فرانسىيە

فرانسىيە

غەربىي ياۋروپا جايلاشقان دۆلەت، ئۇ يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىچىگە جايلاشقان كورسىكا ئارىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنى شىمال، غەرب تەرىپى ئەنگلىيە بوغۇزى، بېسكەي قولتۇق سۇلىرى بىلەن، جەنۇب تەرىپى يەر ئوتتۇرا دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى فرانسىيە
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
دۆلەت تىلى فىرانسوز تىلى
يەر مەيدانى 672834 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 法国
پايتەختى پارىژ
نوپۇسى 66,616,416 (2014)
ئاساسلىق مىللىتى فرانسۇزلار , كورسىكالىقلار ، برېتونلار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فرانسىيەغەربىي ياۋروپا جايلاشقان دۆلەت، ئۇ يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىچىگە جايلاشقان كورسىكا ئارىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنى شىمال، غەرب تەرىپى ئەنگلىيە بوغۇزى، بېسكەي قولتۇق سۇلىرى بىلەن، جەنۇب تەرىپى يەر ئوتتۇرا دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. شەرق، شەرقىي شىمال تەرىپى ئىتالىيە، شۋېتسارىيە، گېرمانىيە، ليۇكسېمبۇرگ، بېلگىيە بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرىپى ئىسپانىيە، ئاندورالار بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 672834 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ياۋروپادا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپىنى ئالىپ ۋە يورا تاغلىرى، غەربىي جەنۇبىنى پېرنى تاغلىرى، جەنۇبىي ئوتتۇرا قىسمىنى مەركىزىي ئېگىز تەكشىلىك ئىگىلەپ تۇرىدۇ.

 يەر ۋەزىيىتى شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمالغا قاراپ پەسلەپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىنى تۈزلەڭلىكلەر ئىگىلەيدۇ، يەر شەكلى جەھەتتە تۈزلەڭلىكلەرنى ئاساس قىلغان تۈزلەڭلىك، ئىدىرلىقلار 4/5 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 250 مېتىرغا يەتمەيدىغان تۈزلەڭلىكلەر %60 نى ئىگىلەيدۇ.

فرانسىيە فرانسىيىنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى دېڭىز-ئوكيان خاراكتېرلىك ئىقلىمغا، شەرقىدىكى تاغلار ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىمغا، يەر ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا كىرىدۇ. فرانسىيىنىڭ شىمالىي، شەرقىي، جەنۇبىي قىسىملىرىنىڭ ئىقلىمى خېلىلا زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. بۇ ھەرخىل يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى ئۆستۈرۈشتە، ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. غەربىي جەنۇب بىلەن جەنۇب تەرەپلىرىدە بىرىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃4-℃7، شەرقىي بىلەن شىمالدا ℃1-℃ 3بولىدۇ. يەتتىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شىمالىي ۋە غەربىدە ℃16-℃18، جەنۇب بىلەن شەرقىدە ℃21-℃24 قا ېيتىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 600-800 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، تاغلىق رايونلاردا 1500 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. فرانسىيىنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ھۆل-يېغىنى تەكشى، بىراق كۈز ۋە قىش پەسلى سەل ئۇزۇنراق بولىدۇ. جەنۇبىدا قىشتا ھۆل-يېغىن كۆپ بولىدۇ. فرانسىيىنىڭ ھۆل-يېغىن مىقدارى مول بولغانلىقتىن %27.6 يېرىمى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ.

فرانسىيەنىڭ 2008-يىللىق نوپۇسى 62مىليون 150مىڭ بولۇپ، مۇستەملىكىلىرىنى قوشقاندا 64مىليون57مىڭ. ئاھالىنىڭ 83%نى لاتىن تىل ئائىلىسىگە تەۋە فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان فرانسۇزلار، 8%ىنى ئەرەبلەر، 2%نى ئالزاسلار، 1%نى برىتونلار،0.3%نى كورسىكالار قالغانلىرىنى كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ . فرانسۇز تىلى دۆلەت تىلى. دىنى : فرانسۇزلارنىڭ 95%كاتولىك دىنىغا، 2% پروتېستانت دىنىغا ئىشىنىدۇ، كۆچمەنلەردىن 6مىليون مۇسۇلمان، 500مىڭ يەھۇدى، بىر مىليون پراۋىسلاۋ، 500مىڭدىن كۆپرەك بۇددىست بار.

 مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىر ئەتراپىدا فرانسۇزلارنىڭ ئەجدادى بولغان گال خەلقى ھازىرقى فرانسىيەنىڭ جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدا ياشىغان بولۇپ مىلادى 1-ئەسىردە رىم ئىمپېرىيىسى بۇ يەردە گالىيە ئۆلكىسىنى تەسىس قىلغان. 500يىلدىن كېيىن گۇتلارنىڭ تارمىقى بولغان فرانكلار گالىيەدىكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ فرانك پادىشاھلىقىنى قۇرغان ۋە كېيىن تەدرىجى كۈچىيىپ غەربى ياۋروپانىڭ كۆپ ئىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. 9-ئەسىردە فرانك ئىمپېرىيىسى ئۈچكە پارچىلىنىپ ھازىرقى ئىتالىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيىلەرنىڭ دەسلەپكى ھالىتى شەكىللەنگەن. 10-ئەسىردە فرانسىيەنىڭ نورماندىيە ئۆلكىسىنىڭ كىنەزى ئەنگىلىيىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى بويسۇندۇرۇپ بارغانسېرى كۈچەيگەن ۋە كېيىن فرانسىيە پادىشاھى بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ1337-يىلى فرانسىيىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلغان شۇنىڭ بىلەن تارىختا 100يىللىق ئۇرۇش دەپ ئاتالغان ئۇرۇش پارتىلاپ 1453-يىلى فرانسىيەنىڭ جېرسى ۋە گالى ئارىلىدىن باشقا پۈتۈن فرانسىيە زېمىنىنى نورماندىيە كىنەزىنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋېلىشى بىلەن تاماملانغان. ئۇرۇشتى كېيىنكى فرانسىيە كۈنسېرى گۈللىنىپ ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىدە نۇرغۇن مۇستەملىكىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى بىلەن بىللە گۈزەل -سەنئەت ۋە پەلسەپە تەرەققى قىلىپ رۇسسو قاتارلىق دۇنيا جۇمھۇرىيەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ يولباشچىلىرى بارلىققا كەلگەن. 1789-يىلى فرانسىيە خەلقى پادىشاھ لۇئىسقا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ،" كىشىلىك ھوقۇق ۋە پۇخرالار ھوقۇقى باياناتى" نى ئېلان قىلىپ .1792-يىلى فرانسىيە بىرىنچى جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1799-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى فرانسىيەنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق گېنېرالى، كورسىكا مىللىتىدىن بولغان ناپالىون بوناپارت ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان، 1804-يىلى جۇمھۇرىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ فرانسىيە 1-ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان، 1805-يىلى ۋە 1806-يىلى ئەنگلىيە، ئاۋستىرىيە، روسىيە، پروسىيە)گېرمانىيە( بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلىپ پارىژدىكى زەپەر دەرۋازىسىنى ياساتقان، ئىمپىرىيىنى كېڭەيتىپ ياۋروپادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى دېگۈدەك ئۆز كونتىروللىقىغا ئالغان. 1810-يىلى ناپالىون بېرلىن ۋە ۋىنانى ئىشغال قىلىپ ئاۋستىرىيە مەلىكىسىنى نىكاھىغا ئالغان. فرانسىيە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ گۈللەنگەن باسقۇچقا كەلگەن. 