تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى

تامچە قۇرۇتلۇق جىنسى يول ياللۇغى

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تامچە قۇرتنىڭ جىنسىي يولدا پارازىتلىق بىلەن ئۆسۈپ كۆپىيىپ ياللۇغ ئوچىقى شەكىللەندۈرۈشىدىن كلىنكىدا سېسىق پۇراقلىق ئاق خۇن كۆپىيىش، جىنسىي ئەزالار قىچىشىش، جىنسىي ئەزالار كۆيۈشكەندەك بولۇش، توغماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. 

غەرب تېبابىتى نامى تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى خىلتىسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى ئاق خۇن كۆپ كېلىدۇ.
خەنزۇچە نامى 滴虫性阴道炎
كېسەللىك ئورنى جىنسى يول

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تامچە قۇرتنىڭ جىنسىي يولدا پارازىتلىق بىلەن ئۆسۈپ كۆپىيىپ ياللۇغ ئوچىقى شەكىللەندۈرۈشىدىن كلىنكىدا سېسىق پۇراقلىق ئاق خۇن كۆپىيىش، جىنسىي ئەزالار قىچىشىش، جىنسىي ئەزالار كۆيۈشكەندەك بولۇش، توغماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. جىنسىي يول تامچە قۇرتى- تامچە قۇرت نەشپۈت شەكىلدە بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى تەخمىنەن كۆپ يادرولۇق ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ 2 ~ 3 ھەسسىسىچىلىك كېلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 ~ 20ml ، كەڭلىكى 5 ~ 15ml كېلىدۇ. باش تەرىپىدە 4 تال مويى بولىدۇ. قۇيرۇق تەرىپىدىن ئوق غولى چىقىپ تۇرىدۇ. قورسىقىدا يەنە دولقۇن شەكىللىك تەۋرەتكۈچ پەردىسى بولىدۇ. بۇ ئوق غولى بىلەن تۇتاشقان بولۇپ شۇ ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىدۇ. يادروسى بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ. پەقەت ئوزۇقلاندۇرغۇچى تەنچىسىلا بولۇپ، قاپلىق تەنچىسى بولمايدۇ  . بۇ بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈشى شەكلىدە كۆپىيىدۇ. تامچە قۇرۇتنىڭ ياشىشى ئۈچۈن PH قىممىتى 5.5~6 بولغان شارائىت ئەڭ مۇۋاپىق بولۇپ، PH قىممىتى 5 تىن تۆۋەن 7.5 دىن يۇقىرى بولغان مۇھىتتا ياشىيالمايدۇ. 46℃ لۇق مۇھىتتا ′20 ~ ′60 غىچە ياشىيالايدۇ. قۇرۇق ھەم سوغۇق مۇھىتتا بەلگىلىك ھاياتىي كۈچىنى ساقلىيالايدۇ. ئادەتتىكى سوپۇن سۈيىدە 45′~2h كىچە ياشىيالايدۇ. بۇ قۇرت كىسلاتالىق مۇھىتقا سەزگۈر بولۇپ ياشىيالمايدۇ. ھەيز دەۋرىدە جىنسىي يولنىڭ كىسلاتالىقى ئاجىزلاپ، تامچە قۇرتنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە قۇلايلىق بولىدۇ، شۇڭا ھەيزدىن كېيىن ئاسان قوزغىلىدۇ. بۇ جىنسى يول ئارقا گۈمبەز قىسمىدا كۆپرەك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۈيدۈك يولى، دوۋساق ۋە ئەرلەرنىڭ خەتنىلىك قاتلىرى، مەزى بېزىگە بېسىپ كىرىدۇ.

