خوتەن شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ

خوتەن شەھەرلىك بىرىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ 1948 - يىلى قۇرۇلغان، ھازىر  مەكتەپ باشقۇرۇش تارىخىغا 64 يىل بولغان، 1989 - يىلى خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقسىز ياردەم بېرىش تۈرى، يەنى چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش بىرلىكتە خوتەن شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق مەركىزى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتا سېلىنغان خوتەن شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ، بۇ تۈر ئاينىڭ 21 - كۈنى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 

ئۇيغۇرچە نامى خوتەن شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ
قۇرۇلغان ۋاقتى 1948-يىلى
خەنزۇچە نامى 和田市第一小学
مەكتەپ تۈرى باشلانغۇچ مائارىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خوتەن شەھەرلىك 1باشلانغۇچ مەكتەپبۇرۇن 1-خەلق مەكتىپى، ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپى، قىزىل قوغدىغۇچى ئەسكەرلەر مەكتىپى دېگەن ناملارنى ئىشلەتكەن. 1883-يىلى قۇرۇلغان، شۇ چاغدىكى تۇنجى ھۆكۈمەت مەكتىپى ئىدى. ئۇيغۇر، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇتۇش مەزمونىدا كوڭزى، مىڭزى تەلىماتى ئاساس قىلىنغان. 1914-يىلى خوتەندە تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەل پەيدا بولغانلىقى ئۈچۈن تاقالغان. 1918-يىلى ئوقۇتۇش ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، ئورنى خوتەن گارنىزۇنىدا ئىدى. 1934-يىلى ماخۇسەن خوتەننى بېسىۋالغاندا مەكتەپ ھازىرقى خوتەن ناھىيىلىك 2 ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئورنىغا كۆچۈرۈلگەن. 1938-يىلى خەنزۇ مەكتەپ قىلىنىپ، 1-خەلق مەكتىپى دەپ ئاتالغان. مەكتەپ ئادرېسى ھازىرقى خوتەن 1-باشلانغۇچنىڭ ئورنىدا بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپ بولۇپ قالغان. 1948-يىلى مەكتەپ تەرەققىي قىلىپ تۆت سىنىپ، 110 ئوقۇغۇچى) بىرىنچى يىللىقتىن بەشىنچى يىللىققىچە (غا يېتىپ، ئانا تىل) خەنزۇ تىلى (، ماتېماتىكا، تەبىئەت، جۇغراپىيە، جۇڭگو تارىخىي، گۈزەل-سەنئەت) رەسىم، ناخشا ئېيتىش، تەنتەربىيە) دەرسلىكلىرىنى تەسىس قىلغان. 1950-يىلى 6-ئايدا 1-خەلق مەكتىپى خوتەن ناھىيە قارمىقىدىكى 3-باشلانغۇچ قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلگەن. 1960-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپى، كېيىن يەنە خوتەن ۋالىي مەھكىمىسىگە بىۋاستە قاراشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1966-يىلى خوتەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قىزىل قوغدىغۇچىلار مەكتىپى، 1978-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك 1-باشلانغۇچ، 1984-يىلى خوتەن شەھىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن خوتەن شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1990-يىلى 5-ئايدا ياپونىيىنىڭ مەبلىغى بىلەن يېڭىدىن قۇرۇلغان خوتەن شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش رايونى پۈتۈنلەي پۈتكەن. شەھەرلىك پاراۋانلىق ئورنى، شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ، شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ قوشۇلۇپ، بالىلار تەربىيە مەركىزىي بولغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 24766 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى كۆلىمى 7385 كۋادرات مېتىر، مەكتەپ شتاتى 77، 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 82 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 1800 نەپەر.

