تاش قوغۇن

تاش قوغۇن

تاش قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ غۇلجا شەھەر ئەتراپى ، ئالتاينىڭ شىمالى ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئايرىم رايۇنلىرىدا ئاز كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ . 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاش قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ غۇلجا شەھەر ئەتراپى ، ئالتاينىڭ شىمالى ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئايرىم رايۇنلىرىدا ئاز كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ . 

بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈشى ئاجىز بولۇپ ، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 289.4 سانتىمېتىر ، توملۇقى 1.6 سانتىمېتىر كېلىدۇ، شاخلىنىشى ئوتتۇراھال ، بۇ خىل سورت توشۇشتا ۋە ساقلاشقا چىداملىق بولۇپ ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك . 

چېچىكى 

 بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسى پىلەكنىڭ ئۈچىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئاتىلىق گۈلى ئاساسى پىلەكنىڭ تۆتىنچى بوغۇمىدىن چىققان يان پىلەكنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدا ئۆسىدۇ . ئانىلىق گۇلى ئېچىلىپ 36 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ . پۈتكۈل ئۆسۈپ يىتىلىش ۋاقتى 78 - 80 كۈن ئەتاپىدا بولىدۇ ، پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 0.8 گرام كېلىدۇ ، گۈلى قوش جىنىسلىق . 

مېۋىسى

تاش قوغۇننىڭ شەكلى يۇمىلاقراق ، سوقىچاق ، دىئامېتىرى 10.7 * 11 سانتىمېتىر ، مېۋىسى پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلىدۇ . شاپاق تېگى رەڭگى سېرىق رەڭدە بولۇپ ، ئۈستىدە ئالتۇن رەڭلىك ۋە يېشىل رەڭلىك داغ ئىزى ، ھەم 9 - 10 تالغىچە ئىنچىكە يېشىل ئېرىقچە شەكلىللەندۇرگەن ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.3 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 2.6 سانتىمېتىر ، رەڭگى يېشىل ئاق ، شىرنىسى ۋە تالاسى ئاز ، تەمى ئوتتۇراھال تاتلىق بولۇپ ، ئىسپىرىت پۇرىقى كېلىدۇ ، قەنت مىقدارى % 15.4 - 10.3 ئەتراپىدا . 

ئۇرۇقى

ئۇرۇقى سېرىق رەڭدە ، ئەگرى ئېللىپىس شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 1.2 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.4 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 47 گرام كېلىدۇ . [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#