چاچراتقۇ
بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ بالىلارنىڭ يۈز قىسمى ياكى پۇت-قوللىرىدا دەسلەپ قىزىل داغلىق چوڭ-كىچىكلىكى پۇرچاق ياكى تىرناقتەك چوڭلۇقتا غودۇر-بۇدۇر يىرىڭلىق ياكى سۇلۇق يىرىڭلىق قاپارتقۇ پەيدا بولۇش، قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: بالىلارنىڭ يۈز قىسمى ياكى پۇت-قوللىرىدا دەسلەپ قىزىل داغلىق چوڭ-كىچىكلىكى پۇرچاق ياكى تىرناقتەك چوڭلۇقتا غودۇر-بۇدۇر يىرىڭلىق ياكى سۇلۇق يىرىڭلىق قاپارتقۇ پەيدا بولۇش، قىچىشىش، قاشلىغاندا ئۇچى بۇزۇلۇپ، شەلۋەرەپ قاقاچ ۋە تۈگۈنچە ھاسىل قىلىش، ئاققان سۇ ۋە يىرىڭ نەگە تەگسە شۇ يەردە يۇقۇملىنىش پەيدا بولۇپ، ساق تېرىلەرگە تارقىلىش، بەزىدە بىرنەچچىسى بىر-بىرىگە تۇتىشىپ سۇ ساقىپ تۇرىدىغان شەلۋەرەشلىك جاراھەت ھاسىل قىلىش، بەزىدە لىمفا تۈگۈنلىرى يوغىناش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: چۆپچىنى 30 گىرام، بەدىيان، ئامىلە، سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، جۇۋىنە، شاقاقۇل، جويۇز، بوزىدان، سەۋزە ئۇرۇقى، ئۇد ھىندى، دارچىن، بەسباسە، سۇمبۇل، ئاسارۇن، قەلەمپۇر، سۆرۈنجان مىسىرى، خولىنجان، سۆئدى كۇپى، پىلپىل، زەپەر، كۇندۇر، زەنجىۋىل 10گىرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، قارا ھېلىلە 15 گىرامدىن، سەبرە سۇقۇترى 20 گىرام، سوقمونىيا 5. 7 گىرام، شاھتەررە 100 گىرام، قىزىلگۈل سەككىز گىرام، سانا ئالتە گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى شاھتەررە بىلەن يۇغۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم 4 ~ 6 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.