1.خىلتىسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھەرخىل سەۋەبلەردىن زىيادە قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن بەدەنگە تەسىر قىلسا خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ. تامچە قۇرت جاراسىمى قۇرۇق سوغۇق مۇھىتتا ياشاشقا ماسلاشقان بولغاچقا، ھەرخىل يوللار ئارقىلىق تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن تامچە قۇرت جاراسىمى بەدەندە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن قۇرۇق سوغۇق مۇھىتتا ئۆزلۈكسىز ئۆسۈپ كۆپىيىپ، يەرلىك ئورۇندا جۈملىدىن جىنسىي يولدا ياللۇغلۇق كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى پەيدا قىلىپ جىنسى يول ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى تامچە قۇرتنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە ماس كېلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بەدەن مۇھىتىدا ياشاپ كېلىۋاتقان تامچە قۇرت جاراسىمى بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، ئاسانلا ئۆسۈپ كۆپىيىپ جىنسىي يول ياللۇغنى پەيدا قىلىدۇ.

3. تەبىئەت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھەر خىل سەۋەبلەردىن پۈتۈن بەدەنلىك خىلىتسىز ياكى خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش بولۇش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، روھىي ئامىل، تازىلىق ئامىلى، مەدەنىيەت سەۋىيە ئامىلى قاتارلىقلار بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى ئاجىزلىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەن سىرتىدىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگۈچى جاراسىملارنىڭ بەدەندە ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە ياكى بەدەندە بار بولغان جاراسىملارنىڭ يەرلىك ئورۇندا ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شارائىت ھازىرلىنىدۇ. مەسىلەن: تامچە قۇرت بىلەن يۇقۇملانغان ئەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە بۇ كېسەللىك كۆرۈلىدۇ ياكى كېسەل بولغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ چوڭ تەرىتى ۋە سۈيدۈك يولىدىن بىۋاسىتە يۇقىدۇ. يەنە بەزىلەردە ئاممىۋى مۇنچىلاردا يۇيۇنۇش ۋە سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرىدە يۇيۇنۇش، ئىچ كىيىم، يوتقان كۆرپىنى ئورتاق ئىشلىتىش، ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش سايمانلىرىدىن يوقۇملىنىش قاتارلىقلار.

ئاق خۇن كۆپ كېلىدۇ. تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغىدا تىپىك بولغان كۈلرەڭ سېرىق ياكى كۈلرەك كۆپۈكلۈك ئاق خۇن كېلىدۇ. سۇيۇق، سېسىق پۇراقلىق، بەزىدە قىزغۇچ كېلىدۇ. ئارىلاشما يۇقۇملانغاندا يىرىڭلىق كېلىدۇ. ئاق خۇن كۆپەيگەندە، سىرتقى جىنسىي ئەزا ۋە جىنسىي يولنى غىدىقلاپ، ياللۇغ ئوچىقىنى شەكىللەندۈرۈپ، قىچىشىش، كۆيۈشۈش سېزىمى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر تامچە قۇرت سۈيدۈك يولى ياكى دوۋسۇنغا ھۇجۇم قىلسا، سۈيدۈك قېتىمى كۆپىيىش، سىيگەندە ئاغرىش ھەتتا بەزىدە قانلىق سۈيدۈك كېلىش كۆرۈلىدۇ. تۇغماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. تامچە قۇرت ئۇرۇقنى يۇتۇپ كەتكەنلىكتىن ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئاجرىلىپ چىققان ئاجرالمىلار ئۇرۇقنىڭ ياشىشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكتىن، تۇغماسلىق قوشۇلۇپ كېلىشى مۇمكىن. ئاياللار بۆلۈمىدە جىنسىي يولنى تەكشۈرگەندە، جىنسىي يول شىللىق پەردىسىگە قان تولغان، بالىياتقۇ بوينى ئارقا گۈمبىزى، بالىياتقۇ بوينى شىللىق پەردىسىدە تىپىك كىچىك قىزىل دانچىلار پەيدا بولغان بولىدۇ. كۆپلىگەن تىپىك ئاق خۇن بالىياتقۇ بوينى ئارقا گۈمبىزىگە يىغىلىپ قالىدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. سېسىق پۇراقلىق ئاق خۇن كېلىش، جىنسىي ئەزا قىچىشىش، تۇغماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇنداقلا ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرگەندە بالىياتقۇ ئارقا گۈمبىزىدە ئاق خۇن يىغىلىپ قالغان بولىدۇ، جىنسىي يول شىللىق پەردىسىگە قان تولۇش، بالىياتقۇ بوينىدا كىچىك قىزىل دانچىلار پەيدا بولغان بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش:ئاق خۇندىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرگەندە، تامچە قۇرت تېپىلىدۇ.

