شىئەن

شىئەن قەدىمكى نامى چاڭئەن، مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نامى شىئەنگە ئۆزگەرتىلگەن. شەنشى ئۆلكىسىدىكى ۋېيخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا، چىنلىڭ تېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، تاغ-دەريالار كۆپ، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك جاي. 

ئۇيغۇرچە نامى شىئەن
باشقا نامى 长安、镐京、西京、大兴等
تەۋە رايون جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال رايونى
ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغ مۇسسون ئىقلىمى
خەنزۇچە نامى 西安
مەمۇرىي رايون تۈرى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر
جۇغراپىيەلىك ئورنى گۇنجوڭ تۈزلەڭلىكىنىڭ وتتۇرا قىسمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىئەنشىئەن قەدىمكى نامى چاڭئەن، مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نامى شىئەنگە ئۆزگەرتىلگەن. شەنشى ئۆلكىسىدىكى ۋېيخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا، چىنلىڭ تېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، تاغ-دەريالار كۆپ، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك جاي. غەربىي جۇ، چىن، غەربىي خەن، ئالدىنقى جاۋ، ئالدىنقى چىن، كېيىنكى چىن، غەربىي ۋېي، شىمالىي جۇ، سۇي، تاڭ قاتارلىق ئون سۇلالە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇ يەردە پايتەخت قۇرغان، ۋاقتى جەمئىي1000 يىلدىن ئاشىدۇ. ئېلىمىز تارىخىدا پايتەخت قىلغان سۇلالىلەر ئەڭ كۆپ، ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغان قەدىمىي پايتەخت. بولۇپمۇ خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە پايتەخت چاڭئەن ئەينى چاغدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئاۋات شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، «غەربتە رىم، شەرقتە چاڭئەن بار» دەپ تەرىپلەنگەن. مەشھۇر قەدىمكى «يىپەك يولى» نىڭ باشلىنىش نۇقتىسى چاڭئەندە. جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنى زىلزىلىگە سالغان «شىئەن ۋەقەسى» دەل مۇشۇ يەردە يۈز بەرگەن. شىئەننىڭ يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستىدا نۇرغۇن قەدىمكى قۇرۇلۇش ۋە قىممەتلىك تارىخىي ئاسارئەتىقىلەر ساقلانغان.

شىئەن مەشھۇرلىرىدىن: بەنپۇ ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جامائەسى خارابىسى، غەربىي جۇ سۇلالىسىنىڭ فېڭگاۋ خارابىسى، چىن سۇلالىسى ئافاڭگۇڭ قەسىرى خارابىسى، چىن شىخۇاڭنىڭ قەبرىسى، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاڭئەن شەھىرى، تاڭ سۇلالىسى دامىڭگۇڭ قەسىرى خارابىسى، دايەنتا مۇنارى، شياۋيەنتا مۇنارى، جاۋلىڭ قەبرىستانلىقى، چيەنلىڭ قەبرىستانلىقى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمىي شەھەر سېپىلى، جۇڭلۇ(قوڭغۇراق) راۋىقى، گۇلۇ(دۇمباق) راۋىقى، ئابىدە تاشلار، شۇنىڭدەك شىئەن ۋەقەسى يۈز بەرگەن كونا ئورۇن، 8-ئارمىيىنىڭ شىئەندىكى ئىش بېجىرىش ئورنى قاتارلىقلار بار. 1974-يىلى قېزىلغان چىن شىخۇاڭ قەبرىسىدىكى ئەسكەر-ئات ھەيكەللەرنىڭ كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك بولۇپ، جاھاننى زىلزىلىگە سېلىپ، دۇنيادىكى 8-مۆجىزە، دەپ ئاتالغان. شىئەندىكى ئابىدە تاشلاردا دەۋرلەردىن بۇيانقى خەتتاتلارنىڭ خەتلىرى ئويۇلغان ئابىدىلەر ساقلانغان بولۇپ، جۇڭگو خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ خەزىنىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#