جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رويخەتتىكى بوغالتىرلار قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رويخەتتىكى بوغالتىرلار قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رويخەتتىكى بوغالتىرلار قانۇنى 1993–يىلى 10–ئاينىڭ 31–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رويخەتتىكى بوغالتىرلار قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó zhù cè huì jì shī fǎ
تۈزتىلگەن ۋاقتى 2014–يىلى 8–ئاينىڭ 31–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国注册会计师法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1994-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1993–يىلى 10–ئاينىڭ 31–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بوغالتىرلىق كېنىشكىسىبۇ قانۇن رويخەتتىكى بوغالتىرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي پائالىيەتتىكى دەلىللەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، رويخەتتىكى بوغالتىرلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، جامائەت مەنپەئىتىنى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

1993–يىلى 10–ئاينىڭ 31–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

2014–يىلى 8–ئاينىڭ 31–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10–يىغىنىنىڭ «(جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى) قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

1994-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان. 

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن رويخەتتىكى بوغالتىرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي پائالىيەتتىكى دەلىللەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، رويخەتتىكى بوغالتىرلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، جامائەت مەنپەئىتىنى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلار قانۇن بويىچە رويخەتتىكى بوغالتىرلار گۇۋاھنامىسى ئالغان ھەمدە ھاۋالە بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ۋە بوغالتىرلىق مەسلىھەتچىلىكى، بوغالتىرلىق مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي خادىملاردۇر.

3–ماددا بوغالتىرخانا قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ھەمدە رويخەتتىكى بوغالتىرلار كەسپىنى بېجىرىدىغان ئاپپاراتتۇر.

رويخەتتىكى بوغالتىرلاردىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىرى بوغالتىرخانىغا ئەزا بولۇشى كېرەك.

4–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتتىكى بوغالتىرلاردىن تەركىب تاپقان ئىجتىمائىي تەشكىلات. جۇڭگو رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتتىكى بوغالتىرلارنىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلاتى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتتىكى بوغالتىرلارنىڭ يەرلىك تەشكىلاتى.

5–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارماقلىرى رويخەتتىكى بوغالتىرلارغا، بوغالتىرخانىغا ۋە رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتىگە قانۇن بويىچە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

6–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلار ۋە بوغالتىرخانىلارنىڭ كەسپىي ئىشلاردا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى شەرت.

رويخەتتىكى بوغالتىرلار ۋە بوغالتىرخانىلارنىڭ كەسىپنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ۋە ئادىل يولغا قويۇشىنى قانۇن قوغدايدۇ.

2–باب ئىمتىھان ئېلىش ۋە رويخەتكە ئېلىش

7–ماددا دۆلەت رويخەتتىكى بوغالتىرلاردىن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. رويخەتتىكى بوغالتىرلاردىن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئىمتىھان ئېلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى چىقىرىدۇ، ئۇنى جۇڭگو رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتى يولغا قويىدۇ.

8–ماددا ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ياكى بوغالتىرلىق كەسپى ۋە ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر بويىچە ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تېخنىكا ئۇنۋانى ئالغان جۇڭگو پۇقرالىرى رويخەتتىكى بوغالتىرلاردىن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ بوغالتىرلىق كەسپى ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر بويىچە ئالىي دەرىجىلىك تېخنىكا ئۇنۋانى ئالغانلاردىن قىسمەن پەنلەر بويىچە ئىمتىھان ئېلىنمىسىمۇ بولىدۇ.

9–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلاردىن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا قاتنىشىپ نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلىرى ھەمدە ئىقتىسادىي تەپتىشلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقانلىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتىنىڭ رويخەتكە ئېلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

مۇشۇ قانۇننىڭ 10–ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتكە ئېلىشى كېرەك.

