- ئالۇچا (خام دورا)
- ئالۇچا (مېۋە)
ئالۇچا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قىزىتمىنى پەسەيتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، قۇرۇق ھۆنى بېسىش، قۇسۇشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا، مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئالۇچىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئىستېمال قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، سىل، قۇرۇقلۇقتىن بولغان تەپ قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئالۇچىنىڭ يوپۇرمىقىدىن سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چۈشۈرىدۇ.
ئالۇچىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازان - ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، ئاشقازان كىسلاتاسى كەملىكىدىن بولىدىغان تاماقتىن كېيىن قورساق كۆپۈش ۋە قەۋزىيەت بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ جىگەر قېتىشىش، قورساققا سۇ يىغىلىش، سۇلۇق ئىششىق، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، چىش مىلىكى ياللۇغى، ھۆل تەمرەتكە، دىئابېت كېسەللىكى، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق قاتارلىقلارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.