سومما قىممىتى ئەڭ چوڭ قەغەز پۇل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇنيا بويىچە سومما قىممىتى ئەڭ چوڭ قەغەز پۇلنى 1934-يىلى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت غەزىنىسى تارقاتقان پۇلنىڭ يۈزىگە توماس. ۋوئودروۋ. ۋىلسون زۇڭتۇڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، ھەر بىرسى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت بانكىسىنىڭ پۇل بېسىش ئورنىدا ئامېرىكا دۆلەت غەزىنىسى تارقاتقان بىر پارچە بەش مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قەغەز پۇل ساقلانماقتا. بۇ قەغەز پۇلغا يەنە 14 يىللىق ئۆسۈم پۇل(جەمئىي 15 مىليون 625 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) ھۆججىتى چاپلاپ قويۇلغان بولۇپ، يېرىم يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %6.25 بولىدىكەن. 

ئىشلىتىلىۋاتقان پۇللار ئىچىدە سومما قىممىتى ئەڭ چوڭ قەغەز پۇل-ئامېرىكىنىڭ ئالتۇن زاپىسى ساقلاش فېدىراتىپ بانكىسى تارقاتقان بىر پارچىسى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق قەغەز پۇل بولۇپ، پۇلنىڭ يۈزىگە سالىمون، پورتلاند چاسې (1808-1873) نىڭ باش سۈرئىتى چۈشۈرۈلگەن. 1944-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ بۇ خىلدىكى قەغەز پۇل بېسىلمايدىغان بولغان. 1941-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى بۇنداق پۇلدىن 4,600 پارچىشى ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، 1967-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگە كەلگەندە كېمىيىپ 394 پارچىغا چۈشۈپ قالغان. ئەمما، 1969-يىلى 3-ئايدا يەنە كۆپىيىپ 1,900 پارچىغا يەتكەن. 

1969-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت غەزىنىسى، سومما قىممىتى 100 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان قەغەز پۇللارنى قايتا تارقاتماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان. 1974-يىلى 6-ئايدا پەقەت 400 پارچە 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق قەغەز پۇل داۋاملىق ئىشلىتىلىپ كەلگەن. بۇ پۇلنىڭ كۆپ ساندىكىسى تېكساس شتاتىدا روژدسىتوۋ بايرىمىدا ئىشلىتىلىدىكەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#