ھالقىلىق ئات ۋە ياغاچ ئات

ھالقىلىق ئات

مۇسابىقە گىمناستىكىسىدا ھالقىلىق ئات بىلەن ياغاچ ئات ئەڭ قەدىمىي ئەسۋابلاردۇر. ئۇلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئېگىزلىكى، تۈزۈلۈشى پۈتۈنلەي ئوخشاش دېگۈدەك بولۇپ، پەقەتلا ھالقىلىق ئاتنىڭ ياغاچ ئاتقا قارىغاندا ئىككى ھالقىسى ئارتۇق. ھالقىلىق ئات پەقەت ئەرلەرنىڭ مۇسابىقە تۈرى، ياغاچ ئات بولسا ئەر-ئاياللار تۈرى ھېسابلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ھالقىلىق ئات ۋە ياغاچ ئات
خەنزۇچە ئىسمى 鞍马和跳马

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياغاچ ئاتمۇسابىقە گىمناستىكىسىدا ھالقىلىق ئات بىلەن ياغاچ ئات ئەڭ قەدىمىي ئەسۋابلاردۇر. ئۇلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئېگىزلىكى، تۈزۈلۈشى پۈتۈنلەي ئوخشاش دېگۈدەك بولۇپ، پەقەتلا ھالقىلىق ئاتنىڭ ياغاچ ئاتقا قارىغاندا ئىككى ھالقىسى ئارتۇق. ھالقىلىق ئات پەقەت ئەرلەرنىڭ مۇسابىقە تۈرى، ياغاچ ئات بولسا ئەر-ئاياللار تۈرى ھېسابلىنىدۇ. 

ياغاچ ئاتمىلادىيە 400-يىللىرى كىشىلەر ياغاچ ئاتتا ھەربىي مەشىق قىلغان. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا گېرمانىيىلىكلەر ياغاچ ئاتنىڭ بېشى بىلەن قۇيرۇقىنى چىقىرىۋېتىپ، ئاتنىڭ ئۈستىگە كالا تېرىسى تارتىپ «بەدەن ئۇچۇرۇش» نى مەشىق قىلغان، 1804-يىلى ياغاچ ئات ئۈستىدىكى ئېگەرنىڭ ئورنىغا تۆمۈر ھالقا ئالماشتۇرۇپ، ھازىرقى زامان ھالقىلىق ئېتىنىڭ دەسلەپكى شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. كېيىن يەنە تەرەققىي قىلىپ، تۆمۈر ھالقىنىڭ ئورنىغا ياغاچ ھالقا ئورنىتىلغان بولۇپ، بۈگۈنكى ھالقىلىق ئاتقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلغان. كېيىنچە توسالغۇلۇق گىمناستىكىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ھالقىلىق ئاتقا تايىنىپ سەكرەشنى مەشىق قىلغان. مانا بۇ ياغاچ ئاتنىڭ ئۆزىدۇر. شۇنداق قىلىپ، ھالقىلىق ئات ئىككى خىل ئىشلىتىلىپ، ياغاچ ھالقىمۇ ھەم بېكىتكىلى، ھەم ئېلىۋەتكىلى بولىدىغان قىلىنغان.

ھالقىلىق ئاتھالقىلىق ئات گىمناستىكىدىكى ئەڭ تىپىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك تۈر بولۇپ، تايىنىش يۈزى كىچىك شارائىتتىكى ھەرىكەت جەريانىدا بەدەن ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى قولنى ئاتنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدا توختاتماستىن ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بويى ۋە ئېنىنى بويلاپ ئىككى يۆنىلىشتە ھەر خىل بەدەن بۇراش، ئورۇن يۆتكەش، قايچىلاشتۇرۇش، تولۇق پىرقىراشتەك ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش تەلەپ قىلىنىدۇ.

ھازىر ھالقىلىق ئاتتىكى ھەرىكەت ئورۇنلىرى كۆپىيىپ، «توماس» چە تولۇق پىرقىراشقا(ئىككى پۇتنى ئالدى-كەينىگە قايچىلىما نۆۋەتلەشتۈرۈپ، يۇقىرى-تۆۋەن داۋالغۇتۇپ، پۇتلارنى چوڭ كېرىپ ئايلاندۇرۇش) بەدەن بۇراش ۋە ئورۇن يۆتكەشتىكى قىيىنلىق دەرىجىسى قوشۇلغاندىن باشقا، يەنە قول بىلەن تىكلىنىش ئورنىنى يۆتكەپ بەدەن بۇراش بىلەن چۈشۈش ئۇسۇلى بارلىققا كېلىپ، ھالقىلىق ئات ھەرىكىتى ستېرېئولىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. 

ياغاچ ئاتياغاچ ئاتتىن سەكرەشتىكى ئاساسىي تەلەپ ئاتتىن قول بىلەن ھالقىپ ئۆتۈش ھەمدە ھالقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەن بۇراش، موللاق ئېتىش ياكى بوشلۇقتا موللاق ئېتىش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەشتىن ئىبارەت. ئاتتىن سەكرەشتىكى پۈتۈن يۈرۈش ھەرىكەتتە تېز يۈگۈرۈش، بوشلۇققا ئېگىز كۆتۈرۈلۈش، بەدەننى تېز بۇراش ۋە يەرگە مەزمۇت چۈشۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. جۇڭگو گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىسى لۇ يۈن «ياغاچ ئات شاھى» دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ ئاتتىن سەكرەش ھەرىكىتى «ئالدىغا موللاق ئېتىپ بەدەننى 180 گرادۇس بۇرىغاندىن كېيىن بوشلۇقتا موللاق ئېتىش» بىلەن «بەدەننى ئېگىپ ئالدىچە بوشلۇقتا موللاق ئېتىپ، بەدەننى 540 گرادۇس بۇراش» تەك قىيىنلىقى يۇقىرى ھەرىكەتلەر بولۇپ، دۇنيادىكى چوڭ مۇسابىقىلەردە كۆپ قېتىم چېمپىيون بولغان .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#