جۇۋاۋا
جۇۋاۋا بولسا ئاق ئۇن ، تۇز ، لوق گۆش ، جاڭيۇ ، بەسەي ، سۇ يېغى ، قارىمۇچ ، شورپا قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،ناھايىتى يىيىشلىك تاماق تۈرى .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لازىملىق ماتىرياللارئاق ئۇن 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، لوق گۆش بىر كىلوگرام، جاڭيۇ ئازراق، بەسەي 500 گرام، سۇ يېغى 70 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، شورپا 250 گرام.

جۇۋاۋا1.بوشراق، پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ، ئەھۋالغا قاراپ زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، قۇرۇق ئۇن سېپىپ، ئۈستىنى قۇرۇق لاتا بىلەن يېپىپ قويۇپ، بىر تەرەپتىن پوزا بىلەن جىلىت ئېچىلىدۇ.

2. گۆشنى گۆش توغراش ماشىنىسىدىن ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈپ ياكى توغراپ، ئۇنىڭغا شورپا ياكى سۇ قۇيۇپ سىڭدۈرۈپ، ئۇششاق توغرالغان بەسەي(سۈيى سىقىپ چىقىرىۋېتىلگەن) ، جاڭيۇ، تۇز، سوققان قارىمۇچ، سۇ يېغى سېلىپ ھەممىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. 

3. ئېچىلغان جىلىتقا بىر قوشۇقتىن قىيما سېلىپ تۈگۈپ قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ، پەس ئوتتا 6-5 مىنۇت پىشۇرۇپ، قازان ۋاراقلاپ قايناپ كەتسە، پات-پات سوغۇق سۇ قۇيۇپ تۇرۇش كېرەك. بولمىسا جۇۋاۋا ئېزىلىپ كېتىدۇ. پىشقان جۇۋاۋىنى تەخسىگە سۈزۈپ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ھەربىر كىشىگە بىردىن كىچىك تەخسە ۋە چوكا قويۇلىدۇ. 

بەسەي، جاڭيۇ، سۇ يېغى، سۇ، شورپا دېگەنلەرنى شارائىتقا، ئادىتىگە قاراپ ئىشلەتسە ياكى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئائىلىلەردە كۆپىنچە گۆش، پىياز بىلەنلا ئېتىلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#