1812-يىلى ناپالىون 500مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن بىلەن روسىيەنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىغا ئاتلىنىپ، سوغۇق ھاۋا ۋە ئالدىنقى سەپ بىلەن ئارقا سەپ ئارىلىقى ئۇزىراپ كېتىش، رۇسىيىنىڭ شەھەرنى قۇرۇق قالدۇرۇپ چېكىنىشى تۈپەيلى ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچراپ پۈتۈن قوشۇنىدىن دېگۈدەك ئايرىلىپ قالغان. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق 6-قېتىملىق بىرلەشمە ھۇجۇمنى قوزغىغان ، ئارقىمۇ ئارقا ئۇرۇشتا ھالىدىن كەتكەن فرانسىيە ئارمىيىسى ھەل قىلغۇچ لېيپزىگ جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر فرانسىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلغان، ئامالسىز قالغان فرانسىيە ناپالىوننى تەختتىن چۈشۈرۈش بەدىلىگە دۆلەتنى مەھكۇملۇقتىن ساقلاپ قالغان. ناپالىون ئىتالىيىنىڭ ۋېربا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1815-يىلى ناپالىئونغا سادىق گېنېراللارنىڭ ياردىمىدە ناپالىون پارىژغا يۇشۇرۇن قايتىپ كېلىپ ھاكىمىيەتنى قايتا قولغا ئېلىپ " يۈز كۈنلۈك ئىمپىراتورلۇق" تەختىگە ئولتۇرغان. فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق 7-قېتىم ھۇجۇم قىلىپ ۋاتېرلو ئۇرۇشىدا فرانسىيە ئارمىيىسى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولغان. ناپالىون يەنە بىر قېتىم تەختنى بىكارلاپ جەنۇبى ئاتلانتىك ئوكياندىكى سانت-ھېلىنا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1826-يىلى ناپالىون ئۆلۈپ 5 يىلدىن كېيىن فرانسىيە گېنېراللىرى ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ ئىمپىرىيىنى تىرىلدۈرۈشكە يەنە بىر قېتىم ئۇرۇنغان، 1848-يىلى 2-قېتىملىق جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابى پارتلاپ فرانسىيە 2-جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.1851-يىلى ناپاليوننىڭ جىيەنى لۇئى بوناپارت ئىككىنچى ئىمپىرىيىنى قۇرغان. 1871- يىلى فرانسىيە پروسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن 3-جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا فىرانسىيە غەلىبە قىلىپ گېرمانىيىنىڭ ئالزاس رايونىغا ئېرىشكەن. 1940-يىلى 3-جۇمھۇرىيەت گېرمانىيىگە تەسلىم بولغان. 1944-يىلى فرانسىيە گېنېرالى دېگول ئىتتىپاققا قارشى ئارمىيە تەركىبىدە پارىژغا كىرىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ 4-جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان. 1958-يىلى ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ 5-جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. 1959-يىلى فرانسىيە ئافرىقىدىكى ئاخىرقى مۇستەملىكىسى ئالجىرىيەدىن ۋاز كەچكەن. فرانسىيىنىڭ ھازىر ئامېرىكا قىتئەسىدە فرانسىيە گۇاناسى، گۇادىلوپ، مارتىنىكۇې ، سان پىئېر ۋە مىكېلون، سان-مارتىن ، ئوكىيانىيەدە پولىنىزىيە، يېڭى كالىدونىيە، ۋالىس ۋە فۇتۇنا، ئافرىقىدا رېۇنىون قاتارلىق مۇستەملىكىسى بار.[1]

