يۇتقۇنچاق، كېكىردەك، بادامسىمان بەز

يۇتقۇنچاق،كېكىردەك،بادامسىمان بەز

يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز نەپەسلىنىشكە ياردەم بېرىش ، يۇتۇشقا ياردەم بېرىش. كانايغا يات نەرسىلەنىڭ كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتەيدىغان خادىمىي ئەزلار بولۇپ ، يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىش كىرەك.

ئۇيغۇرچە ئىسمى يۇتقۇنچاق، كېكىردەك، بادامسىمان بەز
خەنزۇچە ئاتىلىشى 咽,喉,扁桃腺

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز نەپەسلىنىشكە ياردەم بېرىش ، يۇتۇشقا ياردەم بېرىش. كانايغا يات نەرسىلەنىڭ كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتەيدىغان خادىمىي ئەزلار بولۇپ ، يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرى مىزاج بۇزۇلۇش .خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ .

مىزاج بۈزۈلۇش خاراكتېرلىك يۈتقۈنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۈللىرى مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرى خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرى ۋە خىلىتلىق مزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ .

 1) خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى بۇخىل خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرى خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق ، خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق ، ھۆل سوغۇق ، خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرى دەپ تۆت خىل بولىدۇ . ئادەتتە خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا قۇرۇق ئىىسىىق بىلەن ھۆل ئىسسىقنى ئىسسىقتىن بولغان ، ھۆل سوغۇق بىلەن قۇرۇق سوغۇقنى سوغۇقتىن بولغان دەپ قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ . خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرىگە سەۋەبچى بولغۇچى ئامىل خىلىت بولمىغاچقا ، مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىلمەيدۇ . بەلكى سەۋەبچى بولغۇچى كەيپىياتقا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ . (1) خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى 

① تەڭشىگۈچى دورىلارنى بېرىش ھارارەت پەسەيتكۈچى يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەزلەرنىڭ خىزمىتىگە پايدىلىق بولغان ھۆل سوغۇق ، قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن ئىسپىغۇل ، بىنەپشە ، ئاق لەيلى ئۇرۇقى . مۇرەككەپ دورىلاردىن نېلۇپەر شەربىتى ، ھەببى بىنەپشە ، لوئۇقى سەرپسىتان قاتارلىقلار. 

② يېمەك - ئىچمىكى ھارارەت پەسەيتىدىغان ھۆل سوغۇق ، قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، توخۇ گۆشى ، شويلا، ئارپا ئېشى ، سېمىزئوت ، ئوسۇڭ ، قارىئۆرۇك ، ئاچچىق ئانار، 

③ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ( سوغۇق سۇ ، مۇز) ، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ، ئۇخلىتىپ داۋالاش، تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش ، پاشويە قىلىپ داۋالاش، ئابىزەن قىلىپ داۋالاش، ياغلاپ داۋالاش ( بىنەپشە يېغى، قاپاق يېغى) قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن مۇۋاپىقلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ . 

④ پەرھىز ھارارەت پەيدا قىلىدىغان ، يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان قۇرۇق ئىسسىق ، ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىدىن زەپەر، جىنتىيانا زەنجىۋىل . مۇرەككەپ دورىلاردىن ھەببى قوقىيا ، ئايارەج پەيقىرا . يېمەك - ئىچمەكلەردىن ئات گۆشى ، كالا گۆشى ، پولۇ ، تۇخۇم پوشكىلى ، كۈدە ، سۇڭپىياز، ياڭاق ، ئۈزۈم قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ، كۆپ جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش ، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك .

(2) خىلىتسىز ھۆل سوغۇق ، قۇرۇق سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك ، يۇنقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى 

① تەڭشىگۈچى دورىلارنى بېرىش تەبىئىي ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ، يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز خىزمىتىگە پايدىلىق بولغان قۇرۇق ئىسسىق ، ھۆل ئىسسىق ئەبىئەتلىك دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن زۇفا ، پىرسىياۋشان ئەنسىل . مۇرەككەپ دورىلاردىن - لوئوقى چىلغوزا ، ئەنسىل شەربىتى. زۇفا شەربىتى قاتارلىقلار. 

