- تېرە قىچىشىش (تىبابەت)
- تېرە قىچىشىش (كېسەللىك)
تېرە قىچىشىش
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى
تېرە قىچىشىش 1. قان خىلىتىنىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىدىن بولىدۇ.
2. سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىگە ئۆزگۈرىشىدىن بولىدۇ.
3.سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىگە ئۆزگۈرىشىدىن بولىدۇ.
4. ھەسساسسىيەت سەۋەبىدىن بولىدۇ.
كلىنىك ئىپادىسى تېرە قىچىشىش چەكلىك دائىرلىك تېرە قىچىشىش ۋە كەڭ دائىرىلىك تېرە قىچىشىش دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.
پۈتۈن بەدەن خاراكتىرلىك تېرە قىچىشىشتا بولسا بىمارنىڭ تېرىسى قىچىشىش بولىدۇ، بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە يۆتكىلىدۇ، قىچىشىش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. كۆپىنچە كېچىلىرى قىچىشىش ئېغىر بولىدۇ.تاتىلاپ قانىغاندىن كېيىن بىرئاز بېسىققاندەك سېزىم بولىدۇ. ياشانغانلاردا كۆپ بولىدۇ، غول قىسىملىرى ئەڭ كۆپ قىچىشىدۇ، سوغۇققا يولۇققاندا بەكرەك كۈچىيىدۇ.ئاخشىمى كىيىملىرىنى سالغاندا قىچىشىش باشلىنىدۇ، يوتا، دۈمبە، يىرىق، پاقالچاق قاتارلىق ئورۇنلار قىچىشىدۇ،تاتىلاپ قانىتىۋېتىدۇ. يەرلىك ئورۇندىكى قىچىشىشلار كۆپىنچە مەقئەت تەمرەتكىسى،كىچىك بالىلاردا مەددە قۇرۇت كېسىلى، ئاياللاردا جىنسى يول تامچە قۇرۇت كېسىلى، جىنسىي ئەزا تەمرەتكىسى، بىر قىسىم ئاياللار كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن يەرلىك ئورۇن تىرىلىرىدە قىچىشىش بولىدۇ. قىزىرىپ ئىششىش بولىدۇ، ئۇششاق مودۇرلار ئۆرلەپ كىتىدۇ. سوراپ تەكشۈرۈش قىچىىش پەيدا بولغان ۋاقىت، ئورۇن، داۋاملىشىش ۋاقتى،دەرىجىسى، دائىرسى، تىرە زەخمىلىنىش، قاناش، يىرىڭلاش، مودۇرلار پەيدا بولۇش، قىزىرىپ ئىششىش، تىرە رەڭگىدىكى ئۆزگۈرۈش ئەھۋالىنىڭ بار يوقلۇقى، ئوزۇقلۇنۇش ئەھۋالى، ئوزۇقلۇنۇش تەرتىبى، زىيادە ئاچچىق، زىيادە تاتلىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقى، تەمرەتكۈ، قىچىشقاق، تىرە ياللۇغى قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ بار يوقلۇقى تەپسىلى سوراش لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.