كاتېرىن خېمىبن
ئوسكار مۇكاپاتى غا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن ئايال ئارتىس كاتېرىن خېمبىن 1907-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكا كوننېكتىكوت شىتاتىنىڭ خاتېف شەھىرىدە تۇغۇلغان، 2003-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئوسكار مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن ئايال ئارتىس كاتېرىن خېمبىن 1907-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكا كوننېكتىكوت شىتاتىنىڭ خاتېف شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 25 ياشقا كىرگەندە ھوللىۋود تىكى RKO فىلىم شىركىتى فىلىم ئىشلەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى داۋى سېلزىنىكنىڭ نەسىھىتى بىلەن 1932-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ھوللىۋود قا بېرىپ ئۆزىنىڭ كىنو ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلىغان.
كاتېرىن خېمبىن 1933-يىلى «باتۇر ۋە ساھىبجامال» (يەنە بىر نامى «ئەتىگەنكى شەرەپ ») فىلىمىدە قوشۇمچە رولغا چىقىپ تونۇلغاندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا سەھنىدە شەرەپ قازانغان ئايال باش رولچىغا ئايلانغان، ئۇ رولنى ياخشى ئالغانلىقتىن تۇنجى قېتىم ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1966-يىلى كۈزدە ئامېرىكىلىق داڭلىق رېژىسسور ستانلېي كلېممېر ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارىشى تۇرۇش تېمىسىدىكى «كەچلىك تاماققا كىم كېلىدۇ؟» فىلىمىنى ئىشلىمەكچى بولغاندا كاتېرىن خېبىننى ئايال باش رولچىلىققا تەكلىپ قىلغان. ئۇ بۇ فىلىمدە رولنى ياخشى ئالغانلىقتىن 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 40-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى نى تارقىتىش يىغىنىدا ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.