پائۇل دىراك

پائۇل دىراك

 پائۇل دىراك (Paul Adrien Maurice Dirac) ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر فىزىكا ئالىمى، ئەڭ ياش نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى. ئۇ 1902-يىلى برىستولدا شىۋېتسارىيەلىك كۆچمەن سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پائۇل دىراك
باشقا نامى دىراك
يۇرتى ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى برىستول
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1984-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى برىستول ئۇنىۋېرىستېتى، كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 保罗·狄拉克
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگىلىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1902-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى
كەسپى نەزەرىيىۋى فىزىكا ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پائۇل دىراكپائۇل دىراك (Paul Adrien Maurice Dirac) ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر فىزىكا ئالىمى، ئەڭ ياش نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى. ئۇ 1902-يىلى برىستولدا شىۋېتسارىيەلىك كۆچمەن سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.

پائۇل دىراكبالىلىق ۋاقىتلىرىدا ئوقۇشتا ئادەتتىكىچە بولغاچقا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىغان، شۇنداقتىمۇ تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ 1921-يىلى برىستول ئۇنىۋېرىستېتىغا كىرىپلا ئېلىكتىر ماشىنىلىرى سانائىتى بويىچە باكلاۋېر بولغان. 1926-يىلى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا 

پەلسەپە بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1927-يىلى 25 يېشىدا سانت جون ئىنىستىتۇنىڭ تەتقىقاتچىسى بولغان، 1929-يىلىدىن 1931-يىلىغىچە ئامېرىكا، ياپونىيە، سىبىرىيە قاتارلىق جايلاردا ساياھەت ۋە تەتقىقاتتا بولغان. كېيىنكى يىلىدىن 1969-يىلىغىچە كامبىرىج ئۇنىۋېرستېتىدا ماتىماتىكا پروفېسسورى بولغان.

پائۇل دىراك پائۇل دىراك شرودېنگېرنىڭ دولقۇن تەڭلىمىسىنى ئېينىشتېيننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى دولقۇن تەڭلىمىسىنى بەرپا قىلىپ، مىكرو زەررىچە ھەركىتىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. بۇ تەڭلىمە بويىچە ئۇ ئانتى ئېلېكتىرون، ئانتى پىروتون قاتارلىق ئانتى زەررىچىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن بىشارەت بېرىدۇ، كېيىن بۇنى باشقا ئالىملار ئىسپاتلايدۇ. 1933-يىلى ئۇ گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى ئېرۋىن سىودېنگىر بىلەن بىللە «يېڭىدىن شەكىللىنىدىغان ئاتوم نەزەرىيىسىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن»  نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. لېكىن سالاھىيەت سۈرۈشتۈرۈش ئارقىسىدا ئۇنىڭ مۇۋاپپىقىيىتىگە مەملىكەت ئىچىدە ئۇزاققىچە ئېتىبار بېرىلمەيدۇ، ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئالتە يىلدىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا ئىلمىي مېدال تەقدىم قىلىدۇ. مۇكاپاتلاش يىغىنىدا ئۇ يۇمۇرلۇق قىلىپ: «مەن بۇ ئالاھىدە مېدالنىڭ ئاللىقاچان ماڭا ئاتاپ قويۇلغانلىقىنى بىلەتتىم، لېكىن ئۇنى ماڭا مانا ئەمدى بېرىشتى. چۈنكى بۇرۇن مېنىڭ يېشىم بەلگىلىمىگە توغرا كەلمەيتتى»دەيدۇ. 

 ئۇ نەزەرىيىۋى فىزىكىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرغان، بۇ ئۇسۇللار باشقا پەنلەرگىمۇ باب كېلىدۇ. ئۇ ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ ئىككى خىل ئاساس قىلىش، يەنە بىرى، ماتېماتىكا ئاساسىنى ئاساس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەتقىقاتتا ئېچىۋېتىلگەن مېڭىنى ساقلىغان ھالدا يېڭى ئىدىيىنى قۇبۇل قىلىش كېرەكلىكىنى. يەڭگىل ھالەتتە ساقلاپ، ئىجادىي تەپەككۈر پەيدا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىلمىي تەتقىقات ئەمەلىيىتىدىن خۇلاسىلەپ چىقىلغان بۇ نەتىجىلەر كىشىلەرگە مېتودولوگىيلىك ئىلھام بېرىدۇ.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#