ئاناتولىيە

ئاناتولىيە ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاسىيا قىسمىنىڭ نامى. ئاناتولىيە قىسمى پۈتۈن تۈركىيە يەر مەيدانىنىڭ  % 96.9 نى تەشكىل قىلىدۇ (تۈركىيىنىڭ ياۋروپا قىسمى فراكىيە دەپ ئاتىلىدۇ) . 

 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاسىيا قىسمىنىڭ نامى. ئاناتولىيە قىسمى پۈتۈن تۈركىيە يەر مەيدانىنىڭ 

% 96.9 نى تەشكىل قىلىدۇ (تۈركىيىنىڭ ياۋروپا قىسمى فراكىيە دەپ ئاتىلىدۇ) . قەدىمكى زاماندا ھازىرقى كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلى ئاناتولىيە دەپ ئاتالغان. ھازىر ئۇ تۈركىيىنىڭ ئاسىيا قىسمىنى تەشكىل قىلىپ، ئاناتولىيە ئېگىزلىكى دەپم ئاتىلىدۇ. 

ئاناتولىيىنىڭ ئەتراپىنى ئېگىز تاغلار قورشاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ئويمانلىق شەكىلدىكى ئېگىز تەكشىلىك بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 900-1000 مېتر كېلىدۇ. ئۇنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى غەربتىن تاكى ئەرمىنىيە ئېگىز تەكشىلىكىگە قەدەر سوزۇلغان تاۋۇر تاغلىرى قورشاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ غەربىدە كىروگلو تېغى، شەرقىدە شەرقىي كادنىز(بۇرۇنقى پونت تاغلىرى) تاغلىرى بار بولۇپ، ئۇلار شەرققە قاراپ سوزۇلۇپ، ئەرمەنىيە ئېگىز تەكشىلىكى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئۇنىڭ غەربى قىسمىنى پەسرەك تاغلار قورشاپ تۇرىدۇ. ئاناتولىيىنىڭ يەر ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا شەرقىي قىسمىدىكى ئەرمىنىيە ئېگىز تەكشىلىكى بىلەن تۇتاشقان قىسىملىرى ئېگىزرەك بولۇپ، غەربكە قاراپ تەدرىجىي پەسلەپ بارىدۇ. شۇڭا ئاناتولىيىدىكى نۇرغۇن دەريالارنىڭ باش قىسمى شەرقى قىسمىدىكى ئەرمىنىيە ئېگىز تەكشىلىكى بىلەن تۇتاشقان قىسملىرىدىن باشلىنىپ ئالدى بىلەن غەربكە، ئانىڭدىن جەنۇبقا قاراپ ئاقىدۇ. دۆلەتنىڭ غەربى قىسمىدىكى ساكارىيە، گېدىز، مىندىرس قاتارلىق دەريالارمۇ دۆلەتنىڭ غەربى قىسمىدىكى تاغلىقلاردىن باشلىنىپ غەربكە ياكى شىمالغا قاراپ ئېقىپ مەرمەر ۋە ئىگەي دېڭىزلىرىغا قۇيۇلىدۇ.

 ئاناتولىيىنىڭ ئىقلىمى قۇرغاق كېلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرى بىلەن ئىچكى قىسمىنىڭ، غەربى قىسمى بىلەن شەرقى قىسمىنىڭ ئىقلىممۇ پەرقلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#