② يېمەك - ئىچمىكى تەبىئىي ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان قۇرۇق ئىسسىق ، ھۆل ئىسسىق تەبىئەتەلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، باچكا گۆشى ، پاقلان گۆشى، پەرمۇدە ، ئۈگرە ، چامغۇر، سەۋزە ، ئەنجۈر، خورما قاتارلىقلار. 

③ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاش ، ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش (قايناق سۇ ) ، ھورداش ئارقىلىق داۋالاش ، تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش ، ئارشاڭغا چۈشۈرۈپ داۋالاش ، ئىسلاش ئارقىلىق داۋالاىش ، ياغلاش ئارقىلىق داۋالاش ( بادام يېغى ، قوينىڭ دۈمبە يېغى ) قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن مۇۋاپىقلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ . 

④ پەرھىز ھارارەتنى تۆۋەنلىتىدىغان يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز خىزمىتىگە زىيانلىق تەسىر يەتكۈ زۈدىغان ھۆل سوغۇق ، قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك دورا ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن مىنتول ، لىمون . مۇرەككەپ قۇرسى كافۇر، زىخ ، شەربىتى. يېمەك - ئىچمەكلەردىن كالا گۆشى ، بېلىق ، شويلا ، قېتىق ، لەڭپۇڭ ، يۇمغاقسۈت ،پالەك ، شاپتۇل ، تاۋۇز. ئۇنىڭدىن باشقا سوغۇق مۇھىتتا ئۇزاق مۇددەت تۇرۇش ، سوغۇق سۇدا كۆپ يۇيۇنۇش، سوغۇق سۇنى كۆپ ئىچىش ، كۆپ ئۇخلاشتىن ساقلىنىش كېرەك .

2) خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى خىلىتلىق مىزا ج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرى غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ، غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتى، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى ، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرى دەپ تۆت خىل بولىدۇ . بۇ خىل مىزاج بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرىدە سەۋەبچى بولغۇچى ئامىل خىلىت بولغاچقا ، قان خىلىتىدىن باشقا خىلىتلارغا قارىتا قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي خىلىت سەۋەبىدىن كېسەللىك كېلىپ چىققان بولسا ، شۇ خىل خىلىتنىڭ مۇنزىچ ، مۇسھىلى بېرىلىدۇ . قان خىلىتىدىن بولغان كېسەللىكلەرگە قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتى بۇ خىل كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا ، شۇ خىل خىلىت ئۆزگىرىشىگە قارىتا قان خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ . بەدەندە تەڭشەش ۋە تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋەتلىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ .

(1) غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى 

① مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان بولسا ، شۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ ، مۇسھىلىغا يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز خىزمىتسنى ياخشىلايدىغان ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلارنى قوشۇپ بېرىپ ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ . مەسىلەن ، ئىسپىغۇل ، تەرخەمەك . تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى قاتارلىقلار. 

② قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلازىى بېرىش ئاخىرىدا ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى بەدەننىڭ كېسەلگە قارسى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، لوئوقى چىلغوزا ، ئامىلە نۇشدارى، لوئوقى بادام ، خېمىرى مەرۋايىت قاتارلىقلار. 

③ يېمەك - ئىچمىكى ھارارەت پەسەيتىدىغان سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، توخۇ گۈشى، گۆشى ، كوچا ئاش ، ئارپا ئېشى ، پالەك، ئۇسۇڭ، ئالقات، قارىئۆرۈك قاتارلىق. 

④ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ( سوغۇق سۇ ، مۇز) ، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ، ئۇخلىتىپ داۋالاش، زىماد چېپىش ( ھۆل كاسىنە ، ئاق لەيلى گۈلى) ، ياغلاپ داۋالاش (بىنەپشە يېغى ، قاپاق يېغى ) ، تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن مۇۋاپىلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ . 

