قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

1999-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى 40-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، ئاساسەن، 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ پەرمانى 132-نومۇرلۇق «ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ قائىدىلىرىدىكى بىر قىسىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» بويىچە تۈزىتىلگەن. 

ئۇيغۇرچە نامى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە
ئېلان قىلىنغان ۋە يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 1999-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى
خەنزۇچە نامى 公安机关内部执法监督工作规定
تۈزىتىلگەن ۋاقىت 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ بەلگىلىمە ج خ ئورگانلىرى ۋە خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئۆز مەسئۇليىتىنى توغرا ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى نامۇۋاپىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈزىتىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قانۇنى» غا ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلغان.

2-ماددا ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىشى-يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى ئۈستىدىن، يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي تارماقلارنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك كەسپىي تارماقلار ئۈستىدىن، شۇ دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قاراشلىق كەسپىي تارماقلار، ۋاكالەت ئورۇنلىرى ۋە خەلق ساقچىلىرىنىڭ تۈرلۈك قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارىدىغان نازارىتىگە قارىتىلىدۇ.

3-ماددا ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى ۋە كەسپىي تارماقلار قانۇننى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى داۋامىدىكى خاتالىق جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى قاتارلىق قانۇننى ئىجرا قىلىش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، قانۇننى ئىجرا قىلىش تەرتىپلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ج خ قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكەتلىرىگە بولغان نازارەت قىلىش ۋە چەكلەشنى كۈچەيتىشى لازىم.

4-ماددا قانۇننى ئىجرا قىلىش خىزمىتىدە پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىش، خاتالىق بولىدىكەن چوقۇم تۈزىتىش، نازارەت قىلىش بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش، تەربىيلەش بىلەن جازالاشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش شەرت.

5-ماددا ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى ئىچكى قىسمىدىكى قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق ئاممىسىنىڭ، ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ، دۆلەت ھاكىميەت ئورگانلىرى بىلەن خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇنىي نازارەتچىلىكى ۋە خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ئىككىنچى باب قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىشنىڭ دائىرىسى ۋە شەكلى

6-ماددا قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىشنىڭ دائىرىسى :

(1) قانۇننى ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە دائىر قېلىپلاشتۇرۇلغان ھۆججەت ۋە تۈزۈم، تەدبىرلەرنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان-بولىمىغانلىقى :

(2) جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى ئېچىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، رازېدكا قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ۋە جىنايى ئىشلار مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى قوللىنىش ۋە جازانى ئىجرا قىلىش قاتارلىق قاتارلىق جىنايى ئىشلار قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ۋە مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقى :

(3) ئامانلىق، نوپۇس، قاتناش، ئوت ئۆچۈرۈش، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چېگرا مۇداپىئە ۋە چېگرىدىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا دائىر قانۇن-نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى :

(4) مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش، جەرىمانە قويۇش، قانۇنسىز مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش، ئىجازەتنامە-گۇۋاھنامىلىرىنى بىكار قىلىش، تەكشۈرۈپ پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، مال-مۈلۈكنى توڭلىتىپ قويۇش، ئەمگەك بىلەن تەربىيلەش، يىغىۋېلىپ تەربىيلەش، زەھەرلىك چېكىملىكنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش قاتارلىقلاردا تەتبىقلانغان ۋە ئىجرا قىلىنغان مەمۇرىي جازا ۋە مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ۋە مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقى :

(5) قاماقخانا، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ئورنى، ئامانلىق باشقۇرۇش ئىشلىرى بويىچە توختىتىپ قويۇش ئورنى، يىغىۋېلىپ تەربىيلەش ئورنى، زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش ئورۇنلىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى :؛

(6) مەمۇرىي ھەرىكەتلەرگە قايتا قاراپ چىقىش، مەمۇرىي دەۋا، دۆلەت تۆلىمى قاتارلىق قانۇن-نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ؛

(7) ج خ ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت تاپشۇرغان قانۇننى ئىجرا قىلىش جەھەتتىكى باشقا مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ؛

7-ماددا قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلشنىڭ شەكلىي :

(1) قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەردىكى قانۇننى ئىجرا قىلىش تەرتىپى ۋە تۈزۈمىلىرى بويىچە نازارەت قىلىش :

(2) تۈزۈپ چىقىلغان قانۇننى ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە دائىر قېلىپلاشتۇرۇلغان ھۆججەت ۋە تۈزۈم-تەدبىرلەرنى قانۇنىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش :

(3) چىگىش، ئىختىلاپ تۇغۇلغان، ئاسان چاتاق چىقىدىغان دېلولار ۋە ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى مەخسۇس نازارەت قىلىشنى قارار قىلغان دېلولارنى تەكشۈرۈش :

(4) قانۇننى ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاشقا ئۇيۇشتۇرۇش :

(5) مەخسۇس تۈر بويىچە دېلو تەكشۈرۈشكە ۋە مەخسۇس دېلولارنى تەكشۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش ؛

(6) قانۇن-نىزاملار بويىچە، گۇۋاھلىق ئاڭلاش، قايتا قاراپ چىقىش، قايتا تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىش :

(7) قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى داۋامىدىكى خاتالىق جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش :

(8) ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى قوللىنىشقا تېگىشلىك دەپ قارار قىلغان باشقا شەكىللەر :

8-ماددا ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى ئۆز ئورگىنى ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى ئېلان قىلغان قېلىپلاشتۇرۇلغان ھۆججەت ۋە تۈزۈم-تەدبىرلەرنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزام ۋە بەلگىلىمىلىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى بايقىغاندا، ئۇنى تۈزىتىش ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ تۈزىتىشىگە ئۇقتۇرۇش قىلىش لازىم.

