ئوب دەرياسى

ئوب دەرياسى

سوۋت ئىتتىپاقىدىكى چوڭ دەريالارنىڭ بىرى. باش مەنبەسى ئالتاي تاغلىرىدىن باشلىنىدىغان بىيا ھەم كاتون دەريالىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئوب دەرياسى
چەتئەلچە نامى Ob River
ئېقىن ئۇزۇنلۇقى 3700مىڭ مېتىر
خەنزۇچە نامى 鄂毕河
جۇغراپىيىلىك ئورنى غەربىي سىبىرىيە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوب دەرياسىسوۋت ئىتتىپاقىدىكى چوڭ دەريالارنىڭ بىرى. باش مەنبەسى ئالتاي تاغلىرىدىن باشلىنىدىغان بىيا ھەم كاتون دەريالىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. شەرقىي شىمالدىن غەربىي شىمالغا قاراپ غەربىي سىبىرىيىنى ئۇزۇنىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، شىمالىي مۇز ئوكياندىكى كارسكى دېڭىزىنىڭ ئوب قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. ئىككى تارماقنىڭ قوشۇلغان يېرىدىن ھېسابلىغاندا ئۇزۇنلۇقى 3650 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 2 مىليون 975 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئىچكى ئېقىن رايونىنىڭ مەيدانىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا 2 مىليون 990 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. مۇھىم تارماقلىرى ئېرتىش، چولىم، توم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. دەريانىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىن رايونلىرى تۈزلەڭلىك بولغانلىقتىن، دەريا ۋادىسى كەڭ، بۇ جايلاردا سۇنىڭ ئېقىپ چىقىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن، كەڭ دائىرىلىك سازلىقلار، كۆللەر ھاسىل بولغان، دەريا ئاغزىدىكى ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 12 مىڭ 700 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ، يىللىق ئومۇمىي ئېقىن مىقدارى 400 كۇب كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئوب دەرياسى دەريانىڭ غول ھەم تارماق لىنىيىلىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا نۇرغۇنلىغان سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى بار. دەريا باسسېين رايونىدا كۆمۈر، تۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، رەڭلىك مېتاللار، ئورمان ھەم سۇ ئېنېرگىيە بايلىقى ناھايىتى مول.

 دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئىككى تارماق قوشۇلغان يېرىدىن باشلاپ قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. دەريا سۈيىنىڭ مۇزلاش ۋاقتى ئۇزۇن، قاتناش قىلىشقا بولىدىغان ۋاقتى 5-6 ئايغا يېتىدۇ. دەريا بويىدا بارنائۇل، يېڭى سىبرىسكى قاتارلىق مۇھىم پورتلار بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#