10–ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتكە ئالمايدۇ:

(1) تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىسا؛

(2) جىنايى جازا بېرىلىپ، جىنايى جازانىڭ ئىجراسى ئاياغلاشقان كۈندىن باشلاپ، رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان كۈنگە قەدەر ھېسابلىغاندا بەش يىل توشمىسا؛

(3) مالىيە، بوغالتىرلىق، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك، كارخانا باشقۇرۇش ياكى باشقا ئىگىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىدە ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، مەمۇرىي چارە، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسىدىن يۇقىرى جازا بېرىلىپ، جازا بېرىش، چارە كۆرۈش قارار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ، رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان كۈنگە قەدەر ھېسابلىغاندا ئىككى يىل توشمىسا؛

(4) رويخەتتىكى بوغالتىرلار گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىش جازاسى بېرىلىپ، جازا بېرىش قارار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ، رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان كۈنگە قەدەر ھېسابلىغاندا بەش يىل توشمىسا؛

(5) گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بەلگىلىگەن رويخەتكە ئالماسلىققا دائىر باشقا ئەھۋاللار.

11–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتكە ئالغان خادىملارنىڭ تىزىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتىنىڭ رويخەتكە ئېلىشى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىسا، ئالاقىدار رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتىگە رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك:

رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتى مۇشۇ قانۇننىڭ 10–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن رويخەتكە ئالمىغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا قارار چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ باشقىچە پىكرى بولسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقىغا ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقىغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

12–ماددا رويخەتكە ئېلىنغان ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىرتۇتاش تەييارلىغان رويخەتتىكى بوغالتىرلار گۇۋاھنامىسىنى بېرىدۇ.

13–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلار گۇۋاھنامىسى ئالغانلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 11–ماددىسىنىڭ 1–تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رويخەتكە ئېلىنغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالغان رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىپ، رويخەتتىكى بوغالتىرلار گۇۋاھنامىسىنى يىغىۋالىدۇ:

(1) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن تولۇق قالغان بولسا؛

(2) جىنايى جازا بېرىلگەن بولسا؛

(3) مالىيە، بوغالتىرلىق، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك، كارخانا باشقۇرۇش ياكى باشقا ئىگىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىدە ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن، ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاشتىن يۇقىرى چارە كۆرۈلگەن بولسا؛

(4) رويخەتتىكى بوغالتىرلار كەسپىنى ئۆزلۈكىدىن توختاتقىنىغا بىر يىل توشقان بولسا.

رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنلەر باشقىچە پىكىردە بولسا، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، رويخەتتىكى بوغالتىرلار گۇۋاھنامىسىنى يىغىۋېلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقىغا ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقىغا قايتا قاراپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

1–تارماقتىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنلەر رويخەتكە ئېلىشنى قايتا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. لېكىن مۇشۇ قانۇننىڭ 9–، 10 –ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت.

3–باب كەسىپ دائىرىسى ۋە قائىدىسى

14–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلار تۆۋەندىكى ئىقتىسادىي تەپتىشلىك كەسىپلىرىنى بېجىرىدۇ:

(1) كارخانىنىڭ بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلىنى تەكشۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك دوكلاتى چىقىرىش؛

(2) كارخانىنىڭ كاپىتالىنى تەكشۈرۈپ، كاپىتالنى تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىش؛

(3) كارخانىنى قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش، ھېساباتىنى ئېنىقلاش جەريانىدىكى ئىقتىسادىي تەپتىشلىك كەسپىنى بېجىرىپ، ئالاقىدار دوكلاتلارنى چىقىرىش؛

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئىقتىسادىي تەپتىشلىك كەسىپلىرى.

رويخەتتىكى بوغالتىرلارنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىشلىك كەسپىنى قانۇن بويىچە بېجىرىپ، ئۇنىڭدىن چىقارغان دوكلاتى ئىسپاتلاش كۈچىگە ئىگە.

15–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلار بوغالتىرلىق مەسلىھەتچىلىكى، بوغالتىرلىق مۇلازىمەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

16–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلار كەسىپ بېجىرىشتە، ئۇلار ئىشلەيدىغان بوغالتىرخانا كەسىپنى بىرتۇتاش قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ھاۋالە توختامى تۈزىدۇ.

