پۇئېر شەھىرى

پوئېر شەھىرى
پۇئېر شەھىرىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى سىماۋ، يۈننەن ئۆلكىسىگە تەۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان.
ئۇيغۇرچە نامى پۇئېر شەھىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر
يەر مەيدانى 45385.34 كىۋادرات كىلومىتىر
كىلىماتى سۇبيىروپىك بەلۋاغ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 普洱市
ئۆلكىسى يۈننەن ئۆلكىسى
تەۋە رايون يۈننەن ئۆلكىسى
نوپۇسى 258 مىڭ
تىل غەربىي جەنۇب شېۋىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پوئېر شەھىرى

پۇئېر شەھىرىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى سىماۋ، يۈننەن ئۆلكىسىگە تەۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان.

تەۋەلىكىدە بىر رايون، توققۇز ناھىيە بار، 2012-يىلى پۈتۈن شەھەرنىڭ نوپۇسى 258 مىڭغا يەتكەن، يەرمەيدانى 45385 كۋادرات كىلومىتىر كىلىدۇ. 2007-يىلى1-ئاينىڭ 21-كۈنى سىماۋ شەھىرى دىگەن نامىنى پۇئېر شەھىرىگە ئۆزگەرتكەن.

پۇئېر شەھىرىنىڭ سۇ ئېنېرگىيەسى ساقلىنىش مىقدارى 15 مىليون كىلوۋات بولۇپ، « غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش» ، « بۇلۇت توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» تىكى مۇھىم بازا.

مەملىكەت بويىچە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەڭ مول رايونلارنىڭ بىرى،شىمالى تىروپىك سىزىقى ئۈستىدىكى ئەڭ چوڭ بوستانلىق، بولۇپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «دۇنيانىڭ جەننىتى» دەپ ئاتالغان.

پوئېر شەھىرى يۈننەن ئۆلكىسىدىكى نوقتىلىق ئورمان رايونى شۇنداقلا،مۇھىم تاۋار،ماتېرىيال ئورمىنى مەھسۇلاتلىرى سانائىتى بازىسى.[0]

پۇئېر شەھىرى تەۋەلىكىدىكى رايونلار 
 سىماۋ رايونى 思茅区
 نىڭئېر خانىزۇ يىزۇ ئاپتونۇم ناھىيەسى 宁洱哈尼族彝族自治县
 موجىياڭ خانىزۇ ئاپتونۇم ناھىيەسى 墨江哈尼族自治县
 جىڭدۇڭ يىزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى 景东彝族自治县
 جىڭگۇ دەيزۇ - يىزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى 景谷傣族彝族自治县
 جېنيۈەن يىزۇ  خانىزۇ  لاخۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى 镇沅彝族哈尼族拉祜族自治县
 جياڭچېڭ خانزۇ دەيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى  江城哈尼族彝族自治县
 مېڭليەن دەيزۇ  لاخۇزۇ  ۋازۇ ئاپتونوم ناھىيەسى  孟连傣族拉祜族佤族自治县
 لەنساڭ لاخۇ ئاپتونوم ناھىيىسى  澜沧拉祜族自治县
 شىمېڭ ۋازۇ ئاپتونوم ناھىيىسى  西盟佤族自治县

پوئېر شەھىرىپۇئېر شەھىرى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان بۇلۇپ، جۇغراپىيەلىك ئورنى شىمالى كەڭلىك 22°02′—24°50′،شەرقى كەڭلىك 99°09′—102°19′ ئوتتۇرىسىدا، شەرىق تەرىپى خوڭخې ئوبلاستى، يۈشى شەھىرى، جەنۇب تەرىپى شىشۇاڭبەننا ئوبلاستىغا تۇتىشىدۇ، غەربى شىمالى لىنساڭ شەھىرى، شىمال تەرىپى دالى ئوبلاستى، چۇشيوڭ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ.

 شەرقىي جەنۇبى ۋېيتنام  لائوس بىلەن چېگرالىنىدۇ، غەربىي جەنۇبى بېرما بىلەن تۇتىشىدۇ، چېگرا لىنىيىسى تەخمىنەن 684 كىلومېتىر.

پۇئېر شەھىرى يۈننەن ئۆلكىسىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ مەمۇرى رايون.

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1302 مېتىر، كۈنمىڭ شەھىرى بىلەن تاشيول مۇساپىسى 415 كىلومىتىر، ھاۋايولى مۇساپىسى 305 كىلومىتىر، ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ 35 مىنۇتتا بارغىلى بۇلىدۇ.

پۈتۈن شەھەر رايونى %98 تاغلىق، شىمالى تىروپىك سىزىقى شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كىسىپ ئۆتىدۇ، ئورنى شىمالىي تىروپىك سىزىقى ئەتىراپىدا بولغاچقا يەر شەكلىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكىنىڭ تەسىرى ۋېرتىكال كىلىمات ئالاھىدىلىكى روشەن ئىپادىلىنىدۇ. دېڭىزيۈزىدىن 760 مىتىردىن3600 مىتىرغىچە.

پۇئېر شەھىرى  مۇھىم ئۆتەڭ ، داڭلىق پۇئېر چېيى چىقىدىغان مۇھىم جاي، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ چاي ئىشلەپچىقىرىدىغان رايۇنلىرىنىڭ بىرى. پۇئېر تەبىئىي بايلىقى مول بولۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئالتۇن زاپىسى 103.7 توننا، تۆمۈر رۇدىسى 2 مىليارد 100 مىليون توننىغا يېتىدۇ، مىس زاپاس مىقدارى 2 مىليون 530 مىڭ توننا ، قوغۇشۇن زاپىسى 355 مىڭ توننا، جياڭچېڭ كالىيلىق تۇز كېنى مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئېرىشچان قاتتىق جىسىم كالىيلىق تۇز كانى، زاپاس مىقدارى 20 مىڭ توننىغا يىتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#