قۇشلار كۆپىيىش پەسلىگە كەلگەندە، كۆپچىلىكىنىڭ ئەركىكى چىشىسىنىڭ ئىشتىياقىنى قوزغاپ، ئۇنىڭ بىلەن چېتىلىش ئۈچۈن ناھايىتى چىرايلىق ياسىنىدۇ. نۇرغۇن قۇشلار ئىچىدە توز ئەڭ چىرايلىق ياسىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى توز
خەنزۇچە ئىسمى 孔雀
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى قىرغاۋۇللار ئائىلىسى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Peacock
تارقالغان رايونلار ئاسىيا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغ ئورمانلىرى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى توخۇسىمانلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى توز ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توز ئاسىيا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغ ئورمانلىرى ئارىسىدا ياشايدۇ. توزلار كەڭ-كۇشادە ئورمانلاردا، بولۇپمۇ دەريا بويىدىكى ئورمانلاردا يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىر خورىزى بىر مۇنچە مىكىيىنى بىلەن بىللە دانلايدۇ، كېچىسى ئېگىز دەرەخلەرنىڭ ئۇچىدا ياتىدۇ.

 ھەر يىلى ئەتىيازدىكى كۆپىيىش پەسلى ئۇلارنىڭ قۇيرۇقىنى ئەڭ كۆپ يايىدىغان مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، توزلارنىڭ قۇيرۇقىنى يېيىشى كۆپىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدىن ئاجرىلىپ چىققان جىنسىي ھورموننىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، جۈپ ئىزدەۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. كۆپىيىش پەسلىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، توزلارنىڭ قۇيرۇقىنى يېيىشى بارا-بارا ئازلايدۇ ياكى يوقىلىدۇ. 

توزلارنىڭ قۇيرۇقىنى يېيىشى يات جىنىسلارنى جەلپ قىلىشتىن باشقا، دۈشمەندىن مۇداپىئەلىنىش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. توز دۈشمىنىگە بولۇققاندا، دەرھال قۇيرۇقىنى يايىدۇ. بۇ چاغدا يېيىلغان قۇيرۇقتا يوغان-يوغان كۆزلەر نامايان بولىدۇ، بۇنىڭدىن دۈشمەنلىرى نۇرغۇن كۆزلەر ئۆزىگە تىكىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، قورقۇپ يېقىن كېلەلمەيدۇ. دۈشمەندىن بۇنداق مۇداپىئەلىنىش ۋاستىسى قۇشلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، بىر توپ چۆجىلىرىنى كەينىگە سېلىپ يۈرگەن مېكىيانمۇ ھۇجۇمغا دۇچ كەلگەندە، دەرھال پەيلىرىنى تىك-تىك قىلىپ دۈشمىنى بىلەن ئېلىشىدۇ.

 توزنىڭ «چىرايلىق ياسىنىشى»

توزنىڭ «چىرايلىق ياسىنىشى»قۇشلار كۆپىيىش پەسلىگە كەلگەندە، كۆپچىلىكىنىڭ ئەركىكى چىشىسىنىڭ ئىشتىياقىنى قوزغاپ، ئۇنىڭ بىلەن چېتىلىش ئۈچۈن ناھايىتى چىرايلىق ياسىنىدۇ. نۇرغۇن قۇشلار ئىچىدە توز ئەڭ چىرايلىق ياسىنىدۇ. باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا ھايۋانات باغچىسىغا بارسىڭىز، چىرايلىق ياسانغان خوراز توز سىزنى جەزمەن ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. خوراز توز مىكىيىنىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ چىرايلىق پەيلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يەلپۈگۈچتەك يايىدۇ، ئىنچىكە ئۇسسۇلچى پۇتى بىلەن يورغىلاپ يۈرۈپ قانات سۆرەيدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان تەڭگىچىلىرى ۋە زۇمرەتتەك يېشىل پەيلىرى ئىللىق قۇياش نۇرىدا چاقناپ ئاجايىپ كۆركەملىشىپ كېتىدۇ. بۇنى كۆرگەن ساياھەتچىلەر خاتىرە ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن سۈرەتكە تارتىشىدۇ.

