سەنگۇڭ قازاق يېزىسى

سەنگۇڭ قازاق يېزىسى

سەنگۇڭ قازاق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى گە قاراشلىق بولغان بىر قازاق مىللىتى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، دۇڭشياڭ قاتارلىق مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مىللىي يېزا.

ئۇيغۇرچە نامى سەنگۇڭ قازاق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 4092 ئادەم
ئورمان كۆلىمى 300 مو
خەنزۇچە ئاتىلىشى 三工河哈萨克民族乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0994

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەنگۇڭ قازاق يېزىسىسەنگۇڭ قازاق يېزىسى فۇكاڭ شەھىرى گە قاراشلىق بولغان بىر قازاق مىللىتى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، دۇڭشياڭ قاتارلىق مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مىللىي يېزا. نوپۇسى 4092 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئومۇمىي سانىنىڭ %72 نى ئىگىلەيدۇ. يېزا بويىچە قاراشلىق بەش مەمۇرىي كەنت، ئالتە تارماق پونكىت بار. 

سەنگۇڭ قازاق يېزىسى شىنجاڭنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 70 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، فۇكاڭ شەھىرى شەھەر رايونىدىن 21 كىلومېتىر. جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق بولغان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان.

سەنگۇڭ قازاق يېزىسىسەنگۇڭ قازاق يېزىسى 216-دۆلەت يولى لىنىيەسى، تۇرپان-ئۈرۈمچى-داخۇاڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى ئۈرۈمچى __گەنسۇ تۇتاشقان تۆمۈر يول كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق. بۇ يېزىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق بولغان تەبىئىي مەنزىرە رايونى ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول. بۈگۈنكىدەك خىلمۇخىل تەبىئىي مەنزىرىلەرنى ۋە رەڭگارەڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى بار، سەنگۇڭ قازاق يېزىسى تەۋەسىدە سوغۇق مۇزلۇق ۋە قارلىق تاغلار، ئاجايىپ ئېگىز تاغ كۆللىرى، بىپايان قارىغايلىق، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاغ چوققىلىرى گۈزەل، تەسىرلىك مىللىي ئەپسانە-رىۋايەت، ئاجايىپ ـ غارايىپ گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى، ئەگرى-توقاي تارىخىي ئۆزگىرىشى مول ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك بايلىقى جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلغان.

سەنگۇڭ قازاق يېزىسى 2006-يىلى يېزا بويىچە سانائەت، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 73 مىليون يۈەن، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5396 يۈەن. بۇنىڭ ئىچىدە چارۋىچىلىق كىرىمى 13 مىليون 890 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 2138 يۈەن؛ 

سەنگۇڭ قازاق يېزىسىتېرىقچىلىق كىرىمى 4 مىليون 580 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 460 يۈەن؛ 

ئورمانچىلىق كىرىمى 1 مىليون 390 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 326 يۈەن؛ 

ئىككىنچى، ئۈچىنچى كەسىپنىڭ كىرىمى 50 مىليون 630 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 1477 يۈەن؛ 

سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش كىرىمى 2 مىليون 510 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 908يۈەن. ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش 432 ئادەم، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 2 سى، بەلگىلىمە 46 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