⑤ پەرھىز بەدەندە ھارارەت پەيدا قىلىدىغان ، يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك خىزمىتىگە زىيانلىق تەسىر يەتكۈزىدىغان دورا ۋە يېمەك – ئىچمەگردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن زەپە ر، ئاقىرقەرھا . مۇرەككەپ دورىلاردىن ھەببى قوقىيا ، ھەببى جەدۋار. يېمەك – ئىچمەكلەردىن قوتاز گۆشى ، تۆگە گۆشى ، سامسا ، تۇخۇم پوشكىلى، كۈدە ، سۇڭپىياز، ياڭاق قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ، كۆپ ھەرلەت قىلىش، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك .

(2) غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى. 

① تەڭشىگۈچى دورىلارنى بېرىش قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولسا ، شۇ خىل قان خىلىتنىڭ تەڭشىگۈچى دورىلىرىغا ھارارەت پەسەيتكۈچى سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلارنى قوشۇپ بېرىپ ، بەدەن نەنقىيە قىلىنىدۇ . مەسىلەن ، بېھى ئۇرۇقى، قارىئۆرۈك قاتارلىقلار. ② قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش بەدەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۇچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، لوئوقى بادام، ئامىلە نۇشدارى ، داۋائىلمىشكى بارىد ، خېمىرى مەرۋايىت ، ئەبرىشىم شەربىتى قاتارلىقلار. 

③ يېمەك - ئىچمىكى ھارارەت پەسەيتىدىغان سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، توخۇ گۆشى ، كوچا ئاش ، ئارپا ئېشى ، پالەك ، ئوسۇڭ ، ئالقات ، قارىئۆرۈك قاتارلىقلار. 

④ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ( سوغۇق سۇ ، مۇز) ، تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش ، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش، قان ئېلىپ داۋالاش، لوڭقا قويۇپ داۋالاش ، پاشويە قىلىپ داۋالاش، ياغلاپ داۋالاش ( بىنەپشە يېغى) قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن مۇۋاپىقلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۋ . 

⑤ پەرھىز يۇتقۇنچاق ، كېكىردەكنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ھارارەت پەيدا قىلىدىغان غىدىقلىغۇچى دورا ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن تەككە دورىلاردىن  زىرە ، سوزاپ ئۇرۇقى. مۇرەككەپ دورىلاردىن ھەببى جەدۋار، ئايارەج پەيقىرا. يېمەك – ئىچمەكلەردىن كالا گۆشى ، توگە گۆشى ، گۆش گىردە ، پولۇ ، قىزىلچا ، ئۈزۈم، ياڭاق قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ھۆل - يېغىنلىق مۋھىتتا ياكى بەك ئىسسىق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشتىن ، ئۇيقۇنىڭ كۆپ بولۇشىدىن ، ھەرىكەتنىڭ كۆپ بولۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك .

(3) غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى 

① مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش قايسى خىلدىكى بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا ، شۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتنىڭ مۇنزىچ ، مۇسھىلىغا يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلارنى قۇشۇپ بېرىپ ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ. مەسىلەن ، مۇزا، بىخ، سەۋسەن، قاتارلىقلار. 

② قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش . بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، ئومۇمىي بەدەننى قۈۋۋەتلىگۇچى ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، ماددەتۇلھايات ، ئىترىفىل كەبىر، داۋائىلمىشكى ، جاۋارىش، ئەنبەر، لوبوبى كەبىرى قاتارلىقلار. 

③ يېمەك - ئىچمىكى تەبىئىي ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، كىيىك گۆشى ، ئوغلاق گۆشى ، پەرمۇدە ، ئۈگرە، چامغۇر، سامساق ، ئەنجۈ ر، ياڭاق مېغىزى قاتارلىقلار. 

④ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئسىسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش (قايناق سۇ ) ، ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاش ، قۇم بىلەن داۋالاش ، ھورداپ داۋالاش ، تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش ، ياغلاش ئارقىلىق داۋالاش ( قوي دۈمبە يېغى ، سەۋسەن يېغى) ، زىماد چېپىپ داۋالاش ( زىغىر، شۇمشا ) قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن مۇۋاپىقلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ . 