بوغالتىرخانىلار ئۆزىنىڭ رويخەتتىكى بوغالتىرلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن بېجىرگەن كەسىپلەردە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

17–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلار كەسىپ بېجىرىشتە، ئېھتىياجغا ئاساسەن، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئالاقىدار بوغالتىرلىق ماتېرىيالى ۋە ھۆججەتلىرىنى، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ كەسىپ بېجىرگەن ئورنىنى ۋە ئەسلىھەلىرىنى كۆرسە، ھاۋالە قىلغۇچىدىن باشقا زۆرۈر ياردەملەرنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

18–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلاردىن ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن پايدا–زىيان مۇناسىۋىتى بولغانلىرى چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك؛ ھاۋالە قىلغۇچى ئۇلاردىن چەتلەپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

19–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلارنىڭ كەسىپ بېجىرىش داۋامىدا بىلىپ قالغان سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.

20–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلار ئىقتىسادىي تەپتىشلىك كەسپىنى بېجىرىشتە، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرىگە ئۇچرىسا، ئالاقىدار دوكلاتلارنى چىقىرىشنى رەت قىلىشى كېرەك:

(1) ھاۋالە قىلغۇچى راست بولمىغان ياكى مۇۋاپىق بولمىغان ئىسپات بېرىشكە بېشارەت بەرسە؛

(2) ھاۋالە قىلغۇچى بوغالتىرلىققا ئائىت ماتېرىيال ۋە ھۆججەتلەرنى قەستەن بەرمىسە؛

(3) ھاۋالە قىلغۇچى باشقا نامۇۋاپىق تەلەپلەرنى قويغانلىقتىن، رويخەتتىكى بوغالتىرنىڭ دوكلاتىدا، مالىيە – بوغالتىرلىققا ئائىت مۇھىم ئىشلارنى توغرا بايان قىلغىلى بولمىسا.

21–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلار ئىقتىسادىي تەپتىشلىك كەسپىنى بېجىرىشتە، كەسىپ مىزانى، قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن خىزمەت تەرتىپى بويىچە دوكلات چىقىرىشى شەرت.

رويخەتتىكى بوغالتىرلار ئىقتىسادىي تەپتىشلىك كەسپىنى بېجىرىپ، ئۇ ھەقتە دوكلات چىقارغاندا، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلسا بولمايدۇ:

(1) ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مۇھىم ئىشلارغا دائىر مالىيە–بوغالتىرلىق كەسپىنى بىر تەرەپ قىلىشى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ كۆرسىتىپ بەرمەسلىك؛

(2) ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مالىيە–بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى دوكلاتنى ئىشلەتكۈچىلەر ياكى باشقا مەنپەئەتدارلارنىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرۇش ياكى بۇ جەھەتتە ئەينەن دوكلات چىقارماسلىق؛

(3) ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مالىيە–بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى دوكلاتنى ئىشلەتكۈچىلەر ياكى باشقا مەنپەئەتدارلارنىڭ ئېغىر خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ كۆرسىتىپ بەرمەسلىك؛

(4) ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلىدىكى مۇھىم ئىشلاردا باشقا يالغان مەزمۇنلارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ كۆرسىتىپ بەرمەسلىك.

ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلىرىنى رويخەتتىكى بوغالتىرلار كەسىپ مىزانى، قائىدىسى بويىچە بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

22–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلارنىڭ تۆۋەندىكى قىلمىشلاردا بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ: رويخەتتىكى بوغالتىرلارنىڭ تۆۋەندىكى قىلمىشلاردا بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ؛

(1) ئىقتىسادىي تەپتىشلىك كەسپىنى بېجىرىۋاتقان مەزگىلدە، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئىقتىسادىي تەپتىشلىك قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ ياكى پاچ چېكى، زايومنى ئېلىپ سېتىشقا ياكى ئىقتىسادىي تەپتىشلىك قىلىنىۋاتقان ئورۇن ۋە ياكى شەخىسنىڭ باشقا مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ پاي چېكى، زايومنى ئېلىپ-سېتىش ياكى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇن ۋە ياكى شەخىسنىڭ باشقا مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىۋېلىش؛