ساياھەت بايلىقى

سەنگۇڭ قازاق يېزىسىبوغدا كۆلى گە جايلاشقان بولغان سەنگۇڭ قازاق يېزىسى بايلىقى مول، مەنزىرىسى گۈزەل. بوغدا قارلىق تېغى، مۇزلۇق، مۇز تاغ بار؛ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يېشىل قارىغاي، كۆك ئارچا، قار لەيلىسى، ئۇلار، تەڭرىتاغ بۇغىسى قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋانلار ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ؛ بوغدا كۆلىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بەيياڭگۇ جىلغىسى، نەنتەيزە، شىتەيزە، كىچىك قاراغول، چوڭ قاراغول جىلغا قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئېچىشقا بولىدىغان يوشۇرۇن كۈچى زور. سەنگۇڭ دەريا جىلغىسى مەنزىرە رايونىدىن سىرت يەنە بىپايان يايلاق، بىپايان قۇملۇق، قەدىمكى يىپەك يولى ___ تاڭچاۋلۇ يولى، مەشھۇر ئاسارە-ئەتىقىلەر بىرلەشتۈرۈلگەن ئالتۇن ساياھەت بەلبىغى ئېچىش، ئېكسپېدىتسىيە قىلىش، تاغقا چىقىش، قار تېيىلىش، شۇڭغۇپ ئۇچۇش، ئوۋ ئوۋلاش، مىللى ئۆرۈپ ئادەتدىن ھۇزۇرلىنىش  تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا سوزۇلغان؛

سەنگۇڭ قازاق يېزىسى بوغدا كۆلى، ئېگىز تاغ، ئوتلاق، قۇملۇق ئۈچ پەلەمپەيسىمان تەبىئىي مەنزىرىسىنى ئېچىشتىن ياسالغان مەنزىرە نۇقتىلىرى، ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىنغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ساياھەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلغان.

يەر بايلىقى

سەنگۇڭ قازاق يېزىسىسەنگۇڭ قازاق يېزىسى 300 مىڭ مودىن ئارتۇق يەر ئېچىشقا بولىدىغان بار، نېيترال تۇپراق، سۇ مەنبەسى يېتەرلىك، سۇ، توك، يول قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. دۆلەتنىڭ تۈر تۇرغۇزۇشىدا 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يەر ئېچىلغان، 12 كىلومېتىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ رېمونت قىلىنغان، يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى تارتىش ئېتىز- ئېرىق باشلىرىغا بېرىپ، ئورمان بەلۋېغى، شېغىل يول 60 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان يولغا، 20 نەچچە كۆز ماشىنىلاشقان قۇدۇق قېزىلغان. ئالاھىدە كىلىمات، ئىسسىقلىق، سۇ-يۇپراق شارائىتى يارىتىپ، كەڭ مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى، ئىگىلىك تىكلەش كەيپىياتى يارىتىلغان.

ياۋايى ھايۋانات بايلىقى 

تەڭرىتاغ ئېتىكى سەنگۇڭ دەرياسى يېزىسى تەۋەسىدا ۋە قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى جايلاردا قوڭۇر ئېيىق، يىلپىز، ئۇلار، تەڭرىتاغ بۇغىسى، چىلانتۇرۇق ئاتلار قاتارلىق 100 خىلدىن ئارتۇق ھايۋانلار ياشايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز تۈر دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلار.

ئۆسۈملۈك بايلىقى

سەنگۇڭ قازاق يېزىسىسەنگۇڭ قازاق يېزىسى ئۆۈملۈك بايلىقىمۇ بار بۇلۇپ، سوغىگۈل، كىرەش، قار لەيلىسى، قۇرۇق ئوت، چوڭ سوزاپ قاتارلىق 300 نەچچە خىل، 190 دىن ئارتۇق ئۇرۇقدىشى بار بولغان ياۋا دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر بار. 

كان بايلىقى 

سەنگۇڭ قازاق يېزىسى كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، ھاك تاش، چىنە توپىسى، شور قاتارلىق يۈز نەچچە خىل مول كان بايلىقلىرى مول بۇلۇپ، كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە. سەنگۇڭ دەرياسى، بوغدا چوققىسىنىڭ غەربىي شىمالدىكى مۇزلۇقلاردىن پەيدا بولغان سۇ بايلىقى ئىنتايىن مول. كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق ئېلىپ بېرىلىپ ئالاھىدە تۈرلەر باقمىچىلىقى، دورا ماتېرىياللىرى تېرىش قاتارلىق ئەۋزەل تەرەققىيات شارائىتى يارىتىپ بەرگەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#