(1)تامچە قۇرتنى تېمىتىش ئۇسۇلىدا تەكشۈرۈش: ئەينەك پلاستىنكىغا ئىلمان فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيىدىن بىر تامچە تېمىتىپ جىنسىي يول ئارقا گۈمبەز قىسمىدىن ئازراق ئاق خۇن ئېلىپ ئۇنىڭغا ئارىلاشتۇرۇپ، دەرھال مىكروسكوپنىڭ تۆۋەن ھەسسىلىك ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە ئەگەر تامچە قۇرت بولسا ئۇنىڭ دولقۇنسىمان ھەرىكەتلەنگەنلىكىنى، ئەتراپىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى ئىتتىرىپ مىدىرلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

2) گۇمانلىق بىمارلاردا كۆپ قېتىم تېمىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىقمۇ تامچە قۇرتنى تاپقىلى بولمىغاندا قۇرتنى ئۆستۈرۈپ تەكشۈرگەندە توغرىلىق نىسبىتى %98 كە يېتىدۇ.

زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدا قىچىشىش سېزىمى تامچە قۇرۇتلۇق جىنسىي يول ياللۇغىغا قارىغاندا كۈچلۈك بولىدۇ، ئاق خۇن دۇفۇ تىرىپىدەك ياكى ئېرىگەن سۈتتەك پىشلاقسىمان بولىدۇ، ئاق خۇندىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرگەندە مىكروسكوپ ئاستىدا ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغنى كۆرگىلى بولىدۇ.

بۇ كېسەلنىڭ يۇقۇملىنىش شەكلىدىن قارىغاندا، ئالدىنى ئېلىش ئەڭ مۇھىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرنەچچە جەھەتلەردە دىققەت قىلىش كېرەك.

1. تازىلىق تەشۋىقات تەربىيىسىنى ياخشى ئىشلەش، ھەممە كىشى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش، كىر يۇيىدىغان ياكى يۇيۇنىدىغان داسلارنى ياكى سۇ ئۈزۈش كىيىملىرى ۋە ئىچ كىيىملەرنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

2. كوللېكتىپ ياتاقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىش، كېسەللەرنى ئايرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش لازىم.

3. ئاممىۋى مونچىلاردا يۇيۇنۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.

4. ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا، قايتا يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش. ئاياللار بۆ لۈمىدە ئىشلىتىدىغان تەكشۈرۈش سايمانلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

5. ئىچ كىيىملەرنى، يۇيۇنۇش لۆڭگىسىنى قايناق سۇدا يۇيۇش ۋە ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ دەزمال سېلىپ كىيىش كېرەك.

1. مىزاج بۇزۇلۇشدىن كېلىپ چىققان بولسا تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. جاراسىملارنى يوقىتىپ، ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3. تەبىئەت كۈچىنى كۈچەيتىپ بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

