خېجىڭ بازىرى

خېجىڭ بازىرى

خېجىڭ بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى گە قاراشلىق بولغان مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، جەنۇبىي تەرىپى نەمىنمودۇن بازىرى، غەربىي تەرىپى خارمۇدۇن بازىرى، شىمالىي تەرىپى بالغۇنتاي بازىرى بىلەن يانداش.

ئۇيغۇرچە نامى خېجىڭ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
نوپۇسى 45262 ئادەم
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0996
خەنزۇچە ئاتىلىشى 和静镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى
ئورمان كۆلىمى 25 مىڭ مو
ماشىنا كودى 新M

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خېجىڭ بازىرىخېجىڭ بازىرى خېجىڭ ناھىيەسى گە قاراشلىق بولغان مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، تەڭرىتاغ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ جەنۇبى، شەرقىي يېزا ئىگىلىك 2-شى 223-تۇەن بىلەن تۇتىشىدۇ. ئورمان كۆلىمى 25 مىڭ مو. 218-دۆلەت يولى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى يېزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. خېجىڭ ناھىيەلىك سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، خەۋەرلىشىش مەركىزى. قارىمىقىدا تۆت مەمۇرىي كەنتتە بىر بىناكارلىق قۇرۇلۇش شىركىتى، توققۇز مەھەللە بار. ھازىرقى نوپۇسى 45262 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 12965 ئادەم، نوپۇسى ئايرىم-ئايرىم خەنزۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق 11 مىللەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %67.63 نى ئىگىلەيدۇ، پۈتۈن بازاردىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 182 ئادەم.

خېجىڭ بازىرى بازار بويىچە جەمئىي 5 مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى 317 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ مىللىتىدىن 49 ئادەم، موڭغۇل مىللىتىدىن 93 نەپەر، ئۇيغۇر مىللىتىدىن 168 ئادەم، خۇيزۇ مىللىتىدىن 7 ئادەم. 2004-يىلى بازار بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.9، مۇقىملىنىش نىسبىتى %100 كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %91.75، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئىككى ئاساسەن» تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا ئۆلچەمگە يەتكەن ئورۇن بولۇپ باھالانغان. ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ «ئىككى ئاساسەن خىزمىتى» ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان.

خېجىڭ بازىرىخېجىڭ بازىرى 1981-يىلى، بازار قۇرۇلغان بۇيان خېجىڭ بازىرى جۇغراپىيلىك ئۈستۈنلىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىققا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە باقمىچىلىق، ئالاھىدە تېرىقچىلىق، ئالاھىدە ساياھىتى ئاساس قىلغان ئۆزگىچە ئىقتىسادىي گۇڭ قالا كەنتى سېرىق كالا بېقىش بازىسى، چاغانچېكە ئېقىمى جىلغا كەنت پارنىك مېۋە، كۆكتات ئۆستۈرۈش بازىسى، شاربۇلاق كەنتى كالا، قوي بورداش بازىسى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى تەدرىجىي قۇرۇلغان. 20 يىل تىرىشىش ئارقىلىق خېجىڭ بازىرىدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرى زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن. بۈگۈنكى خېجىڭ بازىرى دېھقانچىلىق، ئىشچىلىق، سودا-سېتىق ۋە ساياھەتچىلىك بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك كىچىك شەھەر-بازار بولۇپ قالغان.

2007-يىلى خېجىڭ بازىرى چارۋىچىلىق ئومۇمىي كىرىمى 72 مىليون 611 مىڭ 700 يۈەن بولۇپ، 1981-يىلدىكىنىڭ 14.1 ھەسسى بولغان. 

بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك كىرىمى 36 مىليون 498 مىڭ 900 يۈەن، 2006-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.93 ئاشقان؛

ئورمانچىلىق كىرىمى 3 مىليون 427 مىڭ 600 يۈەن، 2006-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %116.91 ئاشقان؛

چارۋىچىلىق كىرىمى 13 مىليون 205 مىڭ 500 يۈەن، 2006-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.81 ئاشقان؛

2-كەسىپنىڭ كىرىمى 3 مىليون 766 مىڭ 600 يۈەن، 2006-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.66 ئاشقان؛

3-كەسىپنىڭ كىرىمى 15 مىليون 713 مىڭ 100 يۈەن، 2006-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %77.51 ئاشقان. 

دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4655.94 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 506 يۈەن ئېشىپ، 1981-يىلدىكىنىڭ 11.3 ھەسسى بولغان.

خېجىڭ بازىرىشەھەر قۇرۇلۇشى جەھەتتە: ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 6000 كۋادىرات كىلومېتىر بولغان يۇڭفېڭ سودا شەھەرچىسى، 30 مىڭ كۋادىرات مېتىردىن كۆپرەك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بازىرىنى گۈللەندۈرۈپ، شۇنداقلا سىغىمى 3000 توننا يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى ۋە ھەر كۈنى 3000 تۇياق تۇياق تىرىك چارۋا سىغىدۇ سودا بازىرى بازار تەرەققىياتىنىڭ يارقىن نۇقتىسىنى ئايلانغان؛ شەھەرنىڭ شىمالىدىكى شازغەت گايىت مىڭ مو ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادىي ئورمان تۈرى، چاغانچېكە ئېقىمى جىلغا ئورمانچىلىق مەيدانى قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر رايونى باغ-ئورمان قۇرۇلۇشى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ قاراياغاچ بۇلاق، ئەجدىھا بۇلاق جىلغا، ئۈزۈم لاپاس ئۆرپ-ئادەت باغچىسى، شەرققە ساياھەت پىيادىلەر كوچىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ساياھەت نۇقتىلىرى ئارقا-ئارقىدىن پۈتۈپ، خېجىڭ بازىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن. 

خېجىڭ بازىرى قاتناش، پوچتا-تېلېگراف ئىنتايىن قولايلىق، كىشىلەر توپى نەرسە ئېقىم مىقدارى چوڭ، سودا ئىشلىرى، تېلېگراف كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، مەھەللە ۋە يېزا مەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن. 

خېجىڭ بازىرىنۆۋەتتە «10 يۇلتۇز دەرىجىلىك مەدەنىي ئائىلە» 1195، «بەشتە ياخشى مەدەنىي ئائىلە» 325،  ئائىلىك چارۋىچى ئائىلە 406 گە، ئورتاق ئورۇن 19 گە يەتكەن.

2001-يىلىدىن بۇيان خېجىڭ بازىرى ئىلگىرى-كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق «سەھىيە-بازار» دېگەن نامغا ئېرىشكەن؛

ئاپتونوم رايوننىڭ «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆلچەمگە يەتكەن ئورۇن، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ «ئىككى ئاساسەن خىزمىتى بويىچە» ئىلغار ئورۇن؛ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پىلانلىق تۇغۇت «ئۈچ ئاساس قىلىش» خىزمىتىدە لاياقەتلىك بازار، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ «مەنىۋى مەدەنىيەتلىك ئورۇن»، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ «باغچىلاشقان ئورۇن»، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ «جەمئىيەت ئامانلىقىنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى بويىچە ئىلغار كوللېكتىپ قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن.

ئۆزگىچە ئىگىلىكى 

2003-يىلىدىن باشلاپ بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت پۈتۈن بازاردىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادىي ئورمان سۇ تېجەپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشلىرىغا پائال يېتەكلەپ، ئېغىر دەرىجىدە قىس بولۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر قەدەر ئىلغار بولغان تېمىتىپ سۇغۇرۇش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىنغان ھەمدە يوپۇق ئاستىدىن سۇغىرىش تېخنىكىسى كىرىشتۈرۈپ تېرىش كاپالەتلىك قىلىش ئالاھىدە ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىلىپ كېڭەيتىلگەن. شۇ جايدىكى كەسىپ ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. ھازىر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ جەمئىي ئېچىلىشى 6500 مو، سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 7 مىليون 100 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. ئىقتىسادىي ئورمان ئاساسلىقى ئەلا سۈپەتلىك چىلان، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ، ئورمان يەر كۆلىمى %86؛ ئىھاتە ئورمىنى ئاساسلىقى مىرزا تېرەك، توغراق ۋە جىگدىنى ئاساس قىلىدۇ، ئىتاھە ئورمان يەر كۆلىمى %10 نى ئىگىلەيدۇ؛

