دېڭ شىچاڭ

دېڭ شىچاڭ  (1849-1894-يىللار) جياۋۇ ئۇرۇشىدا ۋەتەن ئۈچۈن باتۇرلارچە قۇربان بولغان داڭلىق دېڭىز ئارمىيە قوماندانى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى دېڭ شىچاڭ
باشقا نامى 邓永昌
يۇرتى گۇاڭدۇڭ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1894-يىل 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
چەتئەلچە نامى Deng Shichang
خەنزۇچە ئىسمى 邓世昌
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1849-يىل 10-ئاينىڭ 4-كۈنى
كەسپى دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى ، مىللىي قەھرىمان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دېڭ شىچاڭ (1849-1894-يىللار) داڭلىق دېڭىز ئارمىيە قوماندانى، گۇاڭدۇڭنىڭ فەنيۈ (ھازىرقى گۇاڭجۇ) دېگەن يېرىدىن. 1874-يىلى فۇجۇدىكى كېمىسازلىق مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن، جەنۇبىي ئوكيان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ «دۇڭيۈن» ، «جېنۋېي» قاتارلىق پاراخوتلىرىنىڭ كاپىتانى بولغان، كېيىن شىمالىي ئوكيان پاراخوت ئەترىتىگە يۆتكەلگەن. 1887-يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ ھەربىي پاراخوت سېتىۋېلىپ ئەكەلگەن، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت−«جىيۈەن» نىڭ كاپىتانلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ ئىش قىلىشتا چېۋەر، «غەربنىڭ ھەربىي تاكتىكىسىنى ئۆگەنگەن»، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى كۈچلۈك سەركەردە ئىدى. ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە دائىم: «ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ، لېكىن ئادەم ئۆلۈشتىن بۇرۇن بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىشى كېرەك» دەپ نەسىھەت قىلىپ تۇرغان ھەمدە ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن.

1894-يىلى جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى پارتلىغاندا، ئۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا: تاسادىپىي ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ قالسام، ياپونىيەنىڭ ھەربىي پاراخوتىنى سوقۇپ تەڭ ھالاك بولىمەن، دەپ قەسەم بەرگەن. 

شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىمالىي ئوكيان پاراخوت ئەترىتى سېرىق دېڭىزنىڭ دادۇڭگو ئەتراپىدا ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. دېڭ شىچاڭ «جىيۈەن» ناملىق جەڭ پاراخوتىغا قوماندانلىق قىلىپ، يامغۇردەك ئېتىلىۋاتقان توپ ئوقلىرىغا قارىماي، باتۇرلۇق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەن پاراخوتلىرىنى كۆپ قېتىم تالاپەتكە ئۇچراتقان. ئۇ شىمالىي ئوكيان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «دىڭيۈەن» ناملىق باشلامچى پاراخوتتىكى قوماندانلىق بايرىقىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال «جىيۈەن» ناملىق پاراخوتتا بايراق چىقىرىپ، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان، بۇنىڭ بىلەن، دۈشمەن پاراخوتلىرى تەرەپ-تەرەپتىن قىستاپ كېلىپ «جىيۈەن» ناملىق پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغان. «جىيۈەن» قاتتىق مۇھاسىرىدە قېلىپ، نۇرغۇن ئوق تەگكەن، دېڭ شىچاڭ قوشۇنىنىڭ بارلىق ئوق-دورىلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، پاراخوتتىكى بارلىق ئوفىتېسر-ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ۋەتەن ئۈچۈن باتۇرلارچە قۇربان بېرىشكە نىيەت باغلىغان، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ دۈشمەن بىلەن تەڭ ھالاك بولۇش ئۈچۈن، پاراخوتنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ دۈشمەننىڭ«جىيې» ناملىق پاراخوتىغا قاتتىق سوقۇلغان. ئەمما، بەختكە قارشى ئۇلارنىڭ پاراخوتى تورپېدانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چۆكۈپ كەتكەن، «جىيۈەن» دىكى  250 ئوفىتسېر-ئەسكەر ئىچىدە 20 دىن كۆپرەكىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلارنىڭ ھەممىسى شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان. دېڭ شىچاڭ دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن، «پاراخوتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا، ھايات قالغىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟» دېگىنىچە دېڭىزغا سەكرەپ قۇربان بولغان.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/7726.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#