2010-يىلى 3-ئايدا، خوتەن شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن 2009 - يىللىق ئىلغار ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى دېگەن نامغا ئېرىشتى؛

2010 -يىلى 4-ئايدا، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ « ئىككى ئاساسەن » خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن نامغا ئېرىشتى؛ 

2010-يىلى 9-ئايدا، خوتەن شەھەرلىك پارتكوم، خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇ مەكتەپنىڭ 2009 - 2010-ئوقۇش يىلى مائارىپ ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن دېگەن نامغا ئېرىشتى؛

2010 - يىلى 4-ئايدا، خوتەن شەھىرى مائارىپ سىستېمىسى، « مەن جۇڭخۇانى سۆيىمەن، ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى » ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر خور مۇسابىقىسىدە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 

2010 - يىلى 5-ئايدا، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى « بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى » 2010 - يىلى 7 - نۆۋەتلىك بالىلار ھۆسنخەت ۋە رەسىم مۇسابىقىسى جۇڭگو مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 

2010 -يىلى 10-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مەكتەپنىڭ 2 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەربىيەسى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان مەكتەپلەر دەپمۇ ئاتالدى؛ 

2010-يىلى 11-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئوت مۇداپىئە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بەرگەن بۇ ئوت ئۆچۈرۈش پېداگوگىكا مەكتىپى دېگەن نامغا ئېرىشتى؛

2010-يىلى 12-ئايدا، خوتەن شەھەرلىك پارتكوم، خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەزكۇر مەكتەپنىڭ 2010 - يىللىق مائارىپ خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن دېگەن نامغا ئېرىشتى؛ 

2011 - يىلى 5-ئايدا، ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان « بالىلار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ » ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 

2011 - يىلى 5-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بەرگەن بۇ مەكتەپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاساسىي مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئىلغار ئورۇن دېگەن نامغا ئېرىشت ؛ 

2011 - يىلى 6-ئايدا، ج ك پ خوتەن شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خوتەن ئون نەچچە يىللىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى يېڭى ناخشا ئېيتىش ، پارتىيە » ئاممىۋى ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى ؛ 

2011 -يىلى 7-ئايدا، ج ك پ خوتەن شەھەرلىك پارتكوم تەرپىدىن « ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى دېگەن نامغا ئېرىشتى؛ 

2011-يىلى 9-ئايدا، ج ك پ خوتەن شەھەرلىك كومىتېتى تەرىپىدىن 2010 ئوقۇش يىلى مائارىپ ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللىكتىپ؛ 

2011 - يىلى 10-ئايدا، خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى مائارىپ سىستېمىسىدىكى 3 - نۆۋەتلىك ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە مەكتەپ مەدەنىي ئورۇن دەپ ئاتالدى؛ 

2011-يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا، خوتەن شەھەرلىك پارتكوم، خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان خوتەن شەھەرلىك 5 - نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەر قوش تىلدا سۆزلىشىش مۇسابىقىسى جۇڭگو مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 

2011 - يىلى 12-ئايدا، ج ك پ خوتەن شەھەرلىك كومىتېتى تەرىپىدىن 2011 - يىللىق مائارىپ خىزمىتى بويىچە ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن نامغا ئېرىشتى؛ 

2012-يىلى 2-ئايدا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى تەرىپىدىن « 4 - ماي قىزىل بايراقدار ئىتتىپاق ياچېيكىسى »؛ 

2012- يىلى 7-ئايدا، ج ك پ خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى 2012 - يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك ئەلالىقنى قولغا كەلتۈرۈش پائالىيىتىدىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى » دەپ نام بەردى؛ 

2012-يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا، خوتەن شەھەرلىك پارتكوم، خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇ مەكتەپنىڭ2011-2012 - ئوقۇش يىلى مائارىپ ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار مەكتەپ دېگەن نامغا ئېرىشتى؛ 

2012 - يىلى9-ئايدا، خوتەن شەھىرىنىڭ مائارىپ سېستىمىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 63 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار خور مۇسابىقىسىدە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 

2012-يىلى 9-ئايدا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ  مەنىۋى مەدەنىيلىك كومىتېتى مەكتەپكە « رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەتلىك ئورۇن » دەپ نام بەردى. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#