رەڭچىلىك

رەڭچىلىككە دائىر

رەڭچىلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىلادىدىن خېلى بۇرۇن بارلىققا كەلگەن ھۈنەر-سەنئەتلەرنىڭ بىرى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇمۇلدىكى بەش قەلئە خارابىسىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1200-يىللارغا تەئەللۇق رەڭلىك يۇڭ توقۇلمىلاردىن سەككىز خىل رەڭدار يىپتا توقۇلغان يۇڭ چەكمەن، توققۇز ساراي خارابىسىدىن قىزىل، كۆك، سېرىق، ئاق رەڭلەرنى تەڭشەش ئارقىلىق چۈمبە سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، شاپتۇل چېچكىنىڭ بەرگىسى كەشتىلەنگەن يۇڭ پالاسلار، نىيە خاربىسىدىن يىل دەۋرى بۇنىڭدىن ئۈچ مىڭ سەككىز يۈز يىل ئىلگىرى دەپ بېكىتىلگەن رەڭدار پالاس، ئۈزۈم سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن چەكمەن، يەنە كەشتىلىك ئەينەك قېپى(كەشتىنىڭ تېگى يشىل، قىرغىقىغا جىگەررەڭ شايىدىن جىيەك توقۇلغان سېرىق، كۆك، سۆسۈن، قارا، قوڭۇر رەڭلەردە يۇمىلاق گۈللەر شەكلى چۈشۈرۈلگەن) پەرداز قۇتىسى ۋە خىلمۇ خىل رەڭدار يىپلار تېپىلدى. بۇلار ئۇيغۇرلاردا رەڭ ئىشلەش سەنئىتىنىڭ خېلى بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئۇيغۇر بۇياقچىلىق رىسالىسىدە: «خۇدا بىر يىلنى ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش كۈن قىلىپ ياراتتى. پىرى كامىللار ھەر كۈنى خۇدانىڭ مۆجىزىسىدىن بىرنى تاللاپ ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش مۆجىزىدىن يەتمىش ئىككى خىل رەڭ كەلتۈرۈپ بۇ كەسىپنى راۋاج ئەتتى. . . » دېيىلىدۇ. 

رەڭچىلىك ماتېرىيالىئۇيغۇرلار شاپتۇل چېچىكى، يۇلغۇن چېچىكى، ئانارگۈلى، ئانار پوستى، زاراڭزا چېچىكى، گۈلسۇرۇخ، لەيلىگۈل، ياڭاق پوستى، ئوردان، جىگدە پوستى، تۇخۇمەك، ئۈجمە قوۋزىقى، ئۆرۈك قوۋزىقى، سېرىق سەبدە، كېۋەز غوزىسى. زاك، زەمچە، كاتاپ، ئىتئۈزۈمى، تاجىگۈل، ئازغان قاتارلىق گۈل-گىياھلار ھەر خىل مېۋە-چېچەكلىرى، سۇمۇق(كالىي ئاليۇمىن سۇلفات) ، كۆكتاش(مىس سۇلفات) ، گىل(مانگان Ⅻ ئوكسىدى) ، قىزىل تاش رەڭ(قىزىل تۆمۈر رودىسى) دەرەخ پورلىرى، ئۆسۈملۈك يىلتىزى، رەڭلىك توپا، سېغىز قاتارلىق تەبىئىي خام ئەشيالارنى مەنبە قىلىپ، گۈڭگۈرت پوقى شاپتۇل چېچىكى، گۆش رەڭ، زانكا، زەيتۇنە، ئانارگۈلى، توق قىزىل، ئاچ سېرىق، قارا، سوسىيە، توق سېرىق، نەش رەڭ، كاۋا چېچىكى، يېشىل، ھاۋا رەڭ، سۇس ھاۋارەڭ، قارا قىزىل، قارا كۆك قاتارلىق نەچچە ئون خىل رەڭ ۋە خىلمۇ خىل سىر پەرداز بۇيۇملىرى ئىشلىگەن.

رەڭ ئىشلەشرەڭ ئىشلەش ئۇسۇلى: ئوخشاش تىپتىكى گۈل-چېچەكلەر دەرەخ قوۋزىقى، مېۋە پوستى قاتارلىقلارنىڭ قايناتما بىرىكمىسىدىن خىلمۇ خىل رەڭ ئالغان. مەسىلەن، تۇخۇمەك گۈلى، ئىنەكپىتى(ئابدىمىلىك) ، قارىقات، ئالىقات، ئاق يانتاق ئۇرۇقى بىرىكمىسىدىن قار كۆك رەڭ، ئاق تېرەك پورىدىن پوررەڭ، قارىغاي يېلىمى، ھەشقىپېچەك گۈلى، نۆشۈدۈردىن ئاق رەڭ، ئازغان ئۇرۇقىدىن قىزىل رەڭ، پىياز پوستىدىن يېشىل-كۆك رەڭ، تۇز تېشى ۋە باشقاھەر خىل رودىلاردىن كۆك، يېشىل، زەڭگەر رەڭ، زىرىق ئۇرۇقىدىن قىزىل رەڭ، قارا ئۈجمە، قۇرۇم قاتارلىقلاردىن قارا رەڭ، يۇلغۇن چېچىكى، ئانار پوستىلىرىدىن ئۆز رەڭگىدە رەڭ، ئوردان بىلەن ياڭاق پوستى بىرىكمىسىدىن جىگەر رەڭ، ئىتئۈزۈمى بىلەن تاجىگۈل چېچىكى بىرىكمىسىدىن ئاچ قىزىل رەڭلەر ئىشلىگەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، خوتەن قاراڭغۇ تاغ، ئالتۇنتاغ باغرىدا ئۆسىدىغان ھەر خىل گۈل-گىياھلاردىن خىلمۇ خىل رەڭ ئالغان.

ئۇيغۇرلار ھەر خىل پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلەشكىمۇ ماھىر بولغان، ئۇلار لەۋ سۇرۇخ، مەڭز سۇرۇخ، يىتقاق سۇرۇخ، قاشلىق، چاچ مېيى، قاتارلىقلارنى خېلى بۇرۇنلا ئىشلىگەن. مەسىلەن، زاراڭزا چېچىكىنى مەلھەم قىلىپ نۆكچە ھالىتىدە لەۋسۇرۇخ، مەڭز سۇرۇخ(ئەڭلىك) ئىشلىسە، گۈلسۇرۇخ بەرگىسىنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تەبىئىي ئۇپا ياسىغان. خېنىگە مەلۇم نىسبەتتە زەمچە ئارىلاشتۇرۇپ قول-پۇت خېنىسى، ئوسما مەلھىمىدىن قاش قارىسى، شاپتۇل مېغىزى، تۇخۇم سېرىقى، سىيادان مېيى ئارىلاشمىسىدىن چاچ مېيى ياسىغان.

ئۇيغۇرلار قايسى خىل گۈل-چېچەكتىن رەڭ ئالسا، رەڭنى شۇ گۈل چېچەك ئىسىمى بىلەن ئاتىغان. مەسىلەن، ئانار گۈلى، شاپتۇل چېچىكى، يۇلغۇن چېچىكى، پوررەڭ، نىل رەڭ، كاۋا چېچىكى رەڭ. . . دېگەنلەرگە ئوخشاش. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#