(2) ھاۋالە توختامنىڭ سىرتىدا ھەق ياكى باشقا نەرسىلەرنىڭ تەلەپ قىلىش، ئېلىش ياكى كەسىپتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقا نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىش؛

(3) قەرز پۇلنى سۈرۈشتۈرۈپ يىغىپ بېرىش ھەققىدىكى ھاۋالىنى قوبۇل قىلىش؛

(4) باشقىلار ئۆزىنىڭ نامىدا كەسىپ بېجىرىشىگە رۇخسەت قىلىش؛

(5) ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق بوغالتىرخانىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەش؛

(6) ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئېلان ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، كەسپىي ئىشلارنى تېپىش؛

(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار؛

4-باب بوغالتىرخانا

23-ماددا بوغالتىرخانىنى رويخەتتىكى بوغالتىرلار شېرىكلىشىپ قۇرسا بولىدۇ.

شېرىكلىشىپ قۇرۇلغان بوغالتىرخانىنىڭ قەرز جاۋابكارلىقىنى شېرىكلەشكۈچىلەر سالغان مەبلىغىنىڭ نىسبىتى ياكى كېلىشىمىدە پۈتۈشكىنى بويىچە، ئۆزىنىڭ مال-مۈلكى بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ. شېرىكلەشكۈچىلەر بوغالتىرخانىنىڭ قەرزى ئۈچۈن چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

24-ماددا بوغالتىرخانا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلسە، چەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان قانۇنىي ئىگە ھېسابلىنىدۇ:

(1) رويخەتتىكى كاپىتالى 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا؛

(2) مەلۇم ساندا مەخسۇس كەسىپكارى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز بولغاندا بەش نەپەر رويخەتتىكى بوغالتىرى بولسا؛

(3) گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بەلگىلىگەن كەسىپ دائىرىسىگە كىرسە ۋە باشقا شەرتلەر ھازىرلانسا.

چەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان بوغالتىرخانا ئۆزىنىڭ قەرز جاۋابكارلىقىنى ھەممە مەبلىغى بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ.

25–ماددا بوغالتىرخانا قۇرۇشنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى تەستىقلايدۇ.

بوغالتىرخانا قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى يوللىشى كېرەك:

(1) ئىلتىماسنامە؛

(2) بوغالتىرخانىنىڭ نامى، تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە كەسىپ سورۇنى؛

(3) بوغالتىرخانىنىڭ نىزامنامىسى، شېرىكلىشىش كېلىشىمى بولغانلارنىڭ شېرىكلىشىش كېلىشىمى؛

(4) رويخەتتىكى بوغالتىرلارنىڭ ئىسىملىكى، تەرجىمىھالى ۋە ئالاقىدار ئىسپات–ھۆججەتلەر؛

(5) بوغالتىرخانىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى، شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ ئىسىم–فامىلىسى، تەرجىمىھالى ۋە ئالاقىدار ئىسپات ھۆججەتلەر؛

(6) چەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان بوغالتىرخانىنىڭ مەبلەغ چىقىرىش ئىسپاتى؛

(7) تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى ئورگان تەلەپ قىلغان باشقا ھۆججەتلەر.

26–ماددا تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماس ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە تارمىقى تەستىقلىغان بوغالتىرخانىلار گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى تەستىقلاش مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى بايقىسا، ئەنگە ئېلىش دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگاننىڭ قايتا تەكشۈرۈپ چىقىشى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

27–ماددا بوغالتىرخانا تارماق ئاپپارات قۇرۇشتا، شۇ ئاپپارات تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە تارمىقىغا تەستىقلىتىشى شەرت.

28–ماددا بوغالتىرخانىلار قانۇن بويىچە باج تاپشۇرىدۇ.

بوغالتىرخانىلار گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، كەسىپ خېيىم – خەتەر فوندى تەسىس قىلىدۇ، كەسىپ سۇغۇرتىسىنى يولغا قويىدۇ.

