قىزىل ئېقىن تەبىئىي ياۋا ئۆردەك كۆلى

توقسۇ ناھىيە بازىرىدىن دۆلەت يولى 314-لىنيەسىنى بويلاپ غەربكە قاراپ، 30 كىلومېتىر يول ماڭغاندىن كېيىن، جەنۇب تەرەپكە بۇرۇلۇپ، يەتتە كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، قىزىل ئېقىن تەبىئىي ياۋا ئۆردەك كۆلىگە يېتىپ بارغىلى بولدۇ.

نامى قىزىل ئېقىن تەبىئىي ياۋا ئۆردەك كۆلى
جۇغراپىيەلىك ئورنى توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربى جەنۇبى قىسمىدا
تەۋە رايون شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توقسۇ ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ تاغ تىزمىسى، يېزا ئىگىلىك، بوستانلىقلىرى، ئورمانچىلىق، ئوتلاق رايونى، دەريالىرى، يارداڭلىق، قۇم بارخانلىرى، توغراقلىقى، چۆل – باياۋانلىرى، سازلىق، كۆل قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىگاھلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى مەدەنىيىتى، بوستانلىق مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن ئاۋات يۇرتلارنىڭ بىرى. 21 -ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، توقسۇدا بايقالغان تۈرلۈك سېھىرلىك مەنزىرىگاھلار ۋە ساياھەت نۇقتىلىرى ئۆزىنىڭ سىرلىقلىقى ۋە ئۆزگىچىلىكى بىلەن كىشىلەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ، ئۇلارغا يېڭىچە ئېستېتىك زوق بېغىشلايدۇ.

توقسۇ ناھىيە بازىرىدىن دۆلەت يولى 314-لىنيەسىنى بويلاپ غەربكە قاراپ، 30 كىلومېتىر يول ماڭغاندىن كېيىن، جەنۇب تەرەپكە بۇرۇلۇپ، يەتتە كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، قىزىل ئېقىن تەبىئىي ياۋا ئۆردەك كۆلىگە يېتىپ بارغىلى بولدۇ. بۇ كۆلنىڭ ئەتراپىدىكى دائىرە 10 مىڭ موغا يېقىن كېلىدۇ، كۆل ئەتراپى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئورالغان. كۆل ئىچىدە نۇرغۇن قومۇشلار ئۆسۈپ كەتكەن بولۇپ، كۆلدە ياۋا ئۆردەكلەر توپ – توپ بولۇپ ئۈزۈشۈپ يۈرىدۇ، قىزىل ئېقىن تەبىئىي ئۆردەك كۆلنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى تەبىئىي ھەم ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، ساياھەت قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جاي ھېسابلىنىدۇ.

توقسۇ ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىكنى ئېچىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كۆك ئاسمان جىلغىسى تەبىئىي مەنزىرە بىلەن تارىخىي مەدەنىيەت بىر گەۋدە قىلىنغان مەنزىرىگاھ بولۇپ، ئېچىش، تەتقىق قىلىش ۋە پايدىلىنىش قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى. نۆۋەتتە، ناھىيەمىز كۆك ئاسمان جىلغىسى، تېتىر ئويمانلىقى ۋە قىزىل ئېقىن جىلغىسىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئېچىپ، ئۇنى چارلاش ساياھەتچىلىكى ۋە تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە ساياھەت رايونىغا ئايلاندۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#