خىلتىسىز قۇرۇق سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇشقا قارىتا مىزاجنى تەڭشەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ قوللىنىلىدۇ. سامساقنى ئېزىپ سۇغا چىلاپ يەرلىك ئورۇن يۇيۇلىدۇ. شاپتۇل مېغىزى، شاپتۇل يوپۇرمىقى، مامىرانچىنى، شاھتەررە، موزا قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قوشۇپ ياكى يەككە ھالدا قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇن يۇيۇلىدۇ. سىركە ياكى ئاچچىقسۇنى سۇيۇلدۇرۇپ يەرلىك ئورۇن كۈندە ئۈچ قېتىم يۇيۇلىدۇ. مامىرانچىنىڭ قاينىتىلغان سۈيىگە داكا ياكى پاختىنى چىلاپ جىنسىي يولغا قويۇلىدۇ. بۇ كۈندە ئىككى قېتىمدىن يەتتە كۈن داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. بابۇنە، ئىكلىلمىلىك، ئىتئۈزۈمى، شاھتەررە، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمشىباھار ئۇرۇقى، قەمبىل، موزا، بەرەنگى كابىلە، سوزاپ يوپۇرمىقى، زۇپا ھىندى، شاپتۇل قوۋزىقى ياكى شاپتۇل يوپۇرمىقى، سەرسىبىل، چۆپچىن قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يەتتە لىتر ئەتراپىدا قايناتما تەييارلاپ ئاندىن سوۋۇتۇپ، ئىلمان ھالەتكە كەلگەندە، بىمارنى ئولتۇرغۇزۇپ 10′~15′ تىن كېيىن ئابىزەن قىلغان ھالەتتە ئولتۇرغۇزۇلۇپ، بىمار چىداشلىق بېرەلىگەنگە قەدەر تەدرىجىي قىزدۇرىلىدۇ. جىنسىي يولدىكى ياللۇغنى قايتۇرۇش مەقسىتىدە TDP نۇرى ئارقىلىق داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، ئاساسلىق جىنسىي يولنى قاقلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. يەنى ئالدى بىلەن جىنسىي يول ئاياللار تازىلىق سۈيىدە پاكىز تازىلىنىدۇ. TDP نۇرىغا ′10 ~ ′15 قىچە جىنسىي يول، بالىياتقۇ بوينى، بالىياتقۇ گۈمبىزى قاقلىنىدۇ. يەتتە كۈن بىر داۋالاش كۇرسى قىلىنىدۇ. گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا قان تازىلىغۇچى، ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن شاھتەررە، چۆپچىن، ئۆشبە قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 ~ 60 مىللىلىتىردىن، 9 ~ 7 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 ~ 60 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىپ، گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. جاراسىملارنى يوقىتىپ ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش مەقسىتىدە ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، شەربىتى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 100 مىللىلىتىردىن، ئەرقى چۆپچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، مەجۈنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن كېسەلىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، تەبىئەت كۈچىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە داۋائىمىشكى كۈ ندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن ئۈچ گرامدىن، ماددە تۇلھايات كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن 10 گرامدىن، جاۋارىش مىشكى تاماقتىن كېيىن 10 ~ 7 گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 ~ 5 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەللىك، زىيادە يۇقىرى ھارارەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، قان ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يىمەك-ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن: توخۇ گۆشى، پاقلان گۆشى، كەپتەر گۆشى، چىلان، كۆك ئۈزۈم، بادام قاتارلىقلار.

3. شەخسىي تازىلىق ۋە ئاممىۋى تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، جىنسىي ئەزالارنىڭ پاكىز، قۇرغاق بولۇشىغا دىققەت قىلىش، باشقا كېسەللىكلەر بولسا ۋاقتىدا داۋالىتىش، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

4. بەك قېلىن كىيىنىشتىن، ئاممىۋى مۇنچىغا چۈشۈش ۋە سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرىدە سۇ ئۈزۈشتىن، ئىچ كىيىملەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ كىيىشتىن، ناپاك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم، بولۇپمۇ كېسەل تولۇق ساقىيىپ بولمىغىچە قەتئى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق كېرەك.

1. تۇغماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى تامچە قۇرت ئۇرۇقنى يۇتۇۋالغانلىقى ياكى جىنسىي يولدىن ئاجرىلىپ چىققان ئاجرالمىلار ئۇرۇقنىڭ ياشىشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكتىن تۇغماسلىق كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

2. بۇ كېسەلنى ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتىلمىسا ئاجرالما ماددىلار سىرتقى جىنسىي ئەزالارنى غىدىقلاپ تاشقى جىنسىي ئەزالار ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تاشقى جىنسى ئەزا قىچىشىش كېسىلى كېلىپ چىقىپ كېسەلگە سەل قارالسا تاشقى جىنسىي ئەزا راكىنى پەيدا قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1270

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1270

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#