مىنېرال ماددا
زۇمرەت

زۇمرەت قان توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار مىنېرال ماددا.



ئۇيغۇرچە نامى زۇمرەت
ئەرەبچە نامى ئېمېرالد. زۇمرەد
ئىنگلىزچە Emerald
چىقىش ئورنى شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋە كۆكتوقاي قاتارلىق جايلىرىدىن چىقىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى 纯绿宝石 chun lu bao shi
پارسچە نامى زۇمرەد
ئوردۇچە نامى زۇمرەد، پانا
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق، ئىككىنچى دەرىجىدە سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 يېشىل رەڭلىك، سۈزۈك، پارقىراق، پۇراقسىز، تەمسىز كەلگەن،  ناھايىتى كۆركەم، ئاز ئۇچرايدىغان قىممەت باھالىق مىنېرال ماددا .

ئائىلىسى

ئاز ئۇچرايدىغان قىممەت باھالىق مىنېرال ماددا.

سۈپىتىنى ئېنىقلاش 

 ئارىلاشمىلىرى ئاز، سۈزۈك بولغان زۇمرەتلەر ئاز ئۇچرايدۇ. رەڭگى يېشىل، سۈزۈك، پارقىراق، جۇلالىق، ساپ بولغىنى ياخشى ھېسابلىنىدۇ ۋە شۇ خىلى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. 

دورىلىق ئورنى

پۇتۇن جىسمى

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

مەجۈنى زۇمرەت، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى.

يۈرەك، مېڭە، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش، كۆزنى قۇۋۋەتلەش، ئارتۇق ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، قان توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

يۈرەك مۇسكۇلىنى قۇۋۋەتلەش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئورۇنباسارى

مەرۋايىت، ياقۇت.

ئەكىس تەسىرى

ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلسا دوۋساققا زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

ھەسەل، تەرخەمەك ئۇرۇقى.

1. تاباشىر 10 گرام، قاشتېشى3 گرام، سەندەل 10 گرام، زۇمرەت 2 گرام، قىزىلگۈل 15 گرام، سوقۇپ، سۇپۇپ تەييارلاپ، يۈرەك ساھەسىگە چېپىپ بەرسە، يۈرەك رېتىمسىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. ئاقاقىيا 10 گرام، رۇببىسۇس 15 گرام، زۇمرەت 2 گرام، ئەنجىباھار 10 گرام، سوقۇپ ھەب تەييارلاپ ئىچسە ياكى سۇپۇپ تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا سەپسە، قان توختىتىدۇ، جاراھەتنى پۈتتۈرىدۇ.

3. سۈرمىدىن 1 گرام، زۇمرەتتىن 1 گرام، يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ، كۆزگە سۈرمە قىلىپ تارتسا، كۆزنى قۇۋۋەتلەيدۇ، كۆرۈش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

مىقدارى 

1~ 0.8 گىرام[0]


مەرۋايىت، ياقۇت

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=285

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#