⑤ پەرھىز يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز خىزمىتىگە زىيانلىق تەسىر يەتكۈزىدىغان غىدىقلىغۇچى ، سوغۇق تەبىئەتلىك دورا ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەىسلەن ، يەككە دورىلاردىن كافۇر، ۋاڭ ئۇرۇقى . مۇرەككەپ دورىلاردىن ھەببى شىپاھ، بەرشىشا. يېمەك - ئىچمەكلەردىن بېلىق ، قېتىق ، لەڭپۇڭ ، يۇمغاقسۈت ، ئوسۇڭ ، تاۋۇز، شاپتۇل قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ، سوغۇق سۇدا كۆپ يۇيۇنۇش ، سوغۇق سۇ ئىچىش ، كۆپ ئۇخلاش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك.

4) غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى 

① مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا ، شۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتنىڭ مۇنزىچ ، مۇسھىلىغا يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى قوشۇپ بېرىپ ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ . مەسىلەن ، ئەنسىل ، زۇپا ، مەرزەنجۇش قاتارلىقلار. 

② قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىپ داۋالاش بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن ، ماددەتۇلھايات ، مەجۇنى سۆئلەپ ، ئىترىفىل كەبىر، ئەبرىشىم شەربىتى قاتارلىقلار.

③3 يېمەك - ئىچمىكى تەبىئىي ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، قوي گۆشى ، باچكا گۆشى ، شورپا ، پەرمۇدە ، بېدە، قىزىلچا ، ئۈجمە ، خورما قاتارلىقلار. 

④ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئسىسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش (قايناق سۇ) ، ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاش ، ھورداش ئارقىلىق دا ۋالاش، ئارشاڭغا چۈشۈرۈپ داۋالاش ، تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش ، ياغلاپ داۋالاش ( بادام يېغى، قوينىڭ دۈمبە يېغى ) قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن مۇۋاپىقلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ . 

[⑤ پەرھىز بەدەن ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغان ، يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز خىزمىتىگە زىيانلىق تەسىر يەتكۈزىغان سوغۇق تەبىئەتلىك دورا ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن ئاق سەندەل كافۇر، تەمرى ھىندى . مۇرەككەپ دورىلاردىن قۇرسى كافۇر، جاۋارىش مىشكى . يېمەك - ئىچمەكلەردىن كالا گۆشى ، بېلىق ، شويلا ، تۇرۇپ ، پالەك ، تەرخەمەك ، ئەينۇلا ، قارىئۆرۈك قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا سوغۇق مۇھىتتا ئۇزاق مۇددەت تۇرۇش ، سوغۇق سۇدا كۆپ يۇيۇنۇش ، كۆپ ئۇخلاش ياكى كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك .

2. شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرى دېگەندە يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەزنىڭ فىزىئولوگىيلىك خىزمىت ۋە ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشىنىڭ غەيرىي نورما ل ھالىتىگە كىرىپ قېلىشىغا قارىتىلغان بولۇپ ، بۇ خىل شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر كۆپىنچە مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىرلاشقار باسقۇچى ، شۇڭا بۇ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئەھۋالغا قاراپ قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا ، دەسلەپتە شۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتنىڭ مۇنزىچ ، مۇسھىلىنى بېرىپ ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاندىن ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ .

1) مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا ، خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇشتا سۆزلەنگەن شۇ خىل خىلىتنىڭ مۇنزىچ ، مۇسھىلى ۋە تەڭشىگۈچى دورىلىرىغا كېسەللىك خاراكتېرىگە قاراپ مۇناسىپ دورىلار قوشۇپ بېرىپ ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ . مەسىلەن ، ياللۇغلىنش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ، ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلارنى قوشۇ بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، شاتۇت ، شوخلا ، كاكىنەچ . ئۆسمە خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ، ئۆسمە تەرەققىياتنى تىزگىنلىگۈچى ، ماددىنى مۇنشاتقۇچى ، دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، ئەپتىمۇن ، كىچىك يىلان ، ھېلىلە قاتارلىقلار. ئەگەر توسۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن ، بىخ بادىيان ، بىخ كەرەپشە ، بىخ كەبىر قاتارلىقلار.

2) ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلارنى بېرىش بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ مەخسۇس داۋالىغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

(1) ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ، ياللۇغ قايتۇرغۇش ، ئىششىق قايتۇرغۇچى ، قان تازلىغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، ئەرقى، شوخلا، زوفا شەربىتى، ئەنسىل شەربىتى ، ئەرقى كاكىنەچ، شاتۇت مۇرابباسى قاتارلىقلار.

 (2) ئۆسمە خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ، ئۆسمىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ، ماددىنى يۇمشاتقۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، مەتبۇخ مەفتىمۇن ، مەتبۇخ ھېلىلە ، مەجۇنى ئەفئا.

(3) ئەگەر توسۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ . مەسىلەن ، مائۇلئۇسۇل شەربىتى ، مائۇلئۇسۇل مۇرەككەپ قاتارلىقلار.

3) يېمەلە - ئىچمىكى ئاسان ھەزىم بولىدىغان سۇيۇق - سەلەڭ ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك– ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، باچكا گۆشى ، كەكلىك گۆشى ، شورپا ، ئارپا ئېشى، نوقۇت ئېشى ، چامغۇر ، سەۋزە ، ئەنجۈ ر، بادام مېغىزى قاتارلىقلار بېرىلىدۇ ، ئۇنغڭدىن باشقا خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇشتا سۆزلەنگەن يېمەك - ئىچمەكلەر ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ .

4) باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئىسسىق ئۆتكۈزۇپ داۋالاش (قايناق سۇ) ، ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاش ، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ، نۇر ئارقىلىق داۋالاش (لازېر نۇرى) ، ياغلاپ داۋالاش ( بادام يېغى، سەۋسەن يېغى ) ، زىماد چېپىپ داۋالاش ( زىغىر، شۇمشا ، ئاق لەيلى) ، ئابىزەن قىلىپ داۋالاش ، پاشويە قىلىپ داۋالاش ، تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش ، كلىزما قىلىپ داۋالاش ، قان ئېلىپ داۋالاش ، لوڭقا قويۇپ داۋالاش ، داغلاپ داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن مۇۋاپىقلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ .

5) پەرھىز كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى ، تەستە ھەزىم بولىدىغان ، يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەزنىڭ خىزمىتىگە زىيانلىق تەسىر يەتكۈزىدىغان دورا ۋە يېموك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن قارىمۇچ ، ئاقىر قەرھا قاتارلىقلار. مۇرەككەپ دورىلاردىن لوغانزىيا ، ھەببى ئايارەنجى يېمەك - ئىچمەكلەردىن كالا گۆشى ، مانتا ، سامسا ، لازا ، كۈدە ، سۇڭپىياز، ئاچچىق ئانار، قارىئۆرۈك . ئاچچىقسۇ ، لازا قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا ، ھەرىكەت قىلماسلىق ، سىرتقى زەربە تېگىشتىن ساقلىنىش ، قاتتىق - قۇرۇق تاماقلارنى يېمەسلىك لازىم

6) ئاخىرىدا ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، لوبوبى كەبىر، جاۋارىش زەرئۇنى ، داۋائىلمىشكى ، ماددە تۇلھايات ، جاۋارىش ئەنبەر.

3. پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈتقۈنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۈسۇللىرى ئادەتتە يۇتقۇنچاق، كېكىردەك، بادامسىمان بەزنىڭ پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرى كۆپ ئۇچرىمايدۇ . كۆپىنچە ھەر خىل زەخىملىنىشلەر تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ ياخشىسى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش كېرەك . ئۇندىن باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، بادامسىمان بەز، كېسەللىرىنىڭ خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش ۋە شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرىدە سۆزلەنگەن داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن مۇۋاپىقلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ. ئاخىرىدا كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئومۇمىي بەدەندىكى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن، لوبوبى كەبىر، ئىترىفىل كەبىر، داۋائىلمىشكى ، ماددەتۇلھايات ، ئامىلە نوشدارى قاتارلىقلار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1142

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#