 2006 -يىلى فرانسىيەنىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 2تىرلىيۇن 978مىليارد 880مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 32مىڭ700دوللار توغرا كېلىدۇ. فرانسىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 2%بولۇۋاتىدۇ.فرانسىيە زېمىنى ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق بولغان مۇنبەت مۆتىدىل ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، تۈزلەڭلىك كۆپ بولغاچقا باغۋەنچىلىك ۋە ئاشلىق مەھسۇلاتى ياۋروپا رايونىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ،فرانسىيە ياۋروپادىكى كونا سانائەت دۆلىتى بولۇپ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى دۇنيادا 5-ئورۇندا ئورۇندا تۇرىدۇ. فرانسىيە پۇخرالىرنىڭ ساپاسى يۇقىرى، ئاھالىنىڭ 27% ئالى مائارىپ سەۋىيىسىگە ئىگە. 2008-يىلى فرانسىيىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى 2.2%، سانائەت 20.6%، مۇلازىمەت 71.5%نى ئىگەللىگەن بولۇپ2007-يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى35مىلىيۇن 533مىڭ، يانپون ئابونتى 56 مىليۇن719مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 31مىلىيۇن295مىڭ بولغان. پۇلى: ياۋرو. فرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى. 

فرانسىيە فرانسىيە ئىقتىسادتا تەرەققىي قىلغان سانائەت، يېزا ئىگىلىك دۆلىتى. ئۇ ئا ق ش، ياپونىيە، گىرمانىيىدىن قالسا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. فرانسىيىنىڭ سانائىتى كونا ۋە يڭى دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنىدۇ. كونا سانائەت تارمىقى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلەش، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. يېڭى سانائەت تارمىقى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تەرەققىي قىلغان. مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق، خىمىيە، ئېلېكترون، ئاتوم، ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىدىن ئىبارەت.

 يېزا ئىگىلىكىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. فرانسىيە دۇنيادا مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت. ئۇ دۇنيادا ئاشلىق مەھسۇلاتى جەھەتتە ئالتىنچى ئورۇندا، ئارپا، سېرىق ماي، ئۈزۈم ھارىقى ئېكسپورتىدا بىرىنچى ئورۇندا، بۇغداي ئېكسپورتىدا ئا ق ش، كانادادىن قالسا، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىۇد. يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى تولۇق، دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق، قارا بۇغداي، قىزىلچا ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىق يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2/3 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. سۈت مەھسۇلاتى جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى، ئا ق ش دىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇندا، گۆش مەھسۇلاتى جەھەتتە غەربىي ياۋروپا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

فرانسىيە فرانسىيىنىڭ ساياھەت ئىشلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭ سۇ قاتنىشى بەك قولاي. تۆمۈر يول، تاشيوللارمۇ زور دەرىجىدە زامانىۋىلاشقان بولۇپ، ماشىنا، پويىزلارنىڭ قاتناش سۈرئىتى تېز. فرانسىيىنىڭ چەت ئەللەر ئارا بولغان ئالاقىسىدە دېڭىز ترانسىپورتى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، دۆلەت ئىچىدە تۆمۈر يول ترانسىپورتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. [0]

فرانسىيە سەنئەت ھېسىياتىغا باي دۆلەت بولۇپ ، فرانسىيە خەلقى گۈزەللىككە ئىنتىلىش بىلەن دۇنياغا داڭلىق . فرانسىيە ئۆزىنىڭ گۈزەل تەبىئىي مۇھىتىدىن پايدىلىنىپ قالماستىن ، ئۆزگىچىلىكىگە ئىگە فرانسۇز مەدەنىيىتىنى ياراتقان . مول ھېسياتقا تولغان پارىژ « كوچا سەنئىتى » يەنە دۇنياغا مەشھۇر ئۇستى ئوچۇق رەسىم كۆرگەرمىخانىسى ،ھەر ۋاقىت تەشكىنلىنەلەيدىغان كوچا مۇزىكا ئەترىتى ،كوچا بويىدىكى ئىمارەتلەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان خاتىرە ئابدىلىرىنى كۆپ. بۇ خىل كوچا سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ياشلار ۋە پۇقرالاردۇر . ئۇلار ساز ۋە ئەسەرلىرىنى ئۆزلىرى ئېلىپ كېلىدۇ ، ئەگەر مىجەز -خاراكتېرى كېلىشىپلا قالسا ، بىرلىكتە تازا يايرىشىۋالىدۇ . ئەگەر پارىژنى كىشىنى تەلپۈندۈرىدىغان لىرىكىغا تولغان شەھەر فرانسىيە شەك -شۈنھىسىزكى ، دۇنياغا مەشھۇر « لىرىكىغا تولغا دۆلەتتۇر » .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

بەشتاش تورى:فرانسىيە 

http://www.baxtax.cn/qozam/jughrapiye/18212.html

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#