باقمىچىلىقى 

خېجىڭ بازىرى2005-يىلدىن بۇيان بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمىتىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ئارقىسىدا بازاردىكى گۇڭخارا كەنتى، شاربۇلاق كەنتى بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئارقا-ئارقىدىن كالا بېقىش جەمئىيىتى ۋە دېھقانلار باقمىچىلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغان. بولۇپمۇ شاربۇلاق كەنتى دېھقانلار باقمىچىلىق جەمئىيىتىگە تايىنىپ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى، چارۋا سودا بازىرى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ شەھەر-بازارلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ گۆش ئىستېمال قىلىش، سويۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمىتى، يىللىق سويۇلۇش مىقدارى 200 مىڭ (دانە). 2006-يىلى پۈتۈن بازاردىكى گۆش مەھسۇلات مىقدارى 3890 توننا، 2007-يىلى 4204 توننىغا يەتكەن. چارۋىچىلىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم ئىچىدە ئىگىلىگەن ئورنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، 2007-يىلى بازار چارۋىچىلىق كىرىمى 14 مىليون 127 مىڭ 700 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 816.35 يۈەن، 2006-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.51، چارۋىچىلىقتا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئاشۇرۇلىشى 92.68 يۈەن ئاشقان.

ئۆزگىچە تېرىقچىلىقى 

خېجىڭ بازىرىخېجىڭ بازىرىدا ئادەم كۆپ، يەر ئاز، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاران ئىككى يېرىم مو، بۇغداي، قوناق قاتارلىق ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە  كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر يىلى بازارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن بازىرى ئىتتىك پاختا، گازىر تاۋۇز، سانائەت پەمىدۇر، پىگمېنتلىق مۇچ، مىرزىگۈل، قوغۇن-تاۋۇز، زىرە قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تاللاپ يېتەكلەپ تېرىقچىلىق قىلىپ بېيىش.

تېرىلغۇ يەر تۈزەش جەھەتتە، 2007-يىلى بۇغداينىڭ مو بېشى ھوسۇلى 495.25 كىلوگرام، 2005-يىلدىكى 398.9 كىلوگرامدىن 96.45 كىلوگرام ئاشقان، پاختا (ساپ پاختا) يەككە بىرلىك مەھسۇلاتى 81 كىلوگىرام، 2005-يىلدىكىدىن 70.6 كىلوگرامدىن 70.6 كىلوگرام ئاشقان.

خېجىڭ بازىرىدېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيىنىڭ ئەڭ ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى، پارتىيەنىڭ دېھقانچىلىق رايونلىرىدا بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى، پارتىيەنىڭ ئوبرازى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى شەكلىنى تىرىشىپ ياخشى ھەل قىلىپ، ئامما ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان قىيىن، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى  توغرا ئىگىلەپ، شۇندىلا ئاممىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. 

خېجىڭ بازارلىق پارتكوم، ئۇنىڭ قارمىقىدا پارتىيە باش ياچېيكىسى بىر، پارتىيە ياچېيكىسى 20، بۇنىڭ ئىچىدە: يېزا پارتىيە ياچېيكىسى يەتتە، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىدىن ئىككى، كارخانا پارتىيە ياچېيكىسى بىر، ئورگان پارتىيە ياچېيكىسى تۆت، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى يەتتە، بازار بويىچە جەمئىي پارتىيە ئەزالىرى 360، بۇنىڭ ئىچىدە ئەر پارتىيە ئەزالىرى 226 ئادەم، ئايال پارتىيە ئەزالىرى 134 ئادەم، خەنزۇ پارتىيە ئەزاسى 119 ئادەم، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 241 ئادەم. پۈتۈن بازاردىكى پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە 35 ياشتىن تۆۋەن پارتىيە ئەزاسى 75 ئادەم، پارتىيە ئەزاسى ئومۇمىي سانىنىڭ %20 نى ئىگىلەيدۇ. 2007-يىلى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش پارتىيە ئەزاسى 6 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە 35 ياشتىن تۆۋەنلەر 4 ئادەم بولۇپ، %67 نى ئىگىلىگەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#