قوۋۇرغا كاۋاپ

قوۋۇرغا كاۋاپ
قوۋۇرغا كاۋاپ كاۋاپنىڭ بىر تۈرى بولۇپ قوينىڭ قوۋۇرغا گۆشىنى ئاساسلىق ماتېرىيالى قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قوۋۇرغا كاۋاپ
خەنزۇچە نامى 肋烤肉

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېرەكلىك ماتېرىياللار

ئاساسلىق ماتېرىيال: قوي قوۋرىغىسى، پىياز؛ 

قوشۇمچە خۇرۇچلار: تۇز، زىرە، قىزىلمۇچ تالقىنى، ئاق ئۇن، باشپىياز، تۇخۇم، سەككىز بۇرجەك، پۇراقلىق يوپۇرماق، ماندارىن شۆپۈگى، كاۋاۋىچىن، قوۋزاق داچىن، شاكالبەدىيان، ئارىپابەدىيان، قارامۇچ، ئاقمۇچ، (ئېھتىياجىغا ئاساسەن).


بىرىنچى خىل تەييارلاش ئۇسۇلى 

قوۋۇرغا كاۋاپ1. قوۋۇرغا گۆشىنى ئىككى سانتىمېتىر كەڭ، تۆت سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا تەكشى توغراپ، تۇخۇم، پۇرچاق ئۇنى پىياز سۈيى تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ.

2. دوخاپكىنى قىزىتىپ تەييارلانغان گۆشنى لېسقا تىزىپ دوخاپكىدا پىشۇرۇلىدۇ. قوۋۇرغا گۆش پىشقاندىن كېيىن تەخسىگە تەكشى تىزىپ، زىرە، لازا، تۇز بىلەن زىياپەت جوزىسىغا كەلتۈرۈلىدۇ. 

ئىككىنچى خىل تەييارلاش ئۇسۇلى 

1. ئالدى بىلەن كىچىك بىر جاۋۇر قىززىق سۇغا تۇزى تېتىغۇدەك تۇز سېلىپ، سەككىز بۇرجەك، پۇراقلىق يوپۇرماق، ماندارىن شۆپۈگى، كاۋاۋىچىن، قوۋزاق داچىن، شاكالبەدىيان، ئارىپابەدىيان، قارامۇچ، ئاقمۇچ قاتارلىق خۇرۇچلارنى سېلىپ قاينىتىپ پۇرىقى چىققاندا بىر باش پىيازنى توغراپ سالىمىز.

2. سۇ قول كۆيمىگىدەك سوۋىغاندا قوۋرىغا گۆشنى سېلىپ 1:30 سائەت چىلاپ تەملەندۈرىمىز.

3. دورا ماتېرىياللارنىڭ تەمى گۆشكە راسا سىڭگەندە سۈزۈپ ئېلىپ، ئاق ئۇن بىلەن تۇخۇمدا شىرنە تەييارلاپ، گۆشكە تەكشى سۈرۈپ، دۇخۇپكىنىڭ گىرادۇسىنى 250كە تەڭشەپ دوخۇپكىغا سالىمىز.

4. پىشۇرۇش ۋاقتىنى گۆشنىڭ قېرى، ياشلىقىغا قاراپ ئۆزىمىز مۇۋاپىق تەڭشەيمىز. ۋاقىت توشقاندا تەخسىگە ئېلىپ، تۇز، زىرە، ئۇۋاق مۇچلارنى ئارلاشتۇرۇپ كاۋاپ ئۈستىگە تەكشى سېپىمىز، ئازراق پىياز توغراپ تەخسىگە چېچىپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

 رەڭگى ئالتۇن سېرىق، مىززىلىك، يىيىشلىك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#