلەرنىڭ ئۆز ئۆزىگە خاس قۇرۇلمىسى، پەي زىچلىقى ئوخشاش، بەدەن تىپى قۇشلارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن 4 ھەسسىسىگىچە بولىدۇ، بۇ پەيلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش رولى بار . پىنگۋىن ئىككى پۇتى ئاساسىي جەھەتتىن باشقا ئۇچار قۇشلار بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ سۆڭىكى قاتتىق ، ھەمدە پۇتى بىرقەدەر قىسقا ۋە تۈز.

پىنگۋىنپىنگۋىن قۇشلار سىنىپى پىنگۋىن ئەترىتى پىنگۋىن ئائىلىسىگە تەۋە بۇلۇپ، جەنۇبىي قۇتۇپ چوڭ قۇرۇقلۇقى ، سۇبتروپىك بەلباغ ۋ تىروپىك بەلباغ رايونلىرىدا ياشايدۇ. بېلىق ، راك قاتارلىقلارنى ئۇزۇقلۇق قىلدىغان بۇلۇپ، تيۇلېن ، دېڭىز شىرى ، يىرتقۇچ كىت قاتارلىقلار پىنگۋىننىڭ كۈشەندىلىرىدۇر.  پىنگۋىننىڭ كىچىك قاناتلىرى خۇددى كېمە پالاقلىرىدەك ئۈزۈش ۋە سىيرىلىپ مېڭىش سۈرئىتىنى تىزلىتىپ ، ئۇلانىڭ ئوزۇق تۇتۇشى ۋە كۈشەندىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا تېخىمۇ پايدىلىق .

جەنۇبىي قۇتۇپتا زېمىن يىل بويى قار -مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ . جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ خوجايىنى پىگۋېن ئۇزاق تەدرىجىي تەرەققىياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ، قەتئىي ئىرادىلىك بىلەن ياشاش جەريانىدا ،ئۇنىڭ ياشاش ئادىتى ۋە ئورگانىزىملىرىنىڭ خۇسۇسىيتى بارا-بارا جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ ناچار مۇھىتىغا ماسلاشقان ، پىنگېۋىننىڭ بەدىنىدىكى قويۇق پەي ۋە قېلىن مايلار ئۇلارنى سوغۇقتىن ساقلىيالايدۇ . گەرچە پىنگۋىنلارنىڭ قانىتى چېكىنىپ كېتىپ ئۇچالمايدىغان بولسىمۇ ، بىراق مېڭىش ۋە سۇ ئۈزىشىگە كۆپ پايدىسى بار .

بارلىق پىنگۋىنلارنىڭ قار - مۇزلۇق جەنۇبىي قۇتۇپتا ياشىشى ناتايىن ، بەزى پىنگۋىنلار ھەتتا تومۇز ئىسسىق بولىدىغان ئېكۋاتورنىڭ يېقىن ئەتراپلىرىدا ياشايدۇ .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#