29–ماددا بوغالتىرخانىلار كەسپىي ئىشلارنى قوبۇل قىلىشتا، مەمۇرىي رايون، ساھەلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ؛ لېكىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

30–ماددا ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ بوغالتىرخانىغا ھاۋالە قىلغان كەسپىي ئىشلىرىغا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس ئارىلىشىۋالسا بولمايدۇ.

31–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 18–ماددىسىدىن 21–ماددىسىغىچە بولغان ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بوغالتىرخانىلارغا تەتبىقلىنىدۇ.

32–ماددا بوغالتىرخانىلارنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 22–ماددىسىنىڭ (1) تارماقچىسىدىن (4) تارماقچىسىچە بولغان تارماقچىلاردا، (6)، (7) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

5–باب رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتى

33–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلار رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتىگە قاتنىشىشى كېرەك.

34–ماددا جۇڭگو رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ؛ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلىدۇ ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

35–ماددا جۇڭگو رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتتىكى بوغالتىرلارنىڭ كەسىپ مىزانى، قائىدىسىنى چىقىرىپ، گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

36–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتتىكى بوغالتىرلارنىڭ كەسپىنى قانۇن بويىچە بېجىرىشنى قوللىشى، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغدىشى، ئالاقىدار تەرەپلەرگە ئۇلارنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئىنكاس قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

37–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتتىكى بوغالتىرلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى ۋە كەسىپ بېجىرىش ئەھۋالىنى ھەر يىلى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.

38–ماددا رويخەتتىكى بوغالتىرلار جەمئىيىتى ئىجتىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە قانۇن بويىچە ئېرىشىدۇ.

6–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

39–ماددا بوغالتىرلىق ئورۇنلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 20–، 21– ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى تىجارىتىنى ۋاقىتلىق توختاتسا ياكى ئەمەلدىن قالدۇرسا بولىدۇ.

رويخەتتىكى بوغالتىرلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 20–، 21– ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى تىجارىتىنى ۋاقىتلىق توختاتسا ياكى رويخەتتىكى بوغالتىرلار گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

بوغالتىرخانىلار ۋە رويخەتتىكى بوغالتىرلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 20–، 21– ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قەستەن ساختا ئىقتىسادىي تەپتىشلىك دوكلاتى، مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

40–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 14–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن رويخەتتىكى بوغالتىرلار كەسپىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ بېجىرگەن ئورۇنلارنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

41–ماددا ئالاقىدارلاردىن مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى جازا ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، جازا قارارى چىقارغان ئورگاندىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار جازا قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە، قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشى كېرەك. ئالاقىدارلار قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان مۆھلەت توشسىمۇ قايتا قاراپ چىقىش قاراى چىقارمىسا، ئالاقىدارلار قايتا قاراپ چىقىش مۆھلىتى توشقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

ئالاقىدارلار مۆھلەت توشسىمۇ قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋامۇ قىلمىسا ھەم جازا قارارىنى ئىجرا قىلمىسا، جازا قارارى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

42–ماددا بوغالتىرخانىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچى ۋە باشقا مەنپەئەتدارلارغا زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

7–باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

43–ماددا ئىقتىسادىي تەپتىشخانىدا ئىشلەۋاتقان رويخەتتىكى بوغالتىرلاردىن رويخەتتىكى بوغالتىرلار سالاھىيىتىگە ئىگە دەپ بېكىتىلگەنلىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن كەسىپلەرنى بېجىرسە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش، ئۇلارغا نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم چىقىرىدۇ.

44–ماددا چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگونىڭ رويخەتتىكى بوغالتىرلاردىن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ۋە رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققىدىكى ئىلتىماسى ئۆزئارا ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

چەت ئەل بوغالتىرخانىلىرىدىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئالاقىدار كەسىپلەرنى ۋاقىتلىق بېجىرىدىغانلىرى ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقىغا تەستىقلىتىشى شەرت.

45–ماددا گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش نىزامىنى چىقىرىپ يولغا قويسا بولىدۇ.

46–ماددا بۇ قانۇن 1994– يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن 1986–يىلى 7-ئاينىڭ 3–كۈنى ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رويخەتتىكى بوغالتىرلار نىزامى» بىكار قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/277474.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#