9-ماددا دېلولارنى تەكشۈرۇشتە، ئارخىپ كۆرۈپ تەكشۈرۈش، شەكلىي قوللىنىپ، دېلو پاكىتىنىڭ ئېنىق بولغان-بولمىغانلىقى، دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ تولۇق، ئىشەنچلىك بولغان-بولمىغانلىقى، خاراكتېرىنىڭ توغرا بېكىتىلگەن-بېكىتىلمىگەنلىكى، بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقى، قانۇننىڭ توغرا تەتبىقلانغان-تەتبىقلانمىغانلىقى، تەرتىپنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقى، قانۇنىي ھۆججەتلەرنىڭ قېلىپلاشقان-قېلىپلاشمىقان، مۇكەممەل بولغان-بولمىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

10-ماددا ج خ مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتىگە دائىر قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈشتە، ئەسلى خاتىرە، قانۇنىي ھۆججەت ۋە ئارخىپ-ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، قانۇننىڭ توغرا تەتبىقلانغان-تەتبىقلانمىغانلىقى، تەرتىپنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈپ، قانۇننىڭ ئادىل ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

11-ماددا ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى ئۆز ئورگىنى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى ھەر يىلى قەرەللىك ۋە قەرەلسىز ھالدا تەكشۈرۈش ياكى باھالاشقا ئۇيۇشتۇرۇش لازىم.

ج خ خىزمىتىگە دائىر قانۇن-نىزاملار ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى شۇ يىل ئىچىدە بۇ قانۇن-نىزاملارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بىر دەرىجە يۇقىرى ج خ ئورگىنىغا يوللىشى ھەمدە ئۆز ئورگىنىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.

ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى ئۆز ئورگىنى ۋە تۆۋەن دەرىىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ ھەر يىللىق قانۇننى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ئۈستىدە ئۇنۋېرسال باھالاش ئېلىپ بېرىپ، باھالاش نەتىجىسىنى بىر دەرىجە يۇقىرى ج خ ئورگىنىغا يوللىشى ھەمدە ئۆز ئورگىنىدا ئۇمۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش لازىم. باھالاش نەتىجىسىنى مۇكاپات ۋە جازا بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

12-ماددا دۆلەت ھاكىميەت ئورگىنى، خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى قايتا تەكشۈرۈشكە تاپشۇرغان دېلولار بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئۇمۇملۇق خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتىرلىك ج خ قانۇننى ئىجرا قىلىش مەسىلىلىىرىنى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ مەخسۇس تۈر بويىچە ياكى مەخسۇس دېلو بويىچە تەكشۈرۈش، ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىپ چىقىپ، بىر تەرەپ قىلىش پىكرى ۋە تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،شۇ دەرىجىلىك ج خ ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىكىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىش ھەمدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئورگان بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئورگىنىغا مەلۇم قىلىش لازىم.

13-ماددا قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش داۋامىدا ئۆز ئورگىنىنىڭ ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ بېجىرگەن دېلولىرى ياكى يۈرگۈزگەن قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكەتلىرى ھەقىقەتەن خاتا ۋە نامۇۋاپىق بولغانلىقى بايقالسا، مەسئۇل تارماق ئۇنى مەسئۇل رەھبەرگە يوللاپ تەستىقلىتىش ئارقىلىق بىۋاستە تۈزىتىش قارارى چىقىرىش ياكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن تۆۋەن دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە قانۇن بويىچە تۈزىتىشىگە بۇيرۇش لازىم.

14-ماددا ج خ ئورگانلىرى گۇۋاھلىق ئاڭلايدىغان، مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقدىغان، دۆلەت تۆلىمى تۆلەيدىغان دېلولارنى بېجىرىشتە، دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدىكى تەرتىپ بويىچە بىجىرىش لازىم.

ئۈچىنچى باب قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىشنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە بىر تەرە پ قىلىش

15-ماددا ج خ ئورگانلىرى ۋە خەلق ساقچىلىرى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ھوقۇق يۈرگۈزۈپ ياكى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماي، بېجىرگەن دېلونىڭ ياكى قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولماسلىقى ۋە مۇۋاپىق بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقسا، ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە تۈزىتىش ۋەبىر تەرەپ قىلىش شەرت.

