جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيىسى

جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيىسى، جۇڭگو – گۇرۇھلارنىڭ بىرى، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى. جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى ئادالەتچىلەر سارىيى تەشەببۇس قىلىپ، 1925 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ھونولولو شەھىرىدە قۇرۇلغان. ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلىسى، يۇقىرى قاتلامدىكى زاتلار ۋە باشقا دېڭىزنىڭ سىرتى بىلەنمۇ ئالاقىسى بار ۋەكىللىك زاتلاردىن تەركىب تاپقان، سىياسىي ئىتتىپاق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان پارتىيە. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيىسى
چەتئەلچە نامى China Zhi Gong Party
تۇنجى زۇڭلىسى چېن توڭمىڭ
خەنزۇچە نامى 中国致公党
قۇرۇلغان ۋاقتى 1925-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى
ھازىرقى رەئىسى ۋەن گاڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيىسىجۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيىسى − ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلامدىكى زاتلىرى ئاساس قىلىنغان ۋە چەت ئەلدە مۇناسىۋىتى بولغان ۋەكىللىك خاراكتېردىكى زاتلاردىن تەركىب تاپقان سىياسىي ئىتتىپاق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان پارتىيە، شۇنداقلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن تىرىشىپ ھەمكارلىشىدىغان ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە.

جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيىسى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئىجتىمائىي تەشكىلاتى ئامېرىكا ئادالەتچىلەر سارىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، 1925-يىلى10-ئايدا ئامېرىكىنىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىدە قۇرۇلغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، ئادالەتچىلەر پارتىيىسى پارتىيە ئەزالىرىنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى ھەمدە ئادالەتچىلەر سارىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئارقىلىق جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى ۋەتەننىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلدى. 1947-يىلى ئادالەتچىلەر پارتىيىسى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنىپ، خىتابنامە ئېلان قىلىپ ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، بارلىق دېموكراتىك كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ يېڭى جۇڭگو قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب يولىغا مېڭىشنى خالىدى. 1949-يىلى ئادالەتچىلەر پارتىيىسى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ1-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ «ئورتاق پروگرامما» نى تۈزۈشكە ئارىلىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئادالەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ تەشكىلىي پائالىيىتى چەت ئەلدىن دۆلەت ئىچىگە يۆتكەلدى، ئۇلار دۆلىتىمىزدىكى ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلامدىكى زاتلاردىن پارتىيە ئەزاسى تەرەققىي قىلدۇردى ھەمدە مۇھاجىرلار خىزمىتى تارماقلىرىغا ياردەملىشىپ ۋە ماسلىشىپ، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ۋە ۋەتەننى سۆيۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلىدى. يېڭى تارىخىي مەزگىلدە، ئادالەتچىلەر پارتىيىسى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا، تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشماقتا.

ئادالەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە 15 ئۆلكە دەرىجىلىك تەشكىلاتى، 10 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار، ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلامدىكى زاتلىرى %5.75 نى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن پارتىيىدە 500 دىن ئارتۇق كىشى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلاندى، 1000 دىن ئارتۇق كىشى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشكە ئەزا بولدى، يەنە بەزى كىشىلەر ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەردە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ئادالەتچىلەر پارتىيىسى چەت ئەلدىكى ھەرقايسى ساھە زاتلىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىش ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چەت ئەللەردە دوستلۇق-ئالاقە خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئادالەتچىلەر پارتىيىسى مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋە جۇڭگولۇقلاردىن جۇڭگوغا تۇغقان يوقلاش، سەيلە-ساياھەت قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن كەلگەنلەرنى ئاكتىپ كۈتۈۋالدى ھەمدە تاشقى مەبلەغ، تېخنىكا، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ۋە تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ قېتىم ئۆمەك تەشكىللەپ فىلىپپىن، كانادا، ئامېرىكا، يامايكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلارغا زىيارەتكە چىقىپ، مۇھاجىرلار ئۆمەكلىرىنى تەشكىللەپ، دوستانە باردى-كەلدىنى كېڭەيتىپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى » ئاساسىي مىزانى ئاستىدا مۇستەقىل پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.  ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بويان ، ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيىسى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتىن - ئاخىر مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمى، دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

يېڭى ئەسىردە، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى چەت ئەلدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار بىلەن بولغان ئالاقىنى  داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىلھام بېرىپ، چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ شۇ جايدىكى ئاساسىي ئېقىم جەمئىيىتىگە سىڭىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، تۇرۇشلۇق دۆلەت جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىغا  كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، ۋەتەننىڭ ( ئەسلىي يۇرتى ) زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كەڭ ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ۋەتەننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ  ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەش؛ چەت ئەلگە بېرىپ ئوقۇغان ۋە ئوقۇغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ۋەتەنگە قايتىپ مۇلازىمەت ۋە كۆپ خىل يوللار بىلەن ۋەتەن ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش؛ چەت ئەلدىكى مۇھاجىرلار ئۆمەكلىرى بىلەن زاتلار كەڭ كۆلەمدە ئالاقە باغلاپ، شياڭگاڭ ، ئاۋمىنلىق قېرىنداشلار ، مەملىكەت سىرتىدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛

جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، چوڭچىڭ، گۇاڭدۇڭ، گۇئاڭشى،فۇجيەن، يۈننەن، سىچۇەن، جاڭسۇ، جېجىياڭ، لىياۋ نېڭ، خۇانەن، ئەنخۇي، شەندۇڭ، خەينەن، گۇيجۇ، خۇبېي، شەنشى، خېنەن قاتارلىق ئۆلكە، شەھەر يەرلىك تەشكىلاتلىرى. 

 چېن چىيۇ، خۇاڭ دىڭچېن، دۇڭ يىنچۇ، لو خاۋسەي.  [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#