   ھازىر دۇنيادا ئىككى خىل توز: كۆك توز ۋە يېشىل توز بار. بۇلارنىڭ ئاساسلىق پەرقى شۇكى، كۆك توزنىڭ بېشىدىكى تاجىسى يەلپۈگۈچسىمان بولىدۇ، باش، بويۇن ۋە كۆكرىكىنىڭ پەيلىرى ئاساسەن كۆك بولىدۇ؛ يېشىل توزنىڭ تاجىسى يەلپۈگۈچسىمان بولماستىن، دەستىسىمان بولىدۇ، پەيلىرى ئاساسەن يېشىل بولىدۇ. كۆك توز ئەسلىدە ھىندىستان ۋە سرى-لانكىلاردا ياشايتتى، ھازىر ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ھايۋانات باغچىلىرىغا ئېلىپ كېلىنىپ، كۆرگەزمە قىلىنماقتا. يېشىل توز ئاساسەن ياۋا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئېلىمىزدىكى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ تروپىك ئورمانلىرىدا ياشايدۇ. ھايۋانات باغچىلىرىدا پەيلىرى پۈتۈنلەي ئاق كەلگەن يەنە بىر خىل توز بار، ئۇ توزلارنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

توزسىز چوقۇم ھايۋانات باغچىسىدا توزنىڭ قاناتلىرىنى كەڭ يايغان ھالىتىنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەركەك توز قاناتلىرىنى يايغان چاغدا، ئۇنىڭ رەڭدار، چىرايلىق پەيلىرى ھەقىقەتەن كىشىنى جەلب قىلىدۇ.

توز 3-، 4-ئايلاردا قانىتىنى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. يۈننەن ئۆلكىسىدىكى ئورمانلىق تاغدا ياشايدىغان ياۋا توزلار دەل مۇشۇ پەسىلىدە قاناتلىرىنى يايىدۇ. توزلارنىڭ قانات يېيىشى ئۇلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، ئەركەك توز چىشى توزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى راۋۇرۇس ياساپ، قاناتلىرىنى تازا كەڭ يېيىپ، گۈزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەت ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش بەزلىرى ئاجرىتىپ چىقارغان جىنىسىي ھورمۇننىڭ غىدىقلىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۇلارنىڭ كۆپىيىىش نەتىجىسىدۇر. ئۇلارنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى ئۆتۈپ كەتسە، بۇنداق قانات يايىدىغان ئىشلارمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئازىيىپ كېتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، توز قورقۇپ كېتىش دېگەندەك غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندىمۇ قانتىنى يايىدۇ. ئىلىگىرى بەزىلەر بەزى چاغىدا توز چىرايلىق كىيىنگەن ساياھەتچىلەرنى كۆرسە قاناتلىرىنى يايىدۇ، بۇ بىر خىل «گۈزەللىكتە بەسلىشىش» ھەرىكىتى، دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. بەزىدە، توز چىرايلىق كىيىنگەن ساھايەتچىلەرنى كۆرسىمۇ قۇيرۇقىنى يايىدۇ. لېكىن بۇ گۈزەللىكتە بەسلىشىش ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى قىزىل، يېشىل رەڭلەر ئۇنىڭغا تەسىر قىلغانلىقىدىندۇر. توزنىڭ بۇ چاغدا قۇيرۇقىنى يېيىشى ئۆزىنى كۆرسىتىش ۋە دۈشمىنىدىن مۇداپىئەلىنىشتۇر. 

توز زوئولوگلارنىڭ قارىشىچە، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىغان توق قىزىل، توق يېشىل كىيىملىرى ۋە ياكى يۇقىرى ئاۋازدا كۈلۈپ پاراڭ سېلىشلىرى توزنى غىدىقلاپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، توزنىڭ بۇ چاغدىكى قانات يېيىشىمۇ ئۆزىنىڭ كۈچىنى نامايىش قىلىش، باشقىلاردىن مۇداپىئەلىنىش ھەرىكىتى ئىكەن.

توزنىڭ قۇيرۇقى ناھايىتى كۆركەم بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بەدىنى ئېغىر، پەيلىرى بەك ئۇزۇن بولغاچقا، ئەركەك توزنىڭ يول يۈرۈشى ناھايىتى قۇلايسىز. بەزىدە باشقا قۇشلار توزنىڭ قۇيرۇقىنى دەسسىۋېلىپ، ئۇنى چىرقىرىتىۋېتىدۇ. توز سۇغا چۈشىدىغان چاغدا، قۇيرۇقىنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن ساقىلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم قۇيرۇقىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىشى كېرەك. بۇنداق چاغدا، ئۇنىڭ چىرايلىق قۇيرۇقى بىر خىل يۈككە ئايلىنىپ قالىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#