16-ماددا ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلشقا مەسئۇل كىشى بولۇپ، ئۇ، شۇ ئورگاننىڭ ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى بىلەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان نازارەتنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

ج خ ئورگانلىرىدىكى كەسپىي تارماقلارنىڭ مەسئۇلى ئۆز تارمىقىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلدىغان مەسئۇل خادىمى بولۇپ، ئۇ ئۆز تارمىقنىڭ ۋە خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلشقا مەسئۇل بولىدۇ.

17-ماددا ج خ ئورگانلىرىنىڭ قانۇنچىلىق  تارماقلىرى ئىچكى قىسمىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان مەسئۇل تارماق بولۇپ، ئۇ ئۆز ج خ ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىكىدە، قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەش، يولغا قويۇش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلشقا مەسئۇل بولىدۇ.

18-ماددا ج خ ئورگانلىرىنىڭ ساقچى ئىشلىرىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش تارماقلىرى «ج خ ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش نىزامى» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ج خ ئورگانلىرى ۋە خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىگە قارىتا، نەق مەيداندا نازارەت قىلشنى ئېلىپ بارىدۇ.

19-ماددا ج خ ئورگانلىرى بىلەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغان، نامۇۋاپىق قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكەتلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ :

(1) خاتا بىرتەرەپ قىلىنغان ياكى خاتا قارار چىقىرىلغان بولسا، ئۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ياكى ئۆزگەرتىلىدۇ :

(2) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇليەتنى ئادا قىلىشنى رەت قىلغان بولسا،بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئادا قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ :

(3) يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئورگىنىنىڭ قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان ئالاقىدار خادىملارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش توختىتىلىدۇ :

(4) ج خ ئورگانلىرى ۋە خەلق ساقچىلىرى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ھوقۇق يۈرگۈزۈش ئارقىلىق يۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، دۆلەت تۆلىمى تۆلەشكە تېگىشلىك بولسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتىنىڭ دۆلەت تۆلەم قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت تۆلىمى تۆلىتىپ بېرىلىدۇ :

(5) ج خ ئورگانلىرى ۋە خەلق ساقچىلىرى قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى داۋامىدا، قەستەنلىك ياكى سەۋەنلىك بىلەن قانۇننى خاتا ئىجرا قىلغان بولسا، «ج خ ئورگانلىرىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى خاتالىق جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»، گە ئاساسەن، قانۇننى ئىجرا قىلشتىكى خاتالىق جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

20-ماددا ج خ ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئالغان ئالاقىدار خادىملار قانۇننى ئىجرا قىلىش خىزمىتى داۋامىدا قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ ئەھۋاللارنى سادىر قىلىپ، ئىنتىزام جازاسى بېرىشكە ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك بولسا، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە بېجىرىلىدۇ

21-ماددا ئالاقىدار ج خ ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ فۇنكىسىيىلىك تارماقلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش توغرىسىدىكى قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ھەمدە ئىجرا قىلىش نەتىجىسىنى دوكلات قىلىشى شەرت.

قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش قارارىغا باشقىچە پىكرى بولسا، ئالدى بىلەن ئىجرا قىلىپ، ئاندىن بەلگىلىمە بويىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، قارار چىقارغان ئورگان ئۇنى ئەستايدىل تەكشۈرۈشى لازىم. ئىجرا قىلىشتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە قارار چىقارغان ج خ ئورگىنى مەسئۇل بولىدۇ.

22-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ ياكى ئۆز ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل تارمىقىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل تارمىقىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغان، ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىشقا دائىر قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان ياكى ئىجرا قىلىشنى ئارقىغا سوزغان بولسا، ئالاقىدار بەلگلىمىلەر بويىچە، نازارەت قىلىنغۇچى ج خ ئورگىنىنىڭ ياكى كەسپىي تارماقنىڭ مەسئۇلىغا ئىنتىزام جازاسى بېرىش لازىم.

23-ماددا ئۆز ئورگىنى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى چىقارغان قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش قارارىغا قايىل بولمىغان ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە خەلق ساقىچىلىرى ئۆز ئورگىنىغا ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىغا ئەرز سۇنسا بولىدۇ، ئالاقىدار تارماقلار ئۇنى ئەستايدىل قوبۇل قىلىشى ھەمدە ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇشى لازىم.

24-ماددا ھەر دەرىجىلك ج خ ئورگانلىرىدىكى قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولغان خادىملار ۋە قانۇنىي ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل تارماقلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش مەسئۇليىتىنى قانۇن بويىچە قەتىي ئادا قىلىشى، قانۇنغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشى لاىىم. قانۇننى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش مەسئۇليىتىنى قاتتىق ئادا قىلماي ياكى خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان يۈرگۈزۈپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلارنى، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغانلارغا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىنتىزام جازاسى بېرىش، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ

25-ماددا ئۆلكىلىك ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ج خ نازارەتلىرى، ئىدارىلىرى مۇشۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۆز جايلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

26-ماددا بۇ بەلگىلىمىنى چۈشەندۈرۈشكە ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ قانۇنچىلىق ئىدارىسى مەسئۇل بولىدۇ.

27-ماددا بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#