ياڭيۇ

ياڭيۇ ئەسلىدە پىدىگەن ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولسىمۇ، لېكىن بىر يىللىق ئۆسۈملۈك سۈپىتىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ يەر ئۈستى غولى سەل ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك، تۈكچىلىرى بار، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدىغان تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ، گۈلى ئاق، سۆسۈن ۋە ھال رەڭ قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. ئادەتتە بىز دائىم ئىستېمال قىلىدىغان ياڭيۇ يىلتىز بولماستىن، بەلكى يەر ئاستى تۈگۈنەك غولدىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ياڭيۇ
خەنزۇچە ئىسمى 马铃薯
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى نەيچىسىمان گۈل تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى پىدىگەن ئۇرۇقدېشى
ئېنگىلىزچە ئىسمى potato
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى پىدىگەن ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياڭيۇ ئەسلىدە پىدىگەن ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولسىمۇ، لېكىن بىر يىللىق ئۆسۈملۈك سۈپىتىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ يەر ئۈستى غولى سەل ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك، تۈكچىلىرى بار، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدىغان تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ، گۈلى ئاق، سۆسۈن ۋە ھال رەڭ قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. ئادەتتە بىز دائىم ئىستېمال قىلىدىغان ياڭيۇ يىلتىز بولماستىن، بەلكى يەر ئاستى تۈگۈنەك غولدىن ئىبارەت. 

ياڭيۇ ئادەتتە سوغۇق ۋە قۇرغاق مۇھىتنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتقا تېرىلسا ئاسانلا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ رودىمېنتلىشىپ(چېكىنىپ) كېتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق رايونلارنىڭ كىلىماتى سوغۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئۆسۈشى ياخشى ۋە مەھسۇلاتى يۇقىرى بولىدۇ. ياڭيۇ بىخلىنىپ قالغاندا بىخىنىڭ ئەتراپىدا زەھەرلىك ماددا سولانىن ھاسىل بولىدىغان بولغاچقا، يېيىشكە بولمايدۇ. ياڭيۇ پوستىنىڭ تەركىبىدە خىلوروفىل بولىدۇ، شۇڭا ئۇ كۈن نۇرى ئاستىدا تۇرۇپ قالسا فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىلىپ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. 

ئۆلچەشلەرگە قارىغاندا، ياڭيۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، سەۋزىنىڭكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە، كۈزلۈك يېسىۋىلەك(چوڭ بەسەي) نىڭكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە، پەمىدۇرنىڭكىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. بولۇپمۇ ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن. 

ياۋروپانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ياڭيۇ ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىنىدىغان بولغاچقا، «ئۈچىنچى بولكا» دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ يەنە «كۆپ ئىقتىدارلىق زىرائەت» دېگەن نامىمۇ بار. ئۇنىڭدىن كراخمال، ئىسپىرت، دېكسترىن، گلۇكوزا ئېلىشقىمۇ، يەنە كاۋچوك، كىنو-فىلىم پىليونكىسى، سۈنئىي يىپەك، ئەتىر قاتارلىق نەچچە ئون خىل سانائەت بۇيۇملىرىنى ياساشقىمۇ بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنسانلار ياڭيۇ سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ۋېنگرىيە سورت يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىش ئارقىلىق، خام يېگىلى بولىدىغان يېڭى ياڭيۇ سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى كالا گۆشىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى پىشۇرۇش ۋە قورۇش ھاجەتسىز بولۇپ، ئاقلاپ يېسىلا بولىدۇ. رۇمىنىيە سورت يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى يۇقىرى مەھسۇلاتلىق يېڭى بىر ياڭيۇ سورتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ چىقتى. كىشىلەر ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر خاتىرە تېشى تىكلەپ، ئۇنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن ياراتقان تۆھپىسىنى ئالاھىدە خاتېرىلىدى. 

ياڭيۇنىڭ ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئاندېس تاغلىق رايونلىرى بىلەن چىلىنىڭ دېڭىز ياقىلىرىدىكى تاغلىق رايونلاردۇر. بۇرۇن ئىندىئانلار ياڭيۇنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلغان ھەم ئۇنى «دادا» دەپ ئاتاشقان. 1536-يىلى ئىسپانىيىلىك ماتروسلار(دېڭىزچىلار) ياڭيۇنى پېرۇدىن ياۋروپاغا ئېلىپ كېلىپ تېرىغان. 1565-يىلى ئەنگلىيە ۋە ئىرېلاندىيىگە كىرگۈزۈلۈپ شۇ يەرنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 15-ئەسىردە بولسا جۇڭگوغا كىرگەن.

1785-يىلى فرانسىيىدە قەھەتچىلىك يۈز بەرگەن. ئەينى چاغدا فالمىنچىن ئىسىملىك بىر دورىگەر ياڭيۇنى فرانسىيىگە كىرگۈزۈپ كۆپلەپ تېرىش ئارقىلىق قەھەتچىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئويلىغان، لېكىن نۇرغۇن فرانسىيىلىكلەر ئۇنى زەھەرلىك دەپ قاراپ تېرىشنى خالىمىغان. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ لۇئى ياڭيۇ چېچىكىنى زىننەت سۈپىتىدە خانىشنىڭ چېچىغا قىستۇرۇپ قويغان؛ خان ئوردىسىنىڭ گۈللۈكىگىمۇ ياڭيۇ تېرىپ ئۆستۈرگەن. نەتىجىدە، ياڭيۇ تېرىش ھەش-پەش دېگۈچە پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىلىپ، ياڭيۇ چېچىكى تاقاش مودىغا ئايلانغان ھەم ئالىيجانابلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان. شۇ سەۋەبلىك ياڭيۇمۇ «يەر ئاستى ئالمىسى» دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#