دېكارت

فرانسىيە لىك پەيلاسوپ، ئالىم، ماتېماتىك دېكارت، 1596-يىلى توئۇرائىن ئۆلكىسىنىڭ راخاي كەنتىدە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 20 يېشىدا پويتىئىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى بويىچە باكلاۋىرلىق ئلىمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، بىراق ئادۋۇكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانمىغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى دېكارت
باشقا نامى René Descartes
تۇغۇلغان ۋاقتى 1596-يىلى
كەسپى پەيلاسوپ، ئالىم، ماتېماتىك
خەنزۇچە ئىسمى 勒内·笛卡儿
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1650-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ا پويتىئىر ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دېكارتفرانسىيلىك پەيلاسوپ، ئالىم، ماتېماتىك دېكارت، 1596-يىلى توئۇرائىن ئۆلكىسىنىڭ راخاي كەنتىدە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 20 يېشىدا ا پويتىئىر ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىلمى بويىچە باكلاۋىرلىق ئلىمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، بىراق ئادۋۇكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانمىغان. ئۇ بىر قېتىم ساياھەت قىلىش زۆرۈر دەپ قارىغان، ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىمۇ ياخشى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياۋرۇپادىكى بىر نەچچە دۆلەتنى ساياھەت قىلدى. 

دېكارتنىڭ ساياھىتى 1616-يىلى باشلىنىپ، 1628-يىلىغىچە داۋام قىلدى. ئۇ ئىتالىيە، پولشا ۋە دانىيە لەرنى زىيارەت قىلدى. سەيلە-ساياھەت مەزگىلىدە ئۇنىڭ كاللىسىدا بىر خىل پىكىر پەيدا بولدى. ئۇ بۇنى ھەقىقەتنى ئىزدەشنىڭ ئومۇمىي ئۇسۇلى دەپ ھېسابلىدى. 32 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا، دېكارت بۇ خىل ئۇسۇلنى دۇنيانىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تەسۋىرلەش ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاش قارارىغا كەلدى. كېيىن ئۇ كوللاندىيىدە 21 يىل تۇردى. ئۇنىڭ گوللاندىيىگە ماكانلىشىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇ يەردە شەخسىي پىكىر بايان قىلىش ۋە سۆزلەش ئەركىنلىكى بار ئىدى، بۇنىڭدىن سىرت، پارىژدىكى سىياسىي جەھەتتىكى بۆلۈش ۋە بەس-مۇنازىرىلەرمۇ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا بولاتتى. 

1629-يىلى دېكارت «ئىدىيەگە يېتەكچىلىك قىلىش پرىنسىپلىرى» ناملىق كىتاپنى يېزىپ چىقتى. بۇ كىتابتا، ئۇ ئۆزى بايقىغان ھېلىقى ئۇسۇلنى شەرھلەپ چىقتى(گەرچە بۇ كىتاب مۇكەممەل بولمىسىمۇ ھەمدە بۇ كىتابنى ئېلان قىلىش نىيىتىدە بولمىغان بولسىمۇ). بۇ كىتاب دېكارت ئالەمدىن ئۆتۈپ، تەخمىنەن 50 يىلدىن كېيىن ئاندىن نەشردىن چىقتى. 

دېكارت بايقىغان بۇ ئۇسۇلنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: ئادەم ھەقىقەتەن ئىزدەنمەكچى ئىكەن، چوقۇم ئىشنى توغرا يەردىن باشلاش لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسىلەردىن گۇمانلىنىشى، ئۇستازى ئۆگەتكەن بارلىق بىلىملەردىن گۇمانلىنىشى، ئۆزى ئىشەنگەن ھەممە نەرسىدىن گۇمانلىنىشى، ھەتتا تاشقى دۇنيا ۋە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ گۇمانلىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى لازىم. ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئىلگىرىكى بارلىق بىلىملەرنى «ئەقلىي» مىزان ئارقىلىق تەكشۈرۈش، يەنى ھەممىدىن گۇمانلىنىش كېرەك دېگەنلىك ئىدى. 

بۇنىڭدا مۇنداق بىر مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئادەم قانداق قىلغاندا بۇ خىل گۇماننى يېڭىپ، بىر خىل شەيئى ھەققىدە ئىشەنچىلىك تونۇشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىز دېكارتنىڭ بىر قاتار مېتافىزىكىلىق مۇنازىلەردىن كېيىن، ئاخىرى «مەن گۇمانلانماقتىمەن» دىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتتىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، دەپ قارىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن «مەن پىكىر يۈرگۈزۈۋاتىمەن، دېمەك، مەن مەۋجۇت» دىن ئىبارەت مەشھۇر ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. خۇدا مەۋجۇت، تاشقى دۇنيا مەۋجۇت، مانا بۇ دېكارت نەزەرىيەسىنىڭ چىقىش نۇقتىسىدۇر.

دېكارت نەزەرىيەسىنىڭ مۇھىملىقى مۇنداق جەھەتتىن ئىپادىلىنىدۇ:

بىرىنچىدىن، دېكارت ئۆزىنىڭ پەلسەپە سىستېمىسىدا بىلىم ۋە بىلىم ھەققىدە ئىزدىنىش نەزەرىيەسى (ئىنسانىيەت بىلىملىرىنىڭ ئەسلى نېمە) گە ئاساس سالغان. ئىلگىرىكى پەيلاسوپلار دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى شەرھلەشكە ئۇرۇنغان، لېكىن دېكارت بىزگە بۇ مەسىلىنى «مەن قانداق بىلىمەن» دېگەن مەسىلە بىلەن بىرلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن قىياس قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان. 

ئىككىنچىدىن، دېكارت بىزگە ئىشنى تەتقىق قىلىشتىن ئەمەس، گۇمانلىنىشتىن باشلاش لازىملىقى ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. بۇ ئاۋگۇست تەلىماتىنىڭ ئەكسى ئىدى. 

دېكارتدېكارت كائىنات ھەققىدە ئۆزىنىڭ مەشھۇر كۆز قارىشىنى بايان قىلغان. ئۇ خۇدا بىلەن ئىنساننىڭ روھىدىن باشقا، پۈتكۈل دۇنيا مېخانىك ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغقانلىقىغا، مېخانىك ھەرىكەت شەكلى ئارقىلىق، بارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئانالىز قىلشقا بولىدىغانلىقىغا ھەقىقىي ئىشىنەتتى. 1644-يىلى ئۇ «پەلسەپە پرىنسىپلىرى» ناملىق كىتابنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى قىسىمىدا، ئۇنىڭ پەلسەپە پىرىنسىپلىرى رەسمىي قايتا بايان قىلىنغان، قالغان ئۈچ قىسىمىدا فىزىكا، خىمىيە، فىزىئولوگىيە قاتارلىق بارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ئۈستىدە لوگىكىلىق تەسۋىرلەش ئېلىپ بېرىلغان. تارىختا بۇ قىسىمنىڭ مۇھىملىقى ئىلمىي يوسۇندا چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق بارلىق «روھىي» ياكى ماھىيەتلىك قاراشلارنى، پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغانلىقىدا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گېئولوگىيىلىك ياكى باشقا مەلۇم مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئىنكار قىلغانلىقىدا. ئۇ بارلىق فىزىكىلىق ھادىسىلەرنى مېخانىكا ئاتالغۇلىرى ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن، بۇ ئاتالغۇلارنى گېئومېترىيىلىك ئۇقۇملار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق يىغىنچاقلاش ئېلىپ بېرىپ، يېقىنقى زامان ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ ئىلمىي نەزەرىيە تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن. مانا بۇ ئەسەرنىڭ ئاكتىپ تەرىپىدۇر. يەنە بىر جەھەتتىن، بەزى نۇقتىئىنەزەرلەردە خاتالىقلار كۆرۈلگەن تۇراتتى ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن. 

دېكارتنىڭ ھۆكۈملىرى تەبىئىي ھالدا پالچى، داخان ۋە ھەر خىل خۇراپىي شەكىللەر تەرىپىدىن رەت قىلىنغان، شۇنداقلا تەبىئەت ھادىسىلىرىنى تېئولوگىيىلىك نۇقتىئىنەزەرلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرىدىغان بارلىق تېئولوگلارنىڭمۇ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانىدى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#