ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى پارتىيە مەكتىپى

ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى پارتىيە مەكتىپى

ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى پارتىيە مەكتىپى 1980-يىلى 6-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلغان. تۆمۈريول ئىدارىسى پارتكومغا تەۋە. 

ئۇيغۇرچە نامى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى پارتىيە مەكتىپى
قىسقاتىلغان نامى
مائارىپى كەسپىي مائارىپ
خەنزۇچە نامى 乌鲁木齐铁路局党校
قۇرۇلغان ۋاقتى 1980-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى پارتىيە مەكتىپىئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى پارتىيە مەكتىپى 1980-يىلى 6-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلغان. تۆمۈريول ئىدارىسى پارتكومغا تەۋە. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 61342.2 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلاىمى 5844 كۋادرات مېتىر. ئاساسىي ۋەزىپىسى تۆمۈريول ئىدارىسى باشقارما، بۆلۈم دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئوتتۇرا ياش، ياش پارتىيە ئەزالىرى، رەھبىرىي كادىرلار ۋە تەشۋىقات نەزەرىيە كادىرلىرىنى تەربىيىلەش، مەكتەپتە ئىشخانا، خوجىلىق بۆلۈم، مالىيە بۆلۈمى، ئىلمىي بۆلمۈ، ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش بۆلۈمى، رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خىزمەت پونكىتى، كۇتۇپخانا، ماركىسىزم-لېنىنىزم كافىدراسى، ئىگىلىك باشقۇرۇش كافىدراسى، پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئاساسىي پەنلەر كەسىپى تېخنىكا كافىدراسى قاتارلىق 12 بۆلۈم تەسىس قىلىنغان. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 10000پارچىدىن ئارتۇق.

1980-يىلى 6-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلغان. 1987-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوتتۇرا تېخنىكومى بىلەن بىرلىشىپ، بىر رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىككى ۋىۋىسكىلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئەسلىدىكى كەسپىي ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئورنىغا كۆچۈرۈلگەن. 1992-يىلى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوتتۇرا تېخنىكومى بىلەن پارتىيە مەكتىپى ئايرىلغان. 1998-يىلى 4-ئايدا تۆمۈريول ئىدارىسى پارتكوم ئىدارە پارتىيە مەكتىپى، مائارىپ ئىنستىتۇتى، كادىرلار مەكتىپى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەكتىپىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر ئاپپارات تۆت ۋىۋىسكا قىلىشنى قارار قىلغان. تۆمۈريول ئىدارىسى پارتكومغا تەۋە.

ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى پارتىيە مەكتىپى مەكتەپ شتاتى 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 28) دوتسىنت توققۇز نەپەر، ئالىي لىكتور بىر نەپەر، لىكتور 15 نەپەر، ياردەمچى ئوقۇتقۇچى ئۈچ نەپەر) . ئوقۇغۇچى سانى 595 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەرخىل بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپى، خىزمەت ئورنىدا تەربىيىلەش سىنىپى، ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلانى تەربىيىلەش سىنىپى قاتارلىق سىنىپىتىن 295 قارار ئېچىپ، 13253 نەپەر ھەر دەرىجىلىك كادىر تەربىيىلىگەن. ئالىي، ئوتتۇر تېخنىكوم ئوقۇش تارىخى سىنىپىدىن تۆتنى ئېچىپ، 210 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىرتتىن ئوقۇيدىغان ئالىي تېخنىكوم، تولۇق كۇرس سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىدىن 1425 نەپەرنى تەربىيىلىگەن. 

ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى پارتىيە مەكتىپىمەكتەپتىكى ئاساسلىق دەرسلەردىن «تۆمۈر يول باشقۇرۇش ۋە مالىيە باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش»، «پارتىيە قۇرۇلۇشى نەزەرىيەسى»، «ھازىرقى زامان تۆمۈريول تېخنىكىسى» ۋە «باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى» قاتارلىقلار بار . 2007-يىلى مەكتەپ 3-ئىدارە دەرىجىلىك پەن تەتقىقات تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى تاماملانغان، تۆت پارچە ئىلمىي ماقالە ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى مىنىستىر دەرىجىلىك ئېلان قىلىنغان ، 14 پارچە ئىلمىي ماقالە ئىدارە دەرىجىلىك ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#