ئۆگەن يېزىسى

ئۆگەن يېزىسى

ئۆگەن يېزىسى توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە 9 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 476.4 كۋادرات كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى ئۆگەن يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 476.4 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 渭干乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون توقسۇ ناھىيەسى
نوپۇسى 17350

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆگەن يېزىسىتوقسۇ ناھىيەسى ئۆگەن يېزىسى بولسا غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش داۋامىدىكى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يېزا ئىگىلىكى يېزىسى، 1962-يىلى قۇرۇلغان، توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە 9 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، قاتنىشى قولاي، دۆلەت يولى 314 ـ لىنيىسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى يېزىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. پۈتۈن يېزىدا 57 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، نوپۇسى 3238 ئائىلە، 17350 ئادەم، ئەر-ئايال ئەمگەك كۈچى 7300 ئادەم بار. 31 پارتىيە ياچېيكىسى بار، پارتىيە ئەزالىرى 716؛ 32 ئىتتىپاق ياچېيكىسى، ئىتتىپاق ئەزالىرى 1698 نەپەر؛ 9 باشلانغۇچ مەكتەپ، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ بار. ئومۇمىي كۆلىمى 476.4 كۋادرات كىلومېتىر، ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 70924 مو كېلىدۇ،ئاشلىق، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئاساس، ئورمانچىلىق، مېۋە-چېۋە، باقمىچىلىق قوشۇمچە قىلىندۇ. 2003-يىلى يېزا ئىقتىسادى ئومۇمىي كىرىمى 7906.8تۈمەن يۈەنگە يەتكەن ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2388.11 يۈەن بۇلۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 574.84 يۈەن ئاشقان. 

ئۆگەن يېزىسىپۈتۈن يېزا تەۋەسىدە قاراقۇم كەنتى، بۇقاتېمى كەنتى، ئۆگەن مەھەللە كەنتى، گۈمبەز كەنتى، غولئېرىق كەنتى، تېرەكلىك كەنتى، خانىقاتام كەنتى، توغرا ئېرىق كەنتى، گۈلباغ كەنتى، يار باشلام كەنتى، سۆگەت كۈزلەك كەنتى، قىزىلشەھەر كەنتى، پاختىلىق كەنتى، ئورىلىق كەنتى، قاراياغاچ كەنتى، سۇباستى كەنتى قاتارلىق 16 مەمۇرىي كەنت، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى بار.

ئۆگەن يېزىسىئۆگەن يېزىسى يىراقنى كۆزلەپ، مەۋقەنى نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرگە قارىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، 2003-يىلى ئىككى ئۆلچەملىك چارۋىچىلىق–باقمىچىلىق رايونى قۇرۇپ، قولدا ئەلا سۈپەتلىك سۈت كالىسىدىن 200 تۇياق، مەكىت قويىدىن 1000تۇياق يىتىشتۈرگەن. 20 مىڭ مو كېۋەز ئۇرۇقچىلىق بازىسى، 1000 مو چىلان بازىسى، 20 مىڭ مو ئەلا سۈپەتلىك ئاق ئۆرۈك بازىسى، 10 مىڭ مو ياڭاق بازىسى، 1000 مو ئۈزۈم بازىسى، 10 مىڭ مو ئەلا سۈپەتلىك بېدە بازىسى، 15 مو « خۇاڭچاۋ-1 نومۇرلۇق » سىناق بازىسى ؛ 100 مو پارنىك نەرپا قىلغان. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۆگەن يېزىسى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، « 12322 » قۇرۇلۇشى ( يەنى كىشى بېشىغا بىر مودىن ئاشلىق، 2 مو كېۋەز، 3 مو باغ، ئىككى چارۋا، 2 مو ئوت-چۆپ بۇلۇش )نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